• ئەڭ يېڭى خوندا CR-V ئاپتوموبىلىنىڭ سەپلىمە ئۇچۇرى ئاشكارىلاندى
  • يوللانغان ۋاقتى : 2017-07-03 مەنبەسى : ۋاڭيى تورى ئاپتۇرى :

ۋاڭيى تورى ئاپتوموبىل قانىلى 3-ئىيۇل خەۋىرى،

يېقىندا شەرق شامىلى خوندانىڭ ئەڭ يېڭى بىر ئەۋلاد CR-V ئاپتوموبىلىنىڭ سەپلىمە ئۇچۇرى ئاشكارىلاندى، يېڭى ئاپتوموبىلغا جىددىي تورمۇز سىستېمىسى، سۈرئەت بەلگىلەپ يۈرۈش، بالون بېسىمىنى ئۆلچەش سىستېمىسى، LED كۈندۈزلۈك چىرىغى، ئالدى-كەينى بىخەتەرلىك ھاۋا خالتىسى، ئالدى-كەينى يان ھاۋا خالتىسى قاتارلىقلار سەپلەنگەن، يۇقىرى سەپلىمىلىك ماشىنا تىپىغا يەنە كۆپلىگەن تېخنىكىلىق سەپلىمىلەر سەپلەنگەن.

يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى يۈزىگە خوندانىڭ يېڭى جەمەتلەشكەن لايىھە ئىدىيەسى ئىشلىتىلگەن، ئالدى چوڭ چىراغ سىزىقلىرى تېخىمۇ جەزبىدار، ئالتە تەرەپلىك ئالدى سالاسۇننىڭ ئۈستى قىسىمىغا چوڭ يۈزلۈك خىروم يالىتىلغان بېزەك قوللانغان، ئاستى يېرىم قىسىمىغا قارا ھەرە كۆنىكىسىمان لايىھە قوللىنىلغان.

ئىچكى بېزەكتە يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ مەركىزىي كونترول سۇپىسىغا چوڭ رازمېرلىق سۇيۇق كىرىستاللىق ئېكران سەپلەنگەن، بۇنىڭدىن سىرت، ياغاچ بېزەك تاختا ھەمدە يۇمشاق ماتېرىيالنىڭ قوللىنىشى ئىچكى بېزەكنىڭ سۈپەت تۇيغۇسىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرگەن. خوندا بىلەن Garmin ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىپ چىققان يول باشلاش سىستېمىسى سەپلەنگەن، بۇنىڭدىن سىرت، يەنە بىر كۇنۇپكىدا قوزغىتىش، يىراق ئارىلىقتىن قوزغاتقىلى بولىدىغان قوش تېمپراتۇرا دائىرىلىك ئاپتوماتىك ھاۋا تەڭشىگۈچ، ئېلېكترونلۇق تورمۇز قاتارلىقلار سەپلەنگەن.


ھەرىكەت كۈچىدە ئەڭ يېڭى بىر ئەۋلاد CR-Vغا 1.5Tلىق ماتور سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 193 ئات كۈچى، ئەڭ چوڭ تولغىنىش مومېنتى 240 نيۇتون مېتىر، CVT قۇتۇپسىز تېزلىك ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلغان، يۇقىرى سەپلىمىلىك ماشىنا تىپىغا تۆت چاق قوزغىتىش سىستېمىسى سەپلەنگەن.

كۆرۈش 300 300 لىك
ئاۋات ماشىنا تىپلىرى