• ماشىنىنىڭ بۇ ئىقتىدارنى ياخشى ئىشلەتمىسىڭىز ماشىنا ۋە ئۆزىڭىزنى زىيانغا ئۇچرىتىسىز
  • يوللانغان ۋاقتى : 2017-07-03 مەنبەسى : تېڭشۈن خەۋەر تورى ئاپتۇرى :

تېڭشۈن تورى 3-ئىيۇل خەۋىرى، 

بۈگۈنكى كۈندە ماشىنا تېخنىكىسى تەرەققىي قىلىپ ئىنتايىن ئىلغارلاشتى، تۈرلۈك ئىلغار تېخنىكىلار ماشىنىلارغا كۆپلەپ سەپلەندى، ئەڭ دەسلەپكى ABSتىن كېيىنكى ESPغىچە، ئەڭ دەسلەپكى ئارقىغا ياندۇرۇش رادارىدىن كېيىنكى ئارقىغا ياندۇرۇش كامېراسىغىچە بولغان سەپلىمىلەر كىشىلەرنىڭ ماشىنا ھەيدىشىنى تېخىمۇ قولاي ۋە ئاسانلاشتۇردى. ئەمما يەنە بىر جەھەتتىن ماشىنا باشتىن ئاخىر ئادەملەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان قورال، ئىلغار تېخنىكىغا زىيادە تايىنىۋالغاندا ئىنسانلارنىڭ ھەيدەش ماھارىتى ئاجىزلاپ كېتىدۇ. مەلۇم ئالاھىدە ئەھۋالدا قاتتىق سىناقتىن ئۆتكەن ھەيدەش تېخنىكىسى ۋە سەزگۈر ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارى ناھايىتى زۆرۈر بولىدۇ، تۆۋەندە تونۇشتۇرماقچى بولغان ئىقتىدارنى كۆپىنچە كىشىلەر ئىشلىتىپ باققان بولۇشى مۇمكىن، ئۇ بولسىمۇ مۇقىم سۈرئەتتە يول يۈرۈش ئىقتىدارى. 

ماشىنىنىڭ مۇقىم سۈرئەتتە يول يۈرۈش ئىقتىدارى ماشىنىنىڭ مۇقىم سۈرئەتتە يول يۈرۈشىنى كونترول قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ، ماشىنا بۇ ھالەتكە تەڭشەلگەن ھامان ماتورنىڭ ماي سەرپىياتى كومپيۇتېر تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدۇ، كومپيۇتېر يول ئەھۋالى ۋە ماشىنىنىڭ يول يۈرۈش قارشىلىق كۈچىگە ئاساسەن ماي تەمىنلەش مىقدارىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ، ماشىنىنىڭ بەلگىلەنگەن سۈرئەتنى ساقلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، شوپۇر ماي پېدالىغا دەسسىمىسىمۇ بولىدۇ. نۆۋەتتە سۈرئەت كونترول قىلىش سىستېمىسى ئوتتۇرا-ئالىي دەرىجىلىك پىكاپلارنىڭ ئۆلچەملىك سەپلىمىسىگە ئايلاندى.


ئىشلىتىشكە ماس كېلىدىغان ئەھۋال

مۇقىم سۈرئەتتە يول يۈرۈش ئىقتىدارى ئادەتتە ئۇزۇن يولغا يۇقىرى سۈرئەتتە ھەيدەپ ماڭغان ئەھۋالغا ئىشلىتىشكە ماس كېلىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالدا مۇقىم سۈرئەتتە يول يۈرۈش ئىقتىدارىنى ئىشلەتكەندە شوپۇرنىڭ چارچاپ كېتىشىنى ئازايتىپ، شوپۇرنىڭ ئىككى پۇتىنى ۋاقىتلىق ئارام ئالدۇرىدۇ. 


ماشىنا ئىگىلىرىنىڭ مۇقىم سۈرئەتتە يول يۈرۈش ئىقتىدارىغا بەرگەن باھاسى

ئەۋزەللىكى: 

(1) شوپۇرنى مۇۋاپىق ئارام ئالدۇرۇپ، شوپۇرنىڭ ئوڭ پۇتىنى ئازاد قىلىدۇ. 

(2) يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا 110-120لىك سائەتلىك سۈرئەتتە ماڭغان ۋاقىتتا يېقىلغۇ ۋە ماشىنا ئىشلىتىش تەننەرخىنى تېجەيدۇ. 

كەمچىلىكى:

(1) تورمۇز قىلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىۋېتىدۇ: مۇقىم سۈرئەتتە يول يۈرۈش ھالىتىدە تورمۇزغا دەسسىگەندە ئاۋۋال بۇ ھالەت بىكار قىلىنىپ ئاندىن تورمۇز قىلىنىدۇ، شۇڭا بۇ خىل ھالەتتە ماشىنا ھەيدىگەندە تورمۇز قىلىشقا توغرا كەلسە تورمۇز قىلىش ۋاقتى ئادەتتىكى ئەھۋالدىن سەل ئۇزۇنراق بولىدۇ. 

(2) شوپۇر ھوشيارلىقىنى بوشاشتۇرۇپ قويىدۇ: بولۇپمۇ يۇقىرى سۈرئەتتە ئۇزۇن ۋاقىت بۇ ئىقتىدارنى ئىشلەتكەن ۋاقىتتا، تۇيۇقسىز ئەھۋال يۈز بەرسە شوپۇر دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ بولالماي ئاسانلا ھادىسە كېلىپ چىقىدۇ. 

(3) ماشىنا ئەگىلمە يولدىن ئۆتكەن ۋاقىتتا ئاسانلا ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ: دۆلەت ئىچىدىكى يول ئەھۋالى مۇرەككەپ، ياۋروپا-ئامېرىكىدىكى بەزى تۈپتۈز يوللارغا ئوخشىمايدۇ، مۇقىم سۈرئەتتە يول يۈرۈش ئىقتىدارىدا ماشىنىنىڭ سۈرئىتى 40km/hتىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك، بۇنداق سۈرئەتتە ئەگىلمە يولدىن ئۆتكەندە ناھايىتى ئاسانلا خەتەر كېلىپ چىقىدۇ. 

گەرچە مۇقىم سۈرئەتتە يول يۈرۈش بىر تۈرلۈك ئىلغار تېخنىكا بولۇپ، ماشىنىدا ئىشلىتىشتە بەلگىلىك يىل چېكى بارلىقى ئۇنىڭ تۇراقلىقلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرسىمۇ، ئەمما كۈندىلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ئىشلىتىشتە يەنىلا يول ئەھۋالىغا ئاساسەن قارار قىلغان ياخشى.

سۈنئىي ئىدراك بەرىبىر سۈنئىي ئىدراك، بەلكىم تۇيۇقسىز مەسىلە كۆرۈلۈشىمۇ مۇمكىن، مەسىلەن: بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا مۇقىم سۈرئەتتە يول يۈرۈش ئىقتىدارىدا مەسىلە كۆرۈلۈپ ماشىنا توختىماي ھادىسە كۆرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرمۇ تارقالغان، گەرچە بۇ ئايرىم ئەھۋال بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا كىشىلەرنى بۇ ئىقتىدارغا تايىنىۋالماسلىققا ئەسكەرتىدۇ، بۇ ئىقتىدار يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا كۆپرەك ئىشلىتىلسىمۇ، ئەمما يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىكى ھادىسىلەرمۇ بەكلا ئېچىنىشلىق. 

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپتوموبىل مەڭگۈ ئىنسانلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان قورال خالاس، شۇڭا تېخنىكىنىڭ ئىلغارلىشىشى سەۋەبلىك ئەڭ دەسلەپكى شوپۇرلۇق تېخنىكىسىنى تاشلاپ قويۇشقا بولمايدۇ، ھەرقانچە ئىلغار تېخنىكا بولسىمۇ، پەقەت ئىنسانلارنىڭ ماشىنا ھەيدىشىگە ياردەم بېرىدىغان قورال، شۇڭا ئاپتوموبىل ئىگىلىرى تېخنىكىغا قۇل بولۇپ، ئۆزى بىلەن ماشىنىنى ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ قويسا بولمايدۇ. 


خۇلاسە:

يۇقىرى شۇنچە نۇرغۇن قائىدىلەرنى سۆزلەپ ئۆتتۇق، بۇ مەزمۇنلارنىڭ يادروسى شۇكى، ئاپتوموبىل ھەيدەشتە ئەڭ مۇھىمى بىخەتەرلىك، چۈنكى ھاياتلىق ئادەمگە پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدۇ، شۇڭا ئۇنى قولىمىزدا چىڭ تۇتۇشىمىز لازىم. 

كۆرۈش 300 300 لىك
ئاۋات ماشىنا تىپلىرى