• F1 مۇسابىقە ئاپتوموبىلى زادى قانچىلىك قورقۇنچلۇق
  • يوللانغان ۋاقتى : 2017-06-28 مەنبەسى : toutiao.com ئاپتۇرى :

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، 

F1 مۇسابىقە ئاپتوموبىلى سۈرئىتىنىڭ تېزلىكى بىلەن كۆپلىگەن كىشىلەرنى جەلپ قىلىدۇ. ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىمۇ يېڭىچە F1 مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ياساپ چىقىپ ئۆز ئارا رىقابەتلىشىدۇ. بۇ ئاپتوموبىلنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 300 كىلومېتىرلىق ھالەتتىن تولۇق توختىشىغا ئارانلا تۆت سېكۇنت كېتىدۇ، لېكىن 100 كىلومېتىر\سائەتتىن تولۇق توختاشقا پەقەت 1.4 سېكۇنت كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تورمۇز قىلىش ئارىلىقى پەقلا 17 مېتىر. ئۆزگىرىشى بۇ قەدەر تېز تورمۇز ئۈنۈمىدە ماھىرنىڭ ئۇچرايدىغان سۈرئەت ئاستىلىتىش دەرىجىسى 5.4Gغا يېتىدۇ. F1 مۇسابىقە ئاپتوموبىلىغا كاربون تالاسى ئارىلاشمىسىدىن ياسالغان تورمۇز پەركاسى ۋە تورمۇز قىسقۇچى ئىشلىتىلگەن، 1000 گىرادۇستىن ئاشىدىغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا ئۇزۇن ۋاقىت بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. ئەمما، ئوخشاش ئەھۋالدا ئادەتتىكى تورمۇز پەركاسى بولۇپ قالسا بىر قانچە مىنۇتتىلا كاردىن چىقىدۇ. 

162 كىلومېتىر\سائەتتىن يۇقىرى سۈرئەتتە تىك ماڭالايدۇ، چۈنكى بۇ خىل ئاپتوموبىلغا ئەڭ ئىلغار ئايرودىنامىكا لايىھەسى قوللىنىلغان بولۇپ، ئاپتوموبىلنى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تۆۋەنگە يۆنەلگەن كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ، 129 كىلومېتىر\سائەتلىك سۈرئەتتە ئاپتوموبىلنىڭ تۆۋەنگە يۆنەلگەن كۈچى ئاپتوموبىلنىڭ ئۆزىنىڭ ئېغىرلىقىغا تەڭ بولىدۇ. نەزەرىيە جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنىڭ سۈرئىتى 162 كىلومېتىردىن ئاشقاندا تونېلنىڭ ئۈستىگە چىڭ چاپلىشىپ ماڭلايدۇ دېگەنلىكتۇر. 

ئاپتوموبىل 200 مىڭ دانە زاپچاستىن تەركىب تاپقان. ئىستاتىستىكىلارغا قارىغاندا، F1 مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنىڭ ئۇقۇم لايىھەسىگە 25 مىڭ سائەت كېتىدىكەن. ئۇنىڭ موتورىنىڭ تەننەرخىلا 280 مىڭ دوللاردىن ئېشىپ كېتىدىكەن. ئومۇملاشتۇرۇپ ھېسابلىغاندا، بىر F1 مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ئەترىتىنىڭ يىللىق تەتقىقات، ئاسراش، رېمونت قىلىش، مۇسابىقىگە قاتنىشىش خىراجىتى 200 مىليون دوللاردىن 300 مىليون دوللارغىچە. 

T1.6لىق ماتور 2014-يىلدىن باشلاپ ئىشلىتىلىشكە باشلىغان، F1 مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنىڭ ئەسلىدىكى L2.4 لىق V8 ئۆزلۈكىدىن ھاۋا شورايدىغان ماتورى T1.6لىق V6 تۇربىنىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچلۇق ماتورغا ئۆزگەرتىلگەن ھەمدە دىنامىكىلىق ئېلېكتىر موتور كۆپەيتىلگەن، ئۇنىۋېرسال قۇۋۋىتى 600 كىلوۋاتقا يەتكۈزۈلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، 600 كىلوگىرامدىن ئېغىرراق ئاپتوموبىل گەۋدىسى بىلەن يۈز كىلومېتىرغا 2.5 سېكۇنتتا تېزلىنىشتەك نەتىجە ياراتقان، شۇنداقلا تىنچ ھالەتتىن 300 كىلومېتىرغا يېتىشىگىمۇ ئارانلا 12.1 سېكۇنت كەتكەن. 

4000 قېتىم خوت ئالماشتۇرۇش. F1 مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنىڭ رولى ئۆلچەمسىز دېتال بولۇپ، ھەر قايسى ئاپتوموبىل ئەترەتلىرى ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ياساپ چىقىدۇ، ماھىرنىڭ ئاپتوموبىلىنى تېخىمۇ ياخشى كونتىرول قىلىشى ئۈچۈن رولغا 35 دانە مەشغۇلات كۇنۇپكىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بىر مەيدان مۇسابىقىدە ماھىر 4000 قېتىم خوت ئالماشتۇرىدۇ، شۇڭا رولدىكى كۇنۇپكىلارنىڭ چىداملىقلىقىمۇ چەكلىك مىقداردىكى ئاپتوموبىللاردىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كېتىدۇ. 

700 گىرادۇسلۇق ئىسسىققا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان مۇسابىقە كىيىمى. مەزكۇر مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ماھىرلار خەلقئارا ئاپتوموبىل بىرلەشمىسى بېكىتكەن مۇسابىقە كىيىمىنى كىيىشى كېرەك. بۇ خىل ئالاھىدە تىكىلگەن كىيىملەرگە ئوتتىن ساقلىنالايدىغان Nomex خام ئەشيا قىلىنىدۇ. 700 گىرادۇسلۇق ئىسسىقتىمۇ ماھىرلارنى 12 سېكۇنتقىچە ھېچقانداق يارىلاندۇرمايدۇ. ۋەقە بولۇپ قالسا ماھىرلارغا جاننى قۇتۇلدۇرغۇدەك ۋاقىت يارىتىپ بېرىدۇ.  

يۈرەك سوقۇش تېزلىكى 190 قېتىمغا يېتىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا نورمال كىشىلەرنىڭ يۈرەك سوقۇشى 70 دىن 90 غىچە بولىدۇ. ئەمما، بىر مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرنىڭ يۈرەك سوقۇشى بىردەمدىلا 170 قېتىمغا چىقىدۇ، ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەندە ماھىرنىڭ يۈرەك سوقۇشى 190 قېتىمغا يېتىدۇ. ئىككى سائەتلىك مۇسابىقە جەريانىدا ماھىرنىڭ يۈرەك سوقۇشى 160 قېتىم\مىنۇت ئەتراپىدا بولىدۇ. شۇڭا، F1 مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان ماھىرلارنىڭ يۈرەك ۋە ئۆپكە ئىقتىدارنى ئادەتتىكى ئادەملەر بىلەن سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. 

1.92 سېكۇنتتا تۆت چاقنىڭ ھەممىسىنى ئالماشتۇرۇپ بولۇش. 2016-يىلدىكى قىش پەسىللىك مۇسابىقىدە ۋېليامىسنىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتى 1.92 سېكۇنلۇق بېكەتكە كىرىپ چاق ئالماشتۇرۇش رېكورتى ياراتقان، قىزىل كالا ئاپتوموبىل ئەترىتى 1.98 سېكۇنت بىلەن ئىككىنچى بولغان. 

5Gلىق توغرىسىغا يۆنەلگەن مەركەزدىن قاچما كۈچ. مەركەزدىن قاچما كۈچنىڭ تەسىرىدە ئاپتوموبىل ھەر قېتىم بۇرۇلغاندا ماھىرنىڭ بوينى 5Gلىق مەركەزدىن قاچما كۈچكە بەرداشلىق بېرىشى كېرەك. بۇنى مۇنداق چۈشىنىش مۇمكىن، يەنى بىر ئادەمنىڭ بېشىنىڭ ئېغىرلىقى 7 كىلوگىرام بولسا، ئۇنداقتا ئايلانمىدىن ئۆتكەندە 35 كىلوگىرام كېلىدىغان بىر نەرسە ئادەمنىڭ بېشىنى بىر تەرەپكە تارتىدۇ. 

 180 گىرادۇسلۇق خىزمەت مۇھىتى. F1 مۇسابىقىسى ئاپتوموبىلىنىڭ ماھىرلىرى ئالدى بىلەن ئىسسىقتىن قورقماسلىقى كېرەك. تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق مۇسابىقە رايونىدىمۇ ھەيدەش بۆلمىسىنىڭ تېمپېراتۇرىسى يەنىلا 50 گىرادۇستىن 60 گىرادۇسقىچە بولىدۇ. شۇڭا، ئىككى سائەتلىك مۇسابىقە جەريانىدا ماھىرنىڭ بەدىنىدە خورايدىغان ياغ ۋە سۇنىڭ مىقدارى تۆت كىلوگىرامغا يېتىدۇ. مۇبادا، ئادەتتىكى ئادەملەر مۇشۇنداق ئەھۋالغا ئۇچرايدىغان بولسا چوقۇملا شوك بولۇپ قالىدۇ. 


كۆرۈش 300 300 لىك
ئاۋات ماشىنا تىپلىرى