• ئارىلاش ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى قانداق؟
  • يوللانغان ۋاقتى : 2017-06-19 مەنبەسى : rpm7.com ئاپتۇرى :

ئارىلاش ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللار تۇرمۇشىمىزغا تېخى يېڭى سىڭىپ كىرىۋاتقان نۆۋەتتىكى ئىستېمال بازىرىدا، كۆپچىلىك ئارىلاش ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارغا نىسبەتەن ئېھتىياتچان پوزىتسىيەدە تۇرماقتا. ئۇنداقتا ئارىلاش ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل دېگەن زادى قانداق ئاپتوموبىل؟ بۇخىلدىكى ئاپتوموبىللار بىزنىڭ سېتىۋېلىشىمىزغا ئەرزىمدۇ يوق؟

ئارىلاشما ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل دېگەن نېمە؟

ئارىلاش ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل دېگىنىمىز، ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئېنېرگىيەنى يېقىلغۇ قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان ھەرىكەت ئۇزىتىش قۇرۇلمىسىنى ئىشلىتىدىغان ئاپتوموبىللارنى ئارىلاش ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل دەپ ئاتايمىز.

نۆۋەتتە بازاردا سېتىلىۋاتقان ئارىلاش ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى چوڭ–كىچىك نۇرغۇن تۈرلەرگە بۆلگىلى بولىدىغان بولۇپ، ئىستېمالچىلارغا نەزەرىيە دەرسى سۆزلەش ئارقىلىق بۇلارنى چۈشەندۈرۈش تولىمۇ بىمەنىلىك ۋە كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ۋاقتىنى ئالغانلىق ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداقتا قانداق چۈشەندۈرۈش كېرەك؟ بازاردا ئەڭ كۆپ سېتىلىۋاتقان، تېخنىكا جەھەتتىن بىرقەدەر پىشىپ يېتىلگەن ئاپتوموبىللارنى تۇتقۇ قىلىپ چۈشەندۈرسەك، كۆپچىلىك بۇ ھەقتە ئەمەلىي چۈشەنچىگە ئىگە بولىدۇ.

ئارىلاش ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ ئەڭ كۆپ كۆزدە تۇتىدىغىنى بولسا توك ۋە بېنزىننى يېقىلغۇ قىلىدىغان ئاپتوموبىلنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بېنزىن موتور ۋە توك موتور بۇ خىل ئاپتوموبىللاردا ئاساسىي ھەرىكەت كۈچى قىلىنىدۇ. بۇنىڭغا ماس ھالدا ئېنېرگىيە قاچىلاش ھالىتى ئىككى خىل بولىدۇ.

1: پەقەت بېنزىنلا قاچىلىنىدىغان، توك ئاپتوماتىك قاچىلىنىدىغان ئاپتوموبىل

تويوتا ماركىسى ئاستىدىكى زور كۆپچىلىك ئارىلاشما ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللار دەل مۇشۇ خىل ئاپتوموبىللارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بېنزىن ئاساسىي يېقىلغۇ قىلىنىدۇ. توك ئاپتوموبىل يۈرۈش داۋامىدا ئاپتوماتىك قاچىلىنىدۇ. يەنى ئاپتوموبىل ئۆزى توك ئىشلەپچىقىرىپ، ئۆزى سەرپ قىلىدۇ. سىرتقى ئېنېرگىيەگە تايانمايدۇ. ئەڭ زور ئارتۇقچىلىقى بولسا، ئەنئەنىۋى ئاپتوموبىللارغا ئوخشاشلا يۈرىدىغان بولۇپ، ئاپتوموبىل ھەيدەش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش بىھاجەت. بۇمۇ دەل بۇخىل ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ زور ئالقىشقا ئېرىشىشىنىڭ سەۋەبى.

ئەڭ زور يېتەرسىزلىكى باتارېيەسى كىچىك بولغانلىق سەۋەبلىك توك ئۇزۇن يەتمەيدۇ. پەقەت 3 كىلومېتىردىن 5 كىلومېتىرغىچە يېتىدىغان بولۇپ، موتورغا نىسبەتەن قوشۇمچە كۈچ بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئوينايدۇ.

2: ھەم توك ھەم بېنزىن قاچىلىنىدىغان ئارىلاشما ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللار.

بۇخىل ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللار بولسا ساپ توك ئارقىلىقمۇ خېلى ئۇزۇن ئارىلىققىچە ماڭالايدىغان بولۇپ، توك تۈگىگەندىن كېيىن ئايرىم بېنزىن ئارقىلىقمۇ يول يۈرەلەيدۇ. بىيادىنىڭ توك قاچىلاش تىپىدىكى ئارىلاشما ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللىرىنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق، نوقۇل توك بىلەن 30 كىلومېتىردىن 70 كىلومېتىرغىچە يول يۈرەلەيدىغان بولۇپ، مۇھىت ئاسراش ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك ئاپتوموبىل ھېسابلىنىدۇ.

يېتەرسىزلىگى بولسا چوقۇم ئايرىم توك قاچىلاش كېرەك. ئۆزى توك قاچىلاش ئىقتىدارى جەھەتتىن ئىنتايىن ئاجىز. باتارېيەسى چوڭ بولۇپ، ئاپتوموبىلنىڭ نورمال ئېغىرلىقى 300 كىلوگىرام ئەتراپىدا ئېغىرلاپ كېتىدۇ. توك تۈگەپ ئىزچىل مايدا يۈرگەندە ماي تېجەش ئىقتىدارى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ.

ئۇنداقتا قايسى خىلىنى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك؟

ئاپتورنىڭ تەۋسىيەسى: تاق يېقىلغۇلۇق ئارىلاشما ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى تاللاپ ئىشلىتىش نۆۋەتتىكى شارائىتتا ئاقىلانىلىك بولۇپ، ئۈرۈمچى رايونىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن ئېلىپ ئېيتساق، ئاپتوموبىلنى ئايرىم توك بىلەن تەمىنلەش ئورۇنلىرى ئاساسەن ئەتراپىمىزدا يوق دېيەرلىك. ئاپتوموبىل توختىتىش ئورۇنلىرىمىز مۇقىم ئەمەس بولۇپ (مۇقىم ئاپتوموبىل ئىسكىلاتى بارلار ساناقلىقلا)، بىۋاسىتە توك قاچىلاش شارائىتىمىز كەمچىل. بۇخىل ۋاقىتتا پەقەت ماي قاچىلاپلا ماڭىدىغان ئارىلاش يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىل ئەڭ ياخشى تاللاش بولالايدۇ.

ئەگەر ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىڭىز مۇقىم، ئايرىم ئىسكىلاتىڭىز بار، خىزمەت ئورنىڭىز ئالاھىدە يىراق بولمىسا، توك قاچىلىنىدىغان ئارىلاشما يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىلنى ئويلىشىپ باقسىڭىز بولىدۇ. لېكىن دائىم ئۇزۇن سەپەرگە ماڭىدىغان ئاپتوموبىللارغا نىسبەتەن بۇخىل ئاپتوموبىل يەنىلا ماس كەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇزۇن سەپەرگە چىققاندا توك قاچىلاش جەھەتتىن زور چەكلىمىلىككە ئۇچرايدىغان بولۇپ، يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن يېتەرسىزلىكلەر بۇخىلدىكى ئاپتوموبىلدا ئالاھىدە گەۋدىلىنىدۇ.

خىزمەت پىرىنسىپى قانداق؟

تاق يېقىلغۇلۇق ئارىلاشما ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ ئېلېكتىر موتورى ئادەتتە بىۋاسىتە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى چاققا ئۇلانغان ھالەتتە بولۇپ، ئاپتوموبىل ئاستا سۈرئەتتە قوزغالغاندا ساپ توكتا قوزغىلىدۇ. كۈچ لازىم بولغاندا توك موتور ۋە بېنزىن موتور تەڭ كۈچەپ، ئەڭ يۇقىرى قۇۋۋەتنى ھاسىل قىلىدۇ.

توك قاچىلاش پىرىنسىپى

تاق يېقىلغۇلۇق ئارىلاشما ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللار داۋاندىن، دۆڭلەردىن چۈشكەن ۋاقىتلاردا، ئاپتوموبىلنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى قىسمىغا ئۇلانغان توكلۇق موتور تەتۈر چۆرگۈلەپ ئۆزىگە توك قاچىلايدۇ. تورمۇز دەسسىگەندىمۇ ئوخشاشلا تورمۇزدىكى ئالاھىدە قۇرۇلما ئارقىلىق تورمۇزدىن ھاسىل بولغان ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇپ، توك قاچىلاش مەقسىتىگە يىتىدۇ.

ئۇنىڭدىن سىرت، يەنە ئاپتوموبىل ئىزچىل يۇقىرى سۈرئەتتە ماڭغاندا موتوردىكى ئارتۇق قۇۋۋەت ئىسراپ بولۇپ كەتمەستىن، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇلۇپ باتارېيەگە ساقلىنىدۇ.

قانچىلىك ماي تېجەيدۇ؟

تاق يېقىلغۇلۇق ئارىلاشما ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ ماي تېجەش ئۈنۈمىنى ئالاھىدە ياخشى دېيىشكە بولىدۇ. ئادەتتىكى بېنزىن موتورلۇق ئارىلاشما يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىلغا قارىغاندا %30-%50كىچە ئېنېرگىيەنى تېجىيەلەيدۇ. ئاپتور ئىزچىل سىناپ كەلگەن ئارىلاشما يېقىلغۇلۇق كامراي ئاپتوموبىلىنىڭ ئوتتۇرىچە ماي سەرپىيات 5.6L/100km بولۇپ، 2.5 لىتىرلىق ئاپتوموبىلغا نىسبەتەن، شەھەر ئىچىدە بۇنچىلىك يېقىلغۇ كۆيدۈرۈشى كىشىنى تولىمۇ قانائەتلەندۈرىدۇ. نورمال يول شارائىتى بويىچە ھېسابلىغاندا ئاپتور سىنىغان ئاپتوموبىل شەھەر ئىچى (%70 ئەتراپىدا) ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا (%30 ئەتراپىدا) 300 يۈەنلىك مايدا 960 كىلومېتىردىن 1050 كىلومېتىرغىچە يول يۈرەلەيدۇ.

يۇقىرىقىلار دەل ئاپتورنىڭ تاق يېقىلغۇلۇق ئارىلاشما ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى تەۋسىيە قىلىشىنىڭ سەۋەبى.

توك قاچىلىنىدىغان ئارىلاشما ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى بولسا، ئاپتوموبىلدا توك بار شارائىتتا مەيلى قانچىلىك سۈرئەتتە بولسىمۇ ماڭالايدۇ. بېنزىن موتورنىڭ ئارىلىشىشى ئىنتايىن ئاز. قالغان پىرىنسىپى تاق يېقىلغۇلۇق ئارىلاشما ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل بىلەن ئوخشاش. لېكىن توكنى چوقۇم ئايرىم قاچىلاش كېرەك.

كۈچ جەھەتتىكى پەرقى

ئاپتوموبىلنىڭ كۈچى جەھەتتە توك قاچىلىنىدىغان ئارىلاشما ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كۈچلۈك بولۇپ، ئېلېكتىر موتورنىڭ قۇۋۋىتى ئالاھىدە زور، ئېنېرگىيە مەنبەسى يېتەرلىك بولۇپ، تاق يېقىلغۇلۇق ئارىلاشما يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىلغا قارىغاندا زور ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ. ئاددىي تىپىك مىسالى بولسا ئارىلاشما ئېنېرگىيەلىك كامراينىڭ تىنچ ھالەتتىن 100 كىلومېتىر ھەرسائەتكە تېزلىنىشى تەخمىنەن 8 سېكۇنت ئەتراپىدا. لېكىن بىيادى «چىن»نىڭ بولسا 5 سېكۇنتنىڭ ئالدى–كەينىدە.

ماي تېجەشچانلىق جەھەتتە

بۇنىڭغا مۇقەررەر جاۋاب بەرگىلى بولمايدۇ. چوقۇم ئەمەلىي يول يۈرۈش شارائىتىغا قاراش كېرەك. ئەگەر ئىزچىل توك قاچىلاش شارائىتى بولسا توك قاچىلايدىغان ئارىلاشما ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ ماي سەرپىياتىنى 0L/100km ئەتراپىدا بولىدىغان بولۇپ، توك پۇلىنى تۆلىسىڭىزلا كۇپايە. لېكىن بۇخىل شارائىت كەمچىل ئەھۋالدا يەنىلا ئەنئەنىۋى يېقىلغۇلۇق ئارىلاشما ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ياخشى تاللاش بۇلالايدۇ.

نۆۋەتتە ئاپتور تەۋسىيە قىلىدىغان ھەرقايسى باھا ئەتراپىدىكى ئارىلاشما يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىللار:

100 مىڭ يۈەندىن 150 مىڭ يۈەنگىچە:

تاق يېقىلغۇلۇق ئارىلاشما ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىچىدە بۇ باھا ئىچىدە مەيلى ئىقتىدار، مەيلى سىستېمىنىڭ مۇقىملىقىدىن تارتىپ تاكى ماي تېجەش ئىقتىدارىغىچە كۈشەندىسىز ئاپتوموبىل دەل تويوتانىڭ ئارىلاشما يېقىلغۇلۇق كوروللا ۋە لېۋىن ئاپتوموبىلى ھېسابلىنىدۇ. باھاسى 139 مىڭ يۈەندىن باشلىنىدىغان بولۇپ، ئوتتۇرىچە ماي سەرپىياتى 4.3L/100km چىقىدۇ.


بۇ باھادا توك قاچىلىنىدىغان ئارىلاشما ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلدىن تەۋسىيە قىلىنىدىغىنى بىيادىنىڭ چىن (秦 ) بولۇپ، مەيلى تېزلىنىش، ماي تېجەش ئىقتىدارى جەھەتتىن بولسۇن، كۆپچىلىكنى تۇلۇق رازى قىلالايدۇ.

بۇنىڭدىن سىرت بىيادى چىن ھۆكۈمەتنىڭ ئېتىبار سىياسىتى ۋە باج كەچۈرۈش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولالايدىغان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى سېتىۋېلىش باھاسىنى 120 مىڭ يۈەندىن 140 مىڭ يۈەنگىچە كونترول قىلغىلى بولىدۇ. (يەرلىك سىياسەتنىڭ قوللاش دەرىجىسىگە قاراش كېرەك ).

200 مىڭ يۈەندىن 300 مىڭ يۈەنگىچە:

بۇ باھادىكى تەۋسىيە بولسا كامراينىڭ Hybrid نۇسخىسى بىلەن ئاككوردنىڭ Hybrid نۇسخىسى بولۇپ، ھەرىكەتچانلىق ۋە كۈچ، ئاپتوموبىل ياراتقان پەن–تېخنىكىلىق كەيپىيات جەھەتتىن ئاككوردنى تاللاش ئاقىلانىلىك ھېسابلىنىدۇ. ماي باكىمۇ ئاككوردنىڭ چوڭ بولۇپ، ئىزچىل يۈرۈش مۇساپىسى تېخىمۇ ئۇزۇن.

خىيۇنداي بىلەن كىيانىڭ ئارىلاشما يېقىلغۇلۇق سوناتا ۋە K5 ئاپتوموبىلى سېتىلىشىنىڭ ئازلىقى، بازاردىكى رىقابەت كۈچىنىڭ تۆۋەنلىگى سەۋەبلىك تەۋسىيەدىن قالدۇرۇلدى.

ئومۇمىي تەرەپتىن ياخشى، ئارىلاشما يېقىلغۇلۇق سىستېمىسى ئالاھىدە ئىشەنچلىك، ئاۋاز ئايرىش، شاۋقۇن بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتىن يۇقىرى ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئاپتوموبىلنى تاللاشقا توغرا كەلسە، ئۇنداقتا كامراي ياخشى تاللاش بولالايدۇ.


بىيادى تاڭ بولسا 200 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى «تەڭداشسىز» قۇۋۋەتكە ئىگە ئاپتوموبىللارنىڭ بىرى بولۇپ، سىياسەت قوللىغان ئاساستا 200 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ياكى ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن سېتىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ باھاغا بەلكىم بەش سىكونتتا 100 كىلومېتىرلىق سۈرئەتكە چىقالايدىغان يېڭى ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشىڭىز چۈش بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

300 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى:

بۇ باھادا BMW، ئاۋدى، مېرسىدىس بېنىز ۋە لېكىساسنىڭ تاق ۋە قوش يېقىلغۇلۇق ئارىلاشما ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللىرى بار بولۇپ، تاللاشقا توغرا كەلسە يەنىلا لېكىساسنىڭكى تېخنىكىسى پىشىپ يېتىلگەن، سۈپەت كاپالەتكە ئىگە، بازاردا ئېقىشچانلىقى ياخشى بولۇپ، باشقا ئۈچ ماركىدىن زور ئۈستۈنلۈككە ئىگە.


كۆرۈش 300 300 لىك
ئاۋات ماشىنا تىپلىرى