• يېڭى ئەۋلاد ۋولكىسۋاگېن Poloنىڭ ئورگان سۈرىتى ئېلان قىلىندى
  • يوللانغان ۋاقتى : 2017-06-18 مەنبەسى : ئاپتۇرى :

تىنچ ئوكيان ئاپتوموبىل تورى خەۋىرى،

بېيجىڭ ۋاقتى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچتە، يېڭى بىر ئەۋلاد ۋولكىسۋاگېن Polo ئاپتوموبىلى رەسمىي ئېلان قىلىندى، يېڭى ئاپتوموبىل MQB A0 سۇپىسى ئاساسىدا ياسالغان بولۇپ، رازمېرى جەھەتتە ھازىرقى نۇسخىدىكى ئاپتوموبىل تىپىغا سېلىشتۇرغاندا روشەن ئۇزارتىلغان. چەتئەل نۇسخىسىدىكى يېڭى بىر ئەۋلاد Polo بۇ يىل كېچىكىپرەك بازارغا سېلىنىدۇ، كېلەر يىلى 1-ئايدا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن يېڭى بىر ئەۋلاد Poloغا كەلسەك، ئەڭ تىز بولغاندىمۇ بەلكىم 2018-يىلى 4-ئايدىكى بېيجىڭ ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە ئاندىن ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن. 

 

ياسىلىش تىپىدىن قارىغاندا، يېڭى بىر ئەۋلاد Polo تېخىمۇ ياپىلاقلاشقان بولۇپ، ئىلگىرىكى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئۇزۇنلۇقى يەنە ئۇزارتىلىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ماتور قاپقىقىدىكى پولتىيىپ چىققان سىزىقلاردىن تارتىپ بەل سىزىقلىرىغىچە ھەممىسى ئۈزلۈكسىز ھالدا تېتىك ئۇسلۇبنى كۈچەيتكەن.


چوڭ چىراغلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى نۇر مەنبەسىدە ئۆزگىرىش قىلىنغان بولۇپ، تاياقسىمان LED يۆنىلىش بۇراش چىرىغى كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. رازمېرى جەھەتتە، يېڭى بىر ئەۋلاد Poloنىڭ ئۇزۇنلۇق، كەڭلىك ۋە ئېگىزلىكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 4053/1751/1446mm، ئوق ئارىلىقى 2564mm، ھازىرقى نۇسخىغا سېلىشتۇرغاندا ئوق ئارىلىقى 94mm ئاشۇرۇلغان، ئارقا زاپاس ساندۇقنىڭ بوشلۇقىمۇ 280Lدىن 351Lغا يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.

سەپلىمە جەھەتتە ۋولكىسۋاگېننىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد ماشىنا يۈكلىمە تاماشا سىستېمىسى سەپلەنگەن، يۇقىرى سەپلىمىلىك ئاپتوموبىل تىپىغا 9 دىيۇملۇق چەكمە ئېكران سەپلىنىدۇ.

ھەرىكەت كۈچى سىستېمىسى جەھەتتە 3-ئايدا ئەمدىلا ئېلان قىلىنغان سىئات بەشىنچى ئەۋلادIbizaئاپتوموبىلىدىن پايدىلانغاندا، بېنزىن ماتور 1.0Tلىق ئۈچ سىلىندىرلىق ماتور ۋە 1.5Tلىق تۆت سىلىندىرلىق ماتورنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئىچىدە، 1.0Tلىق تۆۋەنيۇقىرى قۇۋۋەتلىك ماتورنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا (70kW (95PS ۋە (85kW(115PS ،

1.5Tلىق ماتورنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى (110kW(150PSغا يىتىدۇ، ھەرىكەت ئۇزىتىش سىستېمىسى جەھەتتە ئالتە خوتلۇق قول خوتلۇق ۋە يەتتە خوتلۇق قوش موفتىلق تېزلىك ئۆزگەرتكۈچ تاللىشى بىلەن تەمىنلىنىشى مۇمكىن.


كۆرۈش 300 300 لىك
ئاۋات ماشىنا تىپلىرى