• ۋولۋونىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد XC60 ئاپتوموبىلى چەتئەلدە زاۋۇتتىن چىقتى
  • يوللانغان ۋاقتى : 2017-04-29 مەنبەسى : auto.163.com ئاپتۇرى :

ۋاڭيى تورى 27-ئاپرېل خەۋىرى، 

ۋولۋونىڭ ئەڭ يېڭى بىر ئەۋلاد XC60 ئاپتوموبىلى يېقىندا شۋېتسىيەنىڭ تورسلاندا (Torslanda) زاۋۇتىدا رەسىمىي زاۋۇتتىن چىقتى. بۇ بىرلا ۋاقىتتا بۇ SUV ئاپتوموبىلىنىڭ جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىلىش قەدىمىنىڭمۇ بارغانسېرى يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

تاشقى قىياپەتتە ئەڭ يېڭى جەمەتلەشكەن لايىھە قوللىنىلغان، LED كۋىك چوڭ چىراغ ۋە قارا رەڭلىك تۈز شارقىراتما شەكىللىك ئالدى سالاسۇن سەپلەنگەن. ماشىنا قۇيرۇقىنىڭ ئىسترېئولۇق تۇيغۇسى بار، ئەڭ يېڭى قۇيرۇق چىراغ ۋە ئارقا بىخەتەرلىك لىمى تېخىمۇ تولغان كۆرۈنىدۇ.

يېڭى ئاپتوموبىل SPA سۇپىسىنى ئاساس قىلىپ ياسالغان، ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى، ئېگىزلىكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 4688/1902/1658mm، ئوق ئارىلىقى 2865mm. ھازىرقى تىپتىكى ماشىنىنىڭ ئوق ئارىلىقىغا قارىغاندا 91mm ئاشۇرۇلغان، ئۇزۇنلۇقى 44mm ئاشۇرۇلغان، كەڭلىكى 11mm ئاشۇرۇلغان، ئېگىزلىكى بولسا 55mm تۆۋەنلىتىلگەن.

ئىچكى بېزەكتە يېڭى ئاپتوموبىلغا ئاددىي، لېكىن تېخنىكا ۋە ھەشەمەت تۇيغۇسى بار شىمالىي ياۋروپا ئۇسلۇبى قوللىنىلغان، چوڭ رازمېرلىق سۇيۇق كىرىستاللىق ئېكران، پۈتۈن سۇيۇق كىرىستاللىق ئۆلچەش سائىتى ۋە ئېلېكترونلۇق خوت دەستىسى سەپلەنگەن.

ھەرىكەت كۈچىدە 2.0T T5لىك ماتوردىن سىرت، يېڭى ئاپتوموبىلغا يەنە T6 ماتورى تەمىنلىنىدۇ، Polestar نۇسخىسى ھەمدە ئۈچ سىلىندىرلىق ماتور سەپلەنگەن ئارىلاش ھەرىكەت كۈچى نۇسخىسىدىكى ماشىنا تىپى ئىستېمالچىلارننىڭ تاللىشىغا تەمىنلىنىدۇ. بۇنىڭدا ئارىلاش ماتورلۇق نۇسخىسى دۆلەت ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. 

كۆرۈش 300 300 لىك
ئاۋات ماشىنا تىپلىرى