• ماكلارېن 720S ئاپتوموبىلى بازارغا سېلىندى: باھاسى 4 مىليون 54 مىڭ يۈەن
  • يوللانغان ۋاقتى : 2017-04-29 مەنبەسى : auto.163.com ئاپتۇرى :

ۋاڭيى تورى 28-ئاپرېل خەۋىرى، 

يېقىندا ماكلارېن 720S ئاپتوموبىلى رەسىمىي بازارغا سېلىندى، يېتەكچى باھاسى 4 مىليون 54 مىڭ يۈەن، يېڭى ئاپتوموبىل 650Sنىڭ ۋارىس ماشىنا تىپى بولۇپ، 4.0Tلىق قوش تۇربىنىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچلۇق ماتور سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 720 ئات كۈچىگە يېتىدۇ.

ئەڭ يېڭى لايىھە قوللىنىلغان، پۈتكۈل ياسىلىشى راۋان، ئالدى چوڭ چىراغ گۇرۇپپىسى ئۇزارتىلغان، ماشىنا قۇيرۇقىنىڭ كېرەكسىز گاز چىقىرىشتا ئوتتۇرىغا قوش تۇرۇبا ئورنىتىلغان، ئەڭ يېڭى ئارقا ھاۋا ئېقىمى توسۇ تاختىسى ماكلارېتن P1 بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ.

كېپىنەك ئىشىك ياسىلىش تىپى ساقلاپ قېلىنغان، ئەڭ يېڭى Monocage II كاربون تالالىق ئولتۇرۇش بۆلمىسى قوللىنىلغان، پۈتكۈل ئاپتوموبىلنىڭ ساپ ئېغىرلىقى 1283 كىلوگىرام.

يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئۆلچەش سائىتى تاختىسىغا يوشۇرۇش لايىھەسى قوللىنىلغان، 8 ديۇملۇق سۇيۇق كىرىستال ئېكران ھەمدە سپورت تىپىدىكى رول ۋە مەخسۇس ئورۇندۇق سەپلەنگەن.

يېڭى ئاپتوموبىلغا 4.0Tلىق قوش تۇربىنىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچلۇق V8 ماتورى سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 720 ئات كۈچى، 0-100km/hكە تېزلىنىش ۋاقتى پەقەت 2.9 سېكۇنت، 0-200km/hكە تېزلىنىش ۋاقتى پەقەت 7.8 سېكۇنت.


كۆرۈش 300 300 لىك
ئاۋات ماشىنا تىپلىرى