• مىتسۇبىشى «پۈتۈنلەي يېڭى» 1917 نۇسخىسىدىكى Model Aنى ئېلان قىلدى
  • يوللانغان ۋاقتى : 2017-04-29 مەنبەسى : cnbeta.com ئاپتۇرى :

Cnbeta تورى خەۋىرى، 

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مىتسۇبىشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى ئۆزىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ھازىر ئامېرىكىدىكى داڭلىق غەربىي دېڭىز قىرغىقى ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇش زاۋۇتى (West Coast Customs) بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ «پۈتۈنلەي يېڭى» 1917 نۇسخىسىدىكى Model Aنى ياساپ چىققان. مىتسۇبىشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى غەربىي دېڭىز قىرغىقى ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇش زاۋۇتىغا ئۆزىنىڭ 1917-يىلى چىقارغان تۇنجى بولۇپ تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلغان تىپتىكى ئاپتوموبىلى Model Aنى قايتىدىن ياساپ چىقىشقا ھاۋالە قىلغان. لېكىن غەربىي دېڭىز قىرغىقى ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇش زاۋۇتى مىتسۇبىشىنىڭ ئوۋتلاندېر توك قاچىلىغىلى بولىدىغان ئارىلاش  ئېلېكترلىشىش سۇپىسىنى قوللىنىپ «پۈتۈنلەي يېڭى» Model Aنى ياساپ چىقىدۇ. ئۇنى ئەسلىدىكى قۇرۇلمىسى ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرمايدۇ.

ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغاندىن كېيىنكى Model A بۇ يىل يازدا رەسمىي مەيدانغا كېلىدۇ، ئۇ بەلكىم ھازىرقى «تېز سۈرئەتلىك تور» (Velocity Network) قانىلىنىڭ ئاپتوموبىل سەھىپىسى «غەربىي دېڭىز قىرغىقى ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇش زاۋۇتى ئىچكى خەۋەرلىرى»دە كۆرۈلۈشى مۇمكىن. شۇنىڭدەك مىتسۇبىشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى بەلكىم كېيىنكى يېرىم يىلدىكى بەزى ئاپتوموبىل كۆرگەزمىلىرىدە بۇ خىل ئاپتوموبىلنى كۆرگەزمە قىلىشى مۇمكىن.

Model Aنىڭ پۈتۈش باھاسى ناھايىتى يۇقىرى بولغانلىقتىن جەمئىي پەقەت 22 دانىلا ئىشلەپچىقىرىلغان، ئەڭ ئاخىرىدا 1921-يىلى ئىشلەپچىقىرىش توختىتىلغانلىقى جاكارلانغان.

كۆرۈش 300 300 لىك
ئاۋات ماشىنا تىپلىرى