• ئىنفىنىتى QX30 ئاپتوموبىلى بازارغا سېلىندى: باھاسى 294 مىڭ 568 يۈەن
  • يوللانغان ۋاقتى : 2017-04-29 مەنبەسى : auto.163.com ئاپتۇرى :

ۋاڭيى تورى 28-ئاپرېل خەۋىرى، 

ئىنفىنىتى ئورگان تەرەپ ئۆز قارمىقىدىكى QX30 قۇتۇپ كېچىسى نۇسخىسىنىڭ سېتىلىش باھاسى 294 مىڭ 568 يۈەندىن سېتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. يېڭى ئاپتوموبىل ھازىرقى نۇسخىدىكى QX30 ئاساسىدا ياسالغان، ئالاھىدە «قارا رەڭلىك» لايىھە قوللىنىلغان.

تاشقى قىياپىتىدە يېڭى ئاپتوموبىل «بىنەپشە قارا» سىرى بىلەن سىرلانغان، كاربون تالالىق ئۈنۈمدىكى ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكى يوپۇقى، 18 ديۇملۇق قارىدالغان ئۈنۈمدىكى ئاليۇمىن قېتىشملىق چاق گەردىشى سەپلەنگەن. 

ئىچكى بېزەكتە يېڭى ئاپتوموبىلغا قارا رەڭلىك ئىچكى بېزەك قوللىنىلغان، ئىنچىكە جايلىرىغا سۇس خىروم يالىتىلغان ماتېرىيال ئىشلىتىلگەن ھەمدە ھەقىقىي خۇرۇم قېپى بار ئاليۇمىن قېتىشمىلىق خوت دەستىسى ماسلاشتۇرۇلغان.

بۇنىڭدىن سىرت، مەزكۇر «قۇتۇپ كېچىسى نۇسخىسى» يۈرۈشلۈك زاپچىسىدا يەنە QX30نىڭ پۈتۈن سىستېمىسىنى يەككە تاللاپ سېتىۋالغىلى بولىدۇ، كاربون تالا ئۈنۈمىدىكى سىرت ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكى يوپۇقى، 18 ديۇملۇق قارىدالغان ئۈنۈمدىكى ئاليۇمىن قېتىشمىلىق چاق بۇلى قاتارلىق ئۆزگىچە تاشقى قىياپەت ۋە ئىچكى بېزەك زاپچاسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. باھاسى 18 مىڭ 768 يۈەن. 


ھەرىكەت كۈچىدە يېڭى ئاپتوموبىلغا 2.0Tلىق ماتور سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 155kW، ئەڭ چوڭ تولغىنىش مومېنتى 350 نيۇتون مېتىر، 7 خوتلۇق قوش مۇفتلىق تېزلىك ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلغان. 

كۆرۈش 300 300 لىك
ئاۋات ماشىنا تىپلىرى