• خوندا ئەڭ يېڭى SUV ئاپتوموبىل Passportنى چىقىرىشى مۇمكىن
  • يوللانغان ۋاقتى : 2017-04-29 مەنبەسى : auto.163.com ئاپتۇرى :

ۋاڭيى تورى 28-ئاپرېل خەۋىرى،

چەتئەل تاراتقۇلىرى يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە، خوندا CR-V ۋە Pilot ئارىسىدا دەپ بېكىتىلگەن SUV ئاپتوموبىلنى چىقىرىشى، يېڭى ئاپتوموبىلغا قايتىدىن پاسپورت (Passport) دەپ ئىسىم قويۇلىشى مۇمكىن ئىكەن.

خوندا 1993-يىلدىن 2002-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ۋاكالىتەن ئىشلەتكۈزۈش شەكلىدە ئىسۇزۇ Rodeoنى ئاساس قىلىپ خوندا Passportنى چىقارغان ئىدى، بۇ خوندا قارمىقىدىكى ئاز ساندىكى مەردانە SUV. ئەڭ يېڭى ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، خوندا ئامېرىكا پاتېنت ئىدارىسىغا Passport نامىنى قايتىدىن رويخەتكە ئالدۇرغان.

ئەڭ يېڭى خوندا Passport كېلەر يىلى 9-ئايدا رەسىمىي زاۋۇتتىن چىقىشى مۇمكىن. چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ پەرىزىگە ئاساسلانغاندا، ئەڭ يېڭى خوندا Passport بولسا Pilotنىڭ ئوق ئارىلىقىنى قىسقارتىش ئاساسىدا ياسىلىدىغان بەش كىشىلىك ئوتتۇرا تىپلىق SUV ئاپتوموبىل بولىدىكەن. يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ سېتىلىش باھاسى CR-V ۋە Pilot ئارىسىدا بولىدۇ.

ھەرىكەت كۈچىدە ئەڭ يېڭى خوندا Passport ئاپتوموبىلىغا 3.5L V6لىق ماتور سەپلىنىدۇ، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 208kW، ئەڭ چوڭ تولغىنىش مومېنتى 355 نيۇتون مېتىر. ئالتە خوتلۇق ئاپتوماتىك ياكى 9 خوتلۇق ئاپتوماتىك تېزلىك ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرىلىدۇ. بىراق يېڭى ئاپتوموبىلغا ئالاقىدار تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلار نۆۋەتتە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئاشكارىلانمىدى. 

كۆرۈش 300 300 لىك
ئاۋات ماشىنا تىپلىرى