• بېكنىڭ ئەڭ يېڭى Regal ئاپتوموبىلى 6-ئايدا بازارغا سېلىنىدۇ
  • يوللانغان ۋاقتى : 2017-04-25 مەنبەسى : auto.163.com ئاپتۇرى :

ۋاڭيى تورى 25-ئاپرېل خەۋىرى، 

شاڭخەي ھەممىباب ئاپتوموبىلچىلىقىنىڭ يېقىنقى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، بېكنىڭ ئەڭ يېڭى بىر ئەۋلاد رېگال (Regal) ئاپتوموبىلى بۇ يىل 6-ئايدا رەسىمىي بازارغا سېلىنىدىكەن، ئەڭ يېڭى بىر ئەۋلاد ئاپتوموبىل تىپى بولۇش سۈپىتى بىلەن بېكنىڭ ئەڭ يېڭى رېگال ئاپتوموبىلى ئودبو (odbo)نىڭ ئەڭ يېڭى ئىنسىگنىيا (Insignia) ئاپتوموبىلى بىلەن ئاچا-سىڭىل ماشىنا تىپى بولۇپ، بىردەك ھەممىبابنىڭ D2XX سۇپىسىنى ئاساس قىلىپ ياسالغان.

جەمەتلەشكەن لايىھە ئۇسلۇبى قوللىنىلغان. ئالدى يۈزىگە ئۇچار قانات شەكلىدىكى سالاسۇن بىلەن ئۇزۇن قوش قەۋەتلىك يېيىلغان تىپتىكى LED كۈندۈزلۈك چىراغ ئىشلىتىلگەن ھەمدە ئىككىنچى ئەۋلاد ماترىكىس شەكلىدىكى تولۇق LED چوڭ چىراغ قوشۇلغان، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى رېگالنىڭ ئوق ئارىلىقى 2829mmغا يەتكەن، ئوق ئارىلىقى ئالدىنقى ئەۋلاد ماشىنا تىپىغا قارىغاندا 92mm ئاشۇرۇلغان.

ئىچكى بېزەكتە ئورالما شەكىلدىكى ھەيدەش بۆلمىسى لايىھەسى قوللىنىلغان، مەركىزىي كونترول سۇپىسىغا چوڭ رازمېرلىق سۇيۇق كىرىستال ئېكران سەپلەنگەن، ئۈچ شادىلىق رولغا ئۈچ ئۆلچەش سائىتى ماسلاشتۇرۇلغان، مېدىيا سىستېمىسى ئالما CarPlay ۋە Android Autoنى قوللايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، يەنە ئورۇندۇقنى قىزىتىش/شامال ئۆتۈشۈش/ئۇۋىلاش، باش ئېكران، ئۆز ماسلاشما يۈرۈش، ماشىنا يولىدىن ئېغىپ كېتىشتىن ئاگاھلاندۇرۇش، ئاپتوماتىك تورمۇز قاتارلىق ئىقتىدارلار سەپلەنگەن.

ئەڭ يېڭى Regal ئاپتوموبىلىغا سەپلەنگەن 2.0Tلىق ماتور (28T)نىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 92kW، ئەڭ چوڭ تولغىنىش مومېنتى 350N.m، ئورگان 0-100km/hكە تېزلىنىش ۋاقتى 7.2 سېكۇنت؛ 1.5Tلىق ماتور (20T)نىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 125kW، ئەڭ چوڭ تولغىنىش مومېنتى 252N.m، ئورگان 100 كىلومېتىردىكى ماي سەرپىياتى 6.3L. بۇ ئىككى خىل ماتورغا بىردەك 9AT تېزلىك ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلغان.

ئارىلاش ماتورلۇق تىپى (30H)غا 1.8Lلىق ئۆزلىكىدىن ھاۋا شورايدىغان ماتور ۋە ئېلېكترماتور گۇرۇپپىسىدىن تەركىب تاپقان ھەرىكەت كۈچى سىستېمىسى سەپلەنگە، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 91kW، ھەممىبابنىڭ EVT قۇتۇپسىز تېزلىك ئۆزگەرتكۈچى ماسلاشتۇرۇلغان.


كۆرۈش 300 300 لىك
ئاۋات ماشىنا تىپلىرى