• تويوتا 10-ئايدىن باشلاپ جۇڭگودا ھىدروگېن يېقىلغۇ باتارېيەلىك ئاپتوموبىل سىناق قىلىدۇ
  • يوللانغان ۋاقتى : 2017-04-19 مەنبەسى : finance.sina.com.cn ئاپتۇرى :

سىنا تورى 19-ئاپرېل خەۋىرى،   

ياپونىيە تويوتا شىركىتى 10-ئايدىن باشلاپ جۇڭگودا ھىدروگېن يېقىلغۇ باتارېيەلىك ئاپتوموبىل سىناق قىلىدۇ، بۇ تويوتا شىركىتى جۇڭگودا Mirai ھىدروگېن يېقىلغۇ ماتورىلىق ئاپتوموبىلنى سېتىشنىڭ يولغا قويۇلۇشچانلىقىنى بېكىتىش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمى.

تويوتانىڭ جۇڭگودىكى كەسىپ مەسئۇلى خىروجى ئونىشىنىڭ ئېيتىشىچە، شىركەت يەنە سىناق باشلانغاندا جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ چاڭشۇ شەھىرىدە ھىدروگېن يېقىلغۇ پونكىتى قۇرۇشنى پىلانلىغان.

Miraiنىڭ ياپون تىلىدىكى مەنىسى «كەلگۈسى» بولۇپ، 4 كىشىلىك پىكاپ، 2014-يىلى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنغان، ئۇدا يۈرۈش مۇساپىسى 300 ئىنگلىز مىلى (تەخمىنەن 482 كىلومېتىر)، تويوتا شىركىتىنىڭ ئاممىۋى بازارغا يۈزلەنگەن تۇنجى نۇسخىدىكى ھىدروگېن يېقىلغۇ باتارېيەلىك ئاپتوموبىلى.

ئونىشىنىڭ ئېيتىشىچە، تويوتا جۇڭگودا بۇ نۇسخىدىكى ئاپتوموبىلنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئىشلىتىلىدىغان ھىدروگېننىڭ سىناق قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

ئۇ شاڭخەي ئاپتوموبىل يەرمەنكىسىدىن بۇرۇنقى بىر تاراتقۇلار پائالىيىتىدە مۇشۇنداق دېگەن. ئونىشىنىڭ تەكىتلىشىچە، تويوتا كېلەر يىلدىن باشلاپ جۇڭگودا ئارىلاش ماتورلۇق ئاپتوموبىل ساتىدىكەن، نىشانى جۇڭگو بازىرىدا ساپ توكلۇق ئاپتوموبىل سېتىش ئىكەن، لېكىن بۇ پىلاننىڭ ۋاقتىنى ئاشكارىلىمىدى. 

كۆرۈش 300 300 لىك
ئاۋات ماشىنا تىپلىرى