• ئەڭ يېڭى تويوتا كوروللا رەسىمىي بازارغا سېلىندى: 107 مىڭ يۈەندىن باشلاپ سېتىلىدۇ
  • يوللانغان ۋاقتى : 2017-04-18 مەنبەسى : auto.163.com ئاپتۇرى :

ۋاڭيى تورى ئاپتوموبىل قانىلى 18-ئاپرېل خەۋىرى، 

بۈگۈن (18-ئاپرېل) بىرىنچى ئاپتوموبىل-تويوتانىڭ ئەڭ يېڭى كوروللا ئاپتوموبىلى رەسىمىي بازارغا سېلىندى، يېڭى ئاپتوموبىل ئوتتۇرا مەزگىللىك ئۆزگەرتىلگەن ماشىنا تىپى بولۇپ، جەمئىي 16 خىل ماشىنا تىپى چىقارغان، ئۆزلىكىدىن ھاۋا شورايدىغان، تۇربىنىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچلۇق ھەمدە ئارىلاش ماتور قاتارلىق ئۈچ خىل ھەرىكەت كۈچىدىكى ماشىنا تىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، سېتىلىش باھاسى 107 مىڭ 800 يۈەندىن 175 مىڭ 800 يۈەنگىچە.

دۆلەت ئىچى نۇسخىدىكى يېڭى كوروللاغا ياۋروپا نۇسخىدىكى ئوتتۇرا مەزگىلدە ئۆزگەتىلگەن كوروللانىڭ كۆرۈنۈش لايىھەسى ئىشلىتىلگەن، ئالدى سالاسۇن، چوڭ چىراغ ۋە بىخەتەرلىك لىمى قايتىدىن لايىھەلەنگەن، چوڭ چىراغ ئىچىگە LED كۈندۈزلۈك يول يۈرۈش چىرىغى سەپلەنگەن. ئالدى بىخەتەرلىك لىمى ئاستىدىكى ھاۋا سالاسۇنى تېخىمۇ چوڭايتىلغان بولۇپ، ئوتتۇرىدىن ئىككى تەرەپتىكى تۇمان چىرىغىغىچە سوزۇلغان. ئومۇمىي جەھەتتىن ئىنتايىن مودا كۆرۈنىدۇ. 


بۇ ماشىنىنىڭ قۇيرۇق قىسمىدىكى ئۆزگىرىش ئانچە چوڭ ئەمەس، پەقەت ئارقا چىراغنىڭ ئىچى ئازراق تەڭشەلگەن، ئىچىگە LED نۇرلۇق كەڭ چىراغ ئورنىتىلغان. ئۇنىڭدىن باشقاش يېڭى شەكىلدىكى دۆلەت ئىچىدە ياسالغان قوش بەش سىزىقلىق چاق سەپلەنگەن. رازمېر جەھەتتە ئۇزۇنلۇق، كەڭلىك ۋە ئېگىزلىكى ئايرىم-ئايرىم 4620/1775/1480mm.


ئىچكى بېزەك جەھەتتە يېڭى ئاپتوموبىلغا زىغىر رەڭ ۋە تۇم قارا رەڭلىك ئىچكى بېزەكنى تاللاشقا بولىدۇ ھەمدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاچقۇچ&بىر كۇنۇپكىدا قوزغىتىش ئىقتىدارى، قوش ئىستۋۇللۇق ئۆلچەش سائىتى+3.5 ديۇملۇق رەڭسىز TFT كۆپ ئىقتىدارلىق ئۇچۇر ئېكرانى سەپلەنگەن، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بىلەن تورلىشىش ئىقتىدارى (قىسمەن ماشىنا تىپىدا) بار 8 ديۇملۇق مېدىيا كۆرسىتىش سىستېمىسى قاتارلىق سەپلىمە ۋە ئىقتىدارلار ئورنىتىلغان. 


ھەرىكەت كۈچىدە قوش VVT-i يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۆزلىكىدىن ھاۋا شورايدىغان ماتور، قوش ئايلانمىلىق تۈز پۈركەيدىغان تۇربىنىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچلۇق ماتور D-4T ماتورى ھەمدە ئارىلاش ماتورلۇق ھەرىكەت كۈچى سىستېمىسى سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 82kW ۋە 102kW، ھەرىكەت ئۇزىتىش سىستېمىسىدا 6 خوتلۇق قول خوت (پەقەت D-4T) ھەمدە S-CVT ئالاھىدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق قۇتۇپسىز تېزلىك ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلغان. بىرلا ۋاقىتتا ئارىلاش ھەرىكەت كۈچىدىكى قوش ماتورلۇق كوروللامۇ تىپ ئۆزگەرتىدۇ. 

كۆرۈش 300 300 لىك
ئاۋات ماشىنا تىپلىرى