• سۇئال يوللانغان ۋاقتى : 2016-12-24 22:51:01 بېرىلگەن جاۋاپ جەمئىي 1 پارچە كۆرۈلۈشى : 2087 سۇئال سورىغۇچى : maxina
  • توكسىكىلىتلارنىڭ ئاكومولياتورىنى قانداق ئاسراش كېرەك ؟
  • تەپسىلى مەزمۇنى :

    توكسىكىلىتلارنىڭ ئاكومولياتورىنى قانداق ئاسراش كېرەك ؟

قالدۇرۇلغان جاۋاپلار
  • maxina189****9663
    نورمال ئەھۋالدا ،توكسىكىلىتلارنىڭ ئاكومولياتورنى ئادەتتە بىر يېرىم يىلدىن ئىككى يىلغىچە بىر ئالماشتۇرۇش كېرەك .ئۇنداقتا كۈندىلىك تۇرمۇشتا قانداق قىلغاندا توكسىكلىت ئاكومولياتورنىڭ ئۆمىرىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ؟ 1.ئالدى بىلەن ئېغىر يۈك ئارتىپ يول يۈرمەسلىك كېرەك .ئەگەر يول يۈرگەندە ئۆلچەش پىرىبوردا توك مىقدارى يېتىشمەسلىك بەلگىسى كۆرۈلسە ،توكسىكلىت مىنگۈچى چوقۇم يەرگە چۈشۈپ يېتىلەپ مېڭىشى كېرەك . بۇنداق بولغاندا زىيادە زەرەتسىزلىنىپ ئاكومولياتورنىڭ ئۆمىرىگە زىيان يېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . .2زەرەتلەش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىش كېرەك .يېڭى سېتىۋالغان توكسىكىلىتنى بىرىنچى قېتىم زەرەتلىگەندە چوقۇم تولۇق زەرەتلەش كېرەك ،يەنى ۋاقتى ئۇزۇن بولۇشى ،تولۇق زەرەتلەشگە كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەك .قەلەي كىسلاتالىق باتارېيەلەرگە نىسبەتەن مەيلى يول ئۇزۇن ياكى قىسقا بولسۇن ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىنلا توك زەرەتلەش كېرەك .ھەرگىزمۇ توكى پۈتۈنلەي قالمىغاندا ئاندىن زەرەتلەش ئىلىپ بارماسلىق كېرەك .ئەگەر ئۇزاق مەزگىل توختىتىپ قويساقمۇ چوقۇم ئايدا بىر قېتىم زەرەتلەپ تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كىرەك .بۇنداق قىلغاندا ئاكومولياتورنى ئاسىرغىلى ،شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆمىرىنى ئۇزارىتقىلى بولىدۇ . .3توكسىكلىت بىلەن يول يۈرۈش جەريانىدا ئىمكان بار جىددىي تورمۇزلاشتىن ۋە كۆپ تورمۇزلاشتىن ساقلىنىش كېرەك .بۇنداق بولغاندا زور مىقداردىكى توك ئاسانلا خورايدۇ .توكسىكىلىتنىڭ سۈرئىتى قانچە تىز بولغانسېرى ئاكومولياتورغا بولغان زىيىنىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ .
    [ 2016-12-24 22:54:36 ] [ 124.***.***.18 ]
ئاۋال سىستىمىغا كىرىپ جاۋاپ يوللاڭ. تىزىملىتىش
كۆرۈش 300 300 لىك
باشقا سۇئاللار