• سۇئال يوللانغان ۋاقتى : 2016-12-17 23:17:16 بېرىلگەن جاۋاپ جەمئىي 2 پارچە كۆرۈلۈشى : 2874 سۇئال سورىغۇچى : maxina
  • ئىككىنچى قول ماشىنا سودىسىدا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك ؟
  • تەپسىلى مەزمۇنى :

    ئىككىنچى قول ماشىنا سودىسىدا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك ؟

قالدۇرۇلغان جاۋاپلار
  • maxina189****9663
    ئەگەر سىز ئىككىنچى قول ماشىنا ستىۋالماقچى بولسىڭىز ،ئۇنداقتا تۆۋەندىكى مەزمۇننى ئالدى بىلەن كۆرۈپ بېقىڭ ،ئىشىنىمەنكى سىزگە چوقۇم ياردىمى بولىدۇ . ماشىنا تاللاشتا ئالدى بىلەن ماشىنىنىڭ ئاساسى ئەھۋالىنى ياخشى تەكشۈرۈش كېرەك . 1.ماشىنىنىڭ زاۋۇتتىن چىققان ھەققىقى ۋاقتىنى تەكشۈرۈش :ماشىنىنىڭ ماركا تاختىسىغا ماشىنا ۋە موتور سىلىندىرى قاتارلىقلارنىڭ زاۋۇتتىن چىققان ۋاقتى يېزىلغان بولىدۇ ،كابىنكىنىڭ سول تەرىپىدىكى شامال توسۇش ئەينىكى ئاستىدىكى پولات تامغىلىق نومۇر ئارقىلىقمۇ ماركا تاختىسىنىڭ راست ياكى يالغانلىقىنى ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ . 2. ماشىنىنىڭ تەگلىكى ۋە ئاكومولياتورىغا ئوبدان قاراش :يەردە يېتىپ تۇرۇپ ئاپتول تامچىسى بار-يوقلىقىنى ،تەگلىكتە ماي ئىزلىرىنىڭ بار يوقلىقىغا قاراش كېرەك .يېڭى ماشىنىنىڭ ئاكومولياتۇرىغا كۆپ قاراشنىڭ ھاجىتى يوق ،پەقەت ئىغىزىنىڭ چىرىگەن ياكى چىرىمىگەنلىكىگە،روجەكلىرىنىڭ يېشىل ياكى ئەمەسلىكىگە قارىساقلا بولدى . 3.يىراق تۇرۇپ ماشىنا موتورىنىڭ ئاۋازىنى تىڭشاش :بۇخىل ئۇسۇلدا پەقەت ھېس-تۇيغۇغىلا تايىنىمىز .مەشغۇلات ئۇسۇلى بولسا ،ئىككى ماشىنىنى تەڭلا ئوت ئالدۇرۇپ سىز چىڭ ئوتتۇردا تۇرىسىز ،يەنى ئىككى ماشىنا ئارىلىقىدىكى ئارىلىق ئۆز-ئارا تەڭ بولۇش كېرەك .بۇچاغدا سىز قايسى ماشىنىنىڭ ئاۋازىنى يۇقىرى ھېس قىلسىڭىز مۇشۇ ماشىنىنى شاللىسىڭىز بولىدۇ ،ئۇندىن كىيىن يەنە ئۆرۈلۈپ قايتا ئاڭلاپ بېقىڭ ،خاتا سەزگۈنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن . 4.موتور ئاۋازىنى ئىنچىكە ئاڭلاش :بۇنداق قىممەت پۇللۇق نەرسىلەرنى تاللاشتا يەنىلا ئىنىچكىرەك بولغان تۈزۈك .سىز قانچىكى ئەستايىدىل بولغانسېرى ماشىنا ساتقۇچىمۇ سىزگە نەيرەڭۋازلىق قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ .مەن ھەتتا دوختۇرخانىلاردا ئىشلىتىدىغان تىڭشىغۇچ ئىلىپ بېرىپ ماشىنا تاللىغانلارنىمۇ كۆرگەن .ئۇلار تىڭشىغۇچنىڭ ئۇچىغا لاتا يۆگەپ ماتورنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا 10 مىنۇت ئەتراپىدا قويغان .بۇنداق قىلغاندا ماتورنىڭ ئاۋازىدا ئارىلاشما ئاۋاز بار-يوقلىقىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ .بىراق بۇنداق ئۇسۇلنى پەقەت ئادەتتە كۆپرەك ئىشلەتكەندىلا ئاندىن ئىگىلىگىلى بولىدۇ . يەنە بىر ئۇسۇل ،سىز بىرەيلەننى ماي كىلاپانغا دەسسىتىپ ماتورنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ ئاڭلاڭ، .ئاندىن كىين ئىشلەتمەيدىغان لاتىدىن بىرنى ئىلىپ گاز چىقىرىش تۇرۇبىسىنىڭ ئېغىزىغا تىقىپ قويغاندىن كىيىن ئەگەر ماتورنىڭ ئاۋازى بارا-بارا تۆۋەنلەپ بىرنەچچە سېكۇنتتىن كىيىن ئۆچۈپ قالسا ئۇنداقتا بۇ ياخشى ماشىنا ،ئەگەر ئۇنداق بولمىسا مەلۇم بىر يېرىدىن گاز قاچقان بولىدۇ . 5.ماشىنىنىڭ سىرتقى قىياپىتىگە قاراش :بۇنىڭدا ئىشىك ھىملىقىنىڭ تەكشى ياكى ئەمەسلىكىگە قاراش ،ئەينەكنىڭ ئەسلىدىكى سەپلىمە ئەينەك ياكى ئەمەسلىكىگە قاراش كېرەك ،ئەينەكنىڭ ئاستى تەرىىپدە بەلگىسى بولىدۇ ،بۇنداق بولغاندا ھادىسىگە ئۇچىرغان ماشىنا ئىلىپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز .يەنە بىر جەھەتتىن ماشىنا ئىچىدىكى ھاۋا تەڭشىگۈچ ۋە سىم يوللىرىدا غەيرى پۇراقنىڭ بار-يوقلۇقىنى ،سۇ ۋە ماي باكلىرىنى ئوبدان تەكشۈرۈش كېرەك. 6.ماشىنا بۆلۈمچىسىگە كىرىپ تەكشۈرۈش ؛بۇنىڭدا ئاساسلىقى چىراغ، ياڭراتقۇ ،ھاۋا تەڭشىگۈچ ،ئورۇندۇق ،بىخەتەرلىك تاسمىسى ،توكلۇق ھەرىكەتلىنىدىغان دېرىزە قاتارلىقلارنىڭ ئەھۋالىنى بىر قۇر ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقىش كېرەك .بۇنداق چاغلاردا ماشىنا ساتقۇچىنىڭ خاتىجەم بولۇڭ ،ماشىنا تېخى يېڭى ،ھېچقانداق مەسىلەيوق دېگەندەك گەپلىرىگە قۇلاق سالماسلىق كېرەك .بۇ يەردە ئەسكەرتشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى ،ئايرچات ۋە تورمۇزغا قارىتا ياخشى تەكشۈرۈش ئىلىپ بېرىش كېرەك .ماشىنا ئالغۇچى چوقۇم ماتور ئىقتىدارى ۋە ماشىنىنىڭ قوزغىلىشى ۋە تىزلىنىشىگە قارىتا تەكشۈرۈش ئىلىپ بېرىش لازىم .موتور قوزغىلىپ تۆۋەن ،ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى سۈرئەتتە ماڭغاندا ئاۋازدا غەلىتىلىك كۆرۈلمەيدۇ ،گاز چىقىرىش تۇرۇبىسىدىن چىققان گازنىڭ رەڭگى رەڭسىز ياكى ئاق كۈل رەڭدە بولىدۇ .ماشىنىنىڭ قوزغىلىشى تەكشى بولۇپ ئايرىچات تىيىلمايدۇ ياكى تەۋرەنمەيدۇ .خوت ئالماشتۇرغاندا ئىكىشىش،قىيىن بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلمەيدۇ .
    [ 2016-12-17 23:19:39 ] [ 124.***.***.42 ]
ئاۋال سىستىمىغا كىرىپ جاۋاپ يوللاڭ. تىزىملىتىش
كۆرۈش 300 300 لىك
باشقا سۇئاللار