• سۇئال يوللانغان ۋاقتى : 2016-12-17 23:00:58 بېرىلگەن جاۋاپ جەمئىي 1 پارچە كۆرۈلۈشى : 1685 سۇئال سورىغۇچى : maxina
  • سۇغۇرتىلانغۇچى سۇغۇرتا تۆلىمىنى تەلەپ قىلغاندا، قايسى ماتىرىياللارنى تەمىنلىشى لازىم؟
  • تەپسىلى مەزمۇنى :

    سۇغۇرتىلانغۇچى سۇغۇرتا تۆلىمىنى تەلەپ قىلغاندا، قايسى ماتىرىياللارنى تەمىنلىشى لازىم؟

قالدۇرۇلغان جاۋاپلار
  • maxina189****9663
    سۇغۇرتىلانغان ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلغاندا، سۇغۇرتىلانغۇچى سۇغۇرتا شىركىتىدىن سۇغۇرتا تۆلىمىنى تەلەپ قىلغاندا ، سۇغۇرتا شىركىتىنى تۆۋەندىكىدەك ماتىرىياللار بىلەن تەمىنلىشى لازىم : 1. قاتناش ھادىسىسى جاۋاپكارلىق مەجبۇرىي سۇغۇرتا تالونى 2. سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ تۆلەم تەلەپ قىلىش ئىلتىماسى 3. سۇغۇرتىلانغۇچى ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئۈنۈملۈك سالاھىيەت ئىسپاتى، سۇغۇرتىلانغان ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنىڭ يول يۈرۈش كېنىشكىسى ۋە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگۈچىنىڭ شوپۇرلۇق پراۋىسى 4. ج خ ئورگانلىرى چىقىرىپ بەرگەن ھادىسە ئىسپاتى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى قاتارلىق ئاپراتلارنىڭ چىقىرىپ بەرگەن مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي ھۆججەتلىرى ياكى باشقا ئىسپاتلىرى 5. سۇغۇرتىلانغۇچى مۇناسىۋەتلىك قانۇن - بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئۆزلىرى كېلىشىۋېلىشنى تاللىغان بولسا، « قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپ بەلگىلىمىسى » دە بەلگىلەنگەن قاتناش ھادىسە ئەھۋالى خاتىرلەنگەن كېلىشىمنامىنى تەمىنلىشى لازىم 6. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ مال - مۈلۈك زىيان دەرىجىسى ئىسپاتى، جىسمانىي جەھەتتىكى مېيىپلىق دەرىجىسى ئىسپاتى، مۇناسىۋەتلىك داۋالىنىش ئىسپاتى ۋە زىيان تىزىملىكى ۋە ھەق تاپشۇرغانلىق تالونى 7. سۇغۇرتا ھادىسە خاراكتىرى، سەۋەپ، زىيان دەرىجىسى قاتارلىق باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىسپات ۋە ماتىرىياللار.
    [ 2016-12-17 23:04:53 ] [ 124.***.***.42 ]
ئاۋال سىستىمىغا كىرىپ جاۋاپ يوللاڭ. تىزىملىتىش
كۆرۈش 300 300 لىك
باشقا سۇئاللار