ياردەم كىرەكمۇ ؟

  • بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس ، سورىماسلىق ئەيىپ
جەمئىي 3 سۇئال جاۋاپ كۈتىۋاتىدۇ .
  • جاۋاب كۈتىۋاتقان سۇئاللار
  • جاۋابلانغان سۇئاللار
  • ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى قاتناش ھادىسىسى مەجبۇرىي جاۋاپكارلىق سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇلمىغان بولسا، تىزىمغا ئېلىش ۋە يىللىق تەكشۈرتۈش بېجىرىلىپ بېرىلەمدۇ؟«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى » نىڭ 5- ماددىسى، 17- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى قاتناش ھادىسىسى مەجبۇرىي جاۋاپكارلىق سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇلمىغان بولسا، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى باشقۇرغۇچى تارماقلار ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى تىزىملاش، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى بىخەتەرلىك تېخنىكا يىللىق تەكشۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بەرمەيدۇ.maxina ( 189****9663 )
  • سۇغۇرتىلانغۇچى سۇغۇرتا تۆلىمىنى تەلەپ قىلغاندا، قايسى ماتىرىياللارنى تەمىنلىشى لازىم؟سۇغۇرتىلانغان ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلغاندا، سۇغۇرتىلانغۇچى سۇغۇرتا شىركىتىدىن سۇغۇرتا تۆلىمىنى تەلەپ قىلغاندا ، سۇغۇرتا شىركىتىنى تۆۋەندىكىدەك ماتىرىياللار بىلەن تەمىنلىشى لازىم : 1. قاتناش ھادىسىسى جاۋاپكارلىق مەجبۇرىي سۇغۇرتا تالونى 2. سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ تۆلەم تەلەپ قىلىش ئىلتىماسى 3. سۇغۇرتىلانغۇچى ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئۈنۈملۈك سالاھىيەت ئىسپاتى، سۇغۇرتىلانغان ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنىڭ يول يۈرۈش كېنىشكىسى ۋە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگۈچىنىڭ شوپۇرلۇق پراۋىسى 4. ج خ ئورگانلىرى چىقىرىپ بەرگەن ھادىسە ئىسپاتى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى قاتارلىق ئاپراتلارنىڭ چىقىرىپ بەرگەن مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي ھۆججەتلىرى ياكى باشقا ئىسپاتلىرى 5. سۇغۇرتىلانغۇچى مۇناسىۋەتلىك قانۇن - بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئۆزلىرى كېلىشىۋېلىشنى تاللىغان بولسا، « قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپ بەلگىلىمىسى » دە بەلگىلەنگەن قاتناش ھادىسە ئەھۋالى خاتىرلەنگەن كېلىشىمنامىنى تەمىنلىشى لازىم 6. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ مال - مۈلۈك زىيان دەرىجىسى ئىسپاتى، جىسمانىي جەھەتتىكى مېيىپلىق دەرىجىسى ئىسپاتى، مۇناسىۋەتلىك داۋالىنىش ئىسپاتى ۋە زىيان تىزىملىكى ۋە ھەق تاپشۇرغانلىق تالونى 7. سۇغۇرتا ھادىسە خاراكتىرى، سەۋەپ، زىيان دەرىجىسى قاتارلىق باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىسپات ۋە ماتىرىياللار.maxina ( 189****9663 )
  • ئىككىنچى قول ماشىنا سودىسىدا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك ؟ئەگەر سىز ئىككىنچى قول ماشىنا ستىۋالماقچى بولسىڭىز ،ئۇنداقتا تۆۋەندىكى مەزمۇننى ئالدى بىلەن كۆرۈپ بېقىڭ ،ئىشىنىمەنكى سىزگە چوقۇم ياردىمى بولىدۇ . ماشىنا تاللاشتا ئالدى بىلەن ماشىنىنىڭ ئاساسى ئەھۋالىنى ياخشى تەكشۈرۈش كېرەك . 1.ماشىنىنىڭ زاۋۇتتىن چىققان ھەققىقى ۋاقتىنى تەكشۈرۈش :ماشىنىنىڭ ماركا تاختىسىغا ماشىنا ۋە موتور سىلىندىرى قاتارلىقلارنىڭ زاۋۇتتىن چىققان ۋاقتى يېزىلغان بولىدۇ ،كابىنكىنىڭ سول تەرىپىدىكى شامال توسۇش ئەينىكى ئاستىدىكى پولات تامغىلىق نومۇر ئارقىلىقمۇ ماركا تاختىسىنىڭ راست ياكى يالغانلىقىنى ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ . 2. ماشىنىنىڭ تەگلىكى ۋە ئاكومولياتورىغا ئوبدان قاراش :يەردە يېتىپ تۇرۇپ ئاپتول تامچىسى بار-يوقلىقىنى ،تەگلىكتە ماي ئىزلىرىنىڭ بار يوقلىقىغا قاراش كېرەك .يېڭى ماشىنىنىڭ ئاكومولياتۇرىغا كۆپ قاراشنىڭ ھاجىتى يوق ،پەقەت ئىغىزىنىڭ چىرىگەن ياكى چىرىمىگەنلىكىگە،روجەكلىرىنىڭ يېشىل ياكى ئەمەسلىكىگە قارىساقلا بولدى . 3.يىراق تۇرۇپ ماشىنا موتورىنىڭ ئاۋازىنى تىڭشاش :بۇخىل ئۇسۇلدا پەقەت ھېس-تۇيغۇغىلا تايىنىمىز .مەشغۇلات ئۇسۇلى بولسا ،ئىككى ماشىنىنى تەڭلا ئوت ئالدۇرۇپ سىز چىڭ ئوتتۇردا تۇرىسىز ،يەنى ئىككى ماشىنا ئارىلىقىدىكى ئارىلىق ئۆز-ئارا تەڭ بولۇش كېرەك .بۇچاغدا سىز قايسى ماشىنىنىڭ ئاۋازىنى يۇقىرى ھېس قىلسىڭىز مۇشۇ ماشىنىنى شاللىسىڭىز بولىدۇ ،ئۇندىن كىيىن يەنە ئۆرۈلۈپ قايتا ئاڭلاپ بېقىڭ ،خاتا سەزگۈنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن . 4.موتور ئاۋازىنى ئىنچىكە ئاڭلاش :بۇنداق قىممەت پۇللۇق نەرسىلەرنى تاللاشتا يەنىلا ئىنىچكىرەك بولغان تۈزۈك .سىز قانچىكى ئەستايىدىل بولغانسېرى ماشىنا ساتقۇچىمۇ سىزگە نەيرەڭۋازلىق قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ .مەن ھەتتا دوختۇرخانىلاردا ئىشلىتىدىغان تىڭشىغۇچ ئىلىپ بېرىپ ماشىنا تاللىغانلارنىمۇ كۆرگەن .ئۇلار تىڭشىغۇچنىڭ ئۇچىغا لاتا يۆگەپ ماتورنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا 10 مىنۇت ئەتراپىدا قويغان .بۇنداق قىلغاندا ماتورنىڭ ئاۋازىدا ئارىلاشما ئاۋاز بار-يوقلىقىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ .بىراق بۇنداق ئۇسۇلنى پەقەت ئادەتتە كۆپرەك ئىشلەتكەندىلا ئاندىن ئىگىلىگىلى بولىدۇ . يەنە بىر ئۇسۇل ،سىز بىرەيلەننى ماي كىلاپانغا دەسسىتىپ ماتورنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ ئاڭلاڭ، .ئاندىن كىين ئىشلەتمەيدىغان لاتىدىن بىرنى ئىلىپ گاز چىقىرىش تۇرۇبىسىنىڭ ئېغىزىغا تىقىپ قويغاندىن كىيىن ئەگەر ماتورنىڭ ئاۋازى بارا-بارا تۆۋەنلەپ بىرنەچچە سېكۇنتتىن كىيىن ئۆچۈپ قالسا ئۇنداقتا بۇ ياخشى ماشىنا ،ئەگەر ئۇنداق بولمىسا مەلۇم بىر يېرىدىن گاز قاچقان بولىدۇ . 5.ماشىنىنىڭ سىرتقى قىياپىتىگە قاراش :بۇنىڭدا ئىشىك ھىملىقىنىڭ تەكشى ياكى ئەمەسلىكىگە قاراش ،ئەينەكنىڭ ئەسلىدىكى سەپلىمە ئەينەك ياكى ئەمەسلىكىگە قاراش كېرەك ،ئەينەكنىڭ ئاستى تەرىىپدە بەلگىسى بولىدۇ ،بۇنداق بولغاندا ھادىسىگە ئۇچىرغان ماشىنا ئىلىپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز .يەنە بىر جەھەتتىن ماشىنا ئىچىدىكى ھاۋا تەڭشىگۈچ ۋە سىم يوللىرىدا غەيرى پۇراقنىڭ بار-يوقلۇقىنى ،سۇ ۋە ماي باكلىرىنى ئوبدان تەكشۈرۈش كېرەك. 6.ماشىنا بۆلۈمچىسىگە كىرىپ تەكشۈرۈش ؛بۇنىڭدا ئاساسلىقى چىراغ، ياڭراتقۇ ،ھاۋا تەڭشىگۈچ ،ئورۇندۇق ،بىخەتەرلىك تاسمىسى ،توكلۇق ھەرىكەتلىنىدىغان دېرىزە قاتارلىقلارنىڭ ئەھۋالىنى بىر قۇر ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقىش كېرەك .بۇنداق چاغلاردا ماشىنا ساتقۇچىنىڭ خاتىجەم بولۇڭ ،ماشىنا تېخى يېڭى ،ھېچقانداق مەسىلەيوق دېگەندەك گەپلىرىگە قۇلاق سالماسلىق كېرەك .بۇ يەردە ئەسكەرتشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى ،ئايرچات ۋە تورمۇزغا قارىتا ياخشى تەكشۈرۈش ئىلىپ بېرىش كېرەك .ماشىنا ئالغۇچى چوقۇم ماتور ئىقتىدارى ۋە ماشىنىنىڭ قوزغىلىشى ۋە تىزلىنىشىگە قارىتا تەكشۈرۈش ئىلىپ بېرىش لازىم .موتور قوزغىلىپ تۆۋەن ،ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى سۈرئەتتە ماڭغاندا ئاۋازدا غەلىتىلىك كۆرۈلمەيدۇ ،گاز چىقىرىش تۇرۇبىسىدىن چىققان گازنىڭ رەڭگى رەڭسىز ياكى ئاق كۈل رەڭدە بولىدۇ .ماشىنىنىڭ قوزغىلىشى تەكشى بولۇپ ئايرىچات تىيىلمايدۇ ياكى تەۋرەنمەيدۇ .خوت ئالماشتۇرغاندا ئىكىشىش،قىيىن بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلمەيدۇ .maxina ( 189****9663 )
  • ئاپتۇموبىل ھەيدەش جەريانىدا زادى سوقۇۋالمايمەن دىيەلمەيسىز! سىز سوقمىسىڭىز خەق سوقىدۇ دىگەندەك! ھەقىقىي ۋەقە يۈز بەرگەندە بىز زادى قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟1: ۋەقە چىققاندا بىرىنچى بولۇپ قانداق قىلىمىز؟ دېلو مەلۇم قىلامدۇق؟ سۇغۇرتا بىلەن ئالاقىلىشامدۇق ۋە ياكى رەسىمگە تارتامدۇق؟ ئەڭ ئالدى بىلەن ۋەقە خارەكتېرىگە قارايمىز. ناۋادا ئۇششاق ۋەقەلەر بولسا ۋەقەنى تېز بىر تەرەپ قىلىش يۇلى بۇيىچە ئۆزىمىز سۆرەتكە تارتىپ ئىسپات ئالساق بولىدۇ. لېكىن چۇقۇم رەسىم ئېنىق بولۇشى، سوقۇلغان ئاپتۇموبىل، سوققان ئاپتۇموبىل ۋە چېچىلغان بۇيۇملار ( بوشەنگاڭنىڭ پارچىلىرى دىگەندەكچۇ باللا! ) تۇلۇق تارتىلىشى، سوقۇلۇش مۇناسىۋىتى ئىنىق بولۇشى كېرەك. ئاندىن سۇغۇرتىغا تېلىفۇن ئۇرۇپ، ۋەقەنى مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنغا بېرىپ > گە ئىمزا قويساقلا كۇپايە. ئىككى تەرەپ ئۆز سەۋەنلىگىنى ئېتىراپ قىلغان شەرت ئاستىدا، قاتناش ساقچىسىغا دىلو مەلۇم قىلمىسىمۇ بولىدۇ. ( ۋوي ھاجىم خاپا بولمىسىلا، مەن دىققەت قىلماي ئۇرىۋالدىم دەيدىغۇ بەزىلەر ئەركەكتەك! ئاشتا ۋاقىتتا جوتۇڭ ئاكىمىزنى ئاۋارە قىلمىساقمۇ بولىدۇ! ) ○ ئەگەر چوڭراق ۋەقە بولۇپ، ( ئاپتۇموبىلنى ھەيدەشكە ئامال بولمىغان دىگەندەك ) ئادەم زەخمىلەنگەن ۋە ياكى جىسىملارنىڭ بۇزۇلۇشىنى ( يول بۇيىدىكى رىشاتكىلارنى ئېغىر سوقۇۋەتكەن، دەرۋازىلارغا پوپوزا قىلىپ قويغان دىگەندەك ) كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا چوقۇم ئالدى بىلەن دېلو مەلۇم قىلىنىپ، ئاندىن سۇغۇرتا شىركەتلىرىنى ئىزدەش كېرەك. ۋەقە چىققاندىن كېيىن چوقۇم ۋاقتىدا دىلو مەلۇم قىلىش كېرەك. قاتناش ساقچىلىرىغا دىلوم مەلۇم قىلىپ قۇيۇپلا بولدى قىلىشقا بولمايدۇ. چۇقۇم سۇغۇرتا شىركەتلىرىگىمۇ دىلو مەلۇم قىلىش كېرەك. بۇ ئاساسلىقى سۇغۇرتا شىركەتلىرىگە، سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرۈشلا بولماستىن، يەنە سۇغۇرتا شىركىتىدىن مەسلىھەتمۇ ئالغىلى بولىدۇ. مەسىلەن قانداق بىر تەرەپ قىلىش، قانداق نەق مەيداننى قوغداش دىگەنگە ئوخشاش. بۇ جەھەتتە سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ مۇلازىمەت خادىملىرى ئەڭ ياخشى مەسلىھەت بېرەلەيدۇ. 2: ئەينەك چېقىلىپ، ئىچىدىكى بۇيۇملار ئوغۇرىلانغان ئەھۋال بولسا زادى قانداق تۆلەم ئېلىش كېرەك؟ ما گەپنى باشلاپ بولۇشۇمغىلا ھەقاچان كۆپچىلىكنىڭ كاللىسىغا ئوغۇرلۇقتىن ساقلىنىش سۇغۇرتىسى، ئاپتۇموبىل تۆلەم سۇغۇرتىسى ۋە يەنە ئەينەك سۇغۇرتىلىرى كەپ كەتتى ھە! يامان ئاتىكاتچى ئاشۇ بەزىدە كاللا دىگەنمۇ. ○ ئوغۇرىلىقتىن ساقلىنىش سۇغۇرتىسى پەقەت ئاپتۇموبىل ئوغۇرىلانغاندىكى ئەھۋالغا قارىتىلغان بولۇپ، ئاپتۇموبىل ئىچىدىكى نەرسىلەرنىڭ ئوغۇرىلىنىشى تۆلەم دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. ○ ناۋادا ئاپتۇموبىل سوقۇلۇش جەريانىدا، ئاپتۇموبىل ئەينىگى چېقىلغان بولسا، بۇ ۋاقتىدا ئەينەك سۇغۇرتىسىدىن تۆلىمەستىن ئاپتۇموبىل تۆلەم سۇغۇرتىسى ئارقىلىق تۆلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ. چۈنكى ئاپتۇموبىل يۈرۈش جەريانىدا سوقۇلۇشتىن ئەينەك چېقىلغان. يەنە ئەينەك سۇغۇرتام يوقتى، تۆلەپ بەرمەيدۇ ھەقاچان دەپ باش قاشلاپ كەتمەڭلار ھە. ○ ئەمدى مەھەللىلەرگە توختىتىپ قويغاندا، ئەينەك باشقىلار تەرىپىدىن چېقىلىپ، زەخمىگە يۇلۇققان ئەھۋال بولسا، ئاپتۇموبىل تۆلەم سۇغۇرتىسىنىڭ ئىشى يوق. بۇ ۋاقىدا ئەمدى چىرايلىقچە ياندىن پۇل چىقىرىپ ئەينەكنى ئوڭشىتىدىغان گەپ. ناۋادا ئەينەك سۇغۇرتىسىنى سېتىۋالغان بولسىڭىز يانفونىڭىزنى چىقىرىپ ئىسپات ئالغاندىن كېيىن، دى تۇت دى تۇت دى تۇت تۇت قىلىپلا سۇغۇرتىغا تېلىفۇن ئۇرىتىۋېتىسىز. ئىش تامام. لېكىن بۇ ئۈچ خىل سۇغۇرتىنىڭ ھىچقايسىسىدا ئاپتۇموبىل ئىچىدىكى بۇيۇملارنىڭ ئوغۇرلىنىشىنى تۆلەپ بەرمەيدۇ. شۇڭا ياخشىسى ئاپتۇموبىل ئىچىدە پۇلغا يارايدىغان نەرسىلەرنى قويماسلىق كېرەك. قەتئىي جۇمۇ! 3: ئۆزىمىز كىلىشىپ بىر تەرەپ قىلساق قانداق قىلىمىز؟ بىرەر نەرسە تولدۇرامدۇق ياكى؟ ناۋادا كىلىشىپ پىكىر بىر يەرگە كەلسە > نى تولدۇرساق بولىدۇ. لېكىن مۇھىم شەرتى چۇقۇم ئادەم يارىلانمىغان ھەم سوقۇلۇشتىن كىلىپ چىققان زىيان 2000 يۈەندىن ئېشىپ كەتمىگەن بولۇشى شەرت. يەنە ۋەقەدىكى جاۋابكارلىق ئىنىق، ئىككى تەرەپتە تالاش - تارتىش بولماسلىقى، ئىككى تەرەپنىڭ مەجبۇرىي سۇغۇرتىسى تۇلۇق، شوپۇرلارنىڭ پىراۋىسى ۋە يول يۈرۈش كىنىشكىسى كۈچكە ئىگە بولۇشى مۇھىم شەرت قىلىنىدۇ. ناۋادا ئاپتۇموبىل ئىگىلىرى تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىشنى بىلسە، ئۇنداقتا قاتناشقا تەسىر يەتكۈزمەي تۇرۇپلا قاتناش ۋەقەسى سەۋەبلىك قاتناش راۋانلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈشنىڭ ئالدىنىمۇ ئالغىلى بولىدۇ. 4: زىياننى بېكىتىش نۇقتىسى ( 定损点 ) ۋە تۆلەم تۆلەش نۇقتىسى ( 理赔点 ) نىڭ قانداق پەرقى بار؟ بۇ ئۇقۇمنى كۆپچىلىك ئاسانلا ئالماشتۇرۇپ قۇيىدۇ. زىياننى بېكىتىش نۇقتىسى بولسا ئاپتۇموبىلنىڭ ۋەقەدە كىلىپ چىققان زىيىنىنى بېكىتىدىغان ھەم رىمونت قىلىدىغان ئورۇندۇر. لېكىن تۆلەم تەلەپ قىلىدىغان ئورۇن ئەمەس. تۆلەم تۆلەش نۇقتىسى بولسا ئاپتۇموبىل ۋەقە جەريانىدا كېلىپ چىققان زىياننى تۆلىتىدىغان، پۇل ئالىدىغان ئورۇندۇر. ئالماشتۇرۇپ قويماڭلار ھە باللا! 5: سىرتلاردا ( ئۆزىمىز تۇرۇشلۇقتىن سىرت باشقا شەھەر، يېزىلاردا ۋەقە چىقىپ، ئادەم يارىلىنىش كۆرۈلسە قانداق قىلىتمىز؟ ناۋادا يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللاردا ۋەقەگە يۇلۇققاندا، ئادەم ساق ئەھۋال ئاستىدا، دەرھال ئاپتۇموبىل كەينىگە يىتەرلىك بىخەتەر ئارىلىقتا ئاگاھلاندۇرۇش تاختىسى قۇيۇش كېرەك. بۇنداق بولغاندى ئىككىنچى قېتىملىق ۋەقەنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئاندىن دەرھال دېلو مەلۇم قىلىش، ناۋادا ئادەم زەخمىلەنسە 120 گە تېلىفۇن قىلىش، ئاندىن سۇغۇرتىغا تېلىفۇن قىلغاندىن كېيىن، سۇغۇرتىنىڭ تەكلىپى بۇيىچە، سۇغۇرتىلانغان ئورۇنغا بېرىپ بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ. 6: بىر تەرەپ ياكى ئىككى تەرەپ ۋەقە بىر تەرەپ قىلىشتا قانداق رەسمىيەتلەر كېتىدۇ؟ بىر تەرەپ ۋەقەسدە پەقەت سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ كىملىگى، يول يۈرۈش كىنىشكىسى، پىراۋىسى ۋە كۈچكە ئىگە مۇددەتتىكى سۇغۇرتا تالونى بولسىلا كۇپايە. ناۋادا ئىككى تەرەپ ۋەقەسى بولسا، ( ئا ۋە ب ئىككى ئاپتۇموبىلنىڭ ۋەقەسىنى دەيمىزغۇ )، سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ كىملىگى، ئىككى تەرەپ ئاپتۇموبىلىنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسى، ئىككى تەرەپ شوپۇرلىرىنىڭ پىراۋىسى ۋە كۈچكە ئىگە مۇددەت ئىچىدىكى ئىككى ئاپتۇموبىلنىڭ سۇغۇرتا تالونى ھەم قاتناش ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئېتىراپنامىسى بولۇشى كېرەك. 7: پۈتۈن مەسئۇلىيەت مەندە، لېكىن ئىككىلا تەرەپنىڭ ئاپتۇموبىلىنى يۆتكىگىلى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، سۇغۇرتا شىركىتى قارشى تەرەپنىڭ ئاپتۇموبىلىنىمۇ سۆرەپ بېرەمدۇ؟ زور كۆپچىلىك سۇغۇرتا شىركەتلىرى ئىككىلا تەرەپنىڭ ئاپتۇموبىلىنى ھەقسىز سۆرەپ ئېلىپ كىتىدۇ. لېكىن دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك يېرى، سۇغۇرتا شىركىتى پەقەت بىر قېتىمدا ئىككىلا ئاپتۇموبىلنى ھەمكارلاشقان رىمونت قىلىش ئورۇنلىرىغا ئاپىرىپ بېرىشكە ئىگە. 8: قاشاڭراق پىيادىلەر بار ھېلىقى قىزىل چىراقنى بۆسۈپ ئۆتىدىغان، يولنى كىسىپ ئۆتىدىغان دىگەندەك بىرخىل تەبىئىي جېنى بىلەن ئوينىشىدىغان داۋخولار بارغۇ! ناۋادا مۇشۇنداق > قاچۇرۇپ، رىشاتكىلارغا سوقۇۋالساق قانداق تۆلەم ئېلىش كېرەك؟ گەرچە ئەستايىدىل شوپۇرلىرىمىز ئۈچىنچى تەرەپ سۇغۇرتىسىنى ( 三者险 ) سېتىۋالغان بولسىمۇ، لېكىن يۇقۇرىدىكى سۇئالدا بايان قىلغان جەمئىيەت ئەخلەتلىرىگە يۇلۇققان ۋاقتىدا، يەنىلا ئادەمنىڭ ھاياتىنى ئويلىشىپ، ئادەمدىن قاچۇرۇپ يوللاردىكى رىشاتكىلارغا ئامالسىز سوقۇۋالىدۇ! مۇبارەك بولسۇن، سىز ۋىجدانىڭىزغا مۇخالىپ ئىش قىلمىدىڭىز، بىر > نىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالدىڭىز. سۇغۇرتا شىركىتىمۇ ئاپتۇموبىل تۆلەم سۇغۇرتىسى ئىچىدىن سىزگە چوقۇم زىياننى تۆلەپ بېرىدۇ. 9: ئاپتۇموبىل توختىتىپ قۇيۇلغاندا، مۆلدۈر يېغىش سەۋەبلىك ئاپتۇموبىلدا سىرتقى قىسمىدا بۇزۇلۇش كۆرۈلسە، قانداق تۆلەم ئېلىش كېرەك؟ ئاپتۇموبىل تۆلەم سۇغۇرتىسىنىڭ تۆلەم دائىرىسى مۇنۇ مۇھىم بەش خىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (1) ئاپتۇموبىل سوقۇلسا، ئۆرۈلسە. (2) ئاپتۇموبىل ئوت ئاپىتىگە يۇلۇقسا، پارتىلاپ كەتسە. (3) تاشقى جىسىملارنىڭ ئۆرۈلۈشى ۋە چۈشۈپ كىتىشى، سۇغۇرتىلانغان ئاپتۇموبىل مېڭىۋاتقاندا چۈشۈپ كەتكەن جىسىم سەۋەبىدىن ئاپتۇموبىلدا بۇزۇلۇش كۆرۈلسە. (4) ئاپتۇموبىل چاقماق، قارا بوران، تەيفىڭ بورىنى، كەلكۈن، قارا يامغۇر، لاي - تاش ئېقىنى، دېڭىز تاشقىنى، تاغ گۈمۈرۈلش قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىسا. (5) ئاپتۇموبىل شوپۇر بىلەن بىرلىكتە كېچىك كېمىسىدە مېڭىۋاتقاندا ( ھېلىقى پاراخوتقا سېلىپ مەلۇم يەرگە يۆتكىلىۋاتقاندا دىمەكچى )، يۇقۇرىدا ئېيتىلغان تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ زىيىنى سەۋەبلىك ئاپتۇموبىل زەخمىگە ئۇچرىسىمۇ تۆلەمگە ئېرىشەلەيدۇ. شۇڭا مۇشۇ نەچچە كۈن ئىچىدىكى ھاۋارايى ئىسپاتى ياكى گېزىتلاردىكى تەبىئىي ئاپەت توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى تەمىنلەپ، سۇغۇرتا شىركەتلىرىدىن تۆلەم تەلەپ قىلىشقا بولىدۇ. لېكىن مۇھىم بىر دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك نۇقتا شۇكى، يەر تەۋرەش سەۋەبلىك ئاپتۇموبىل زەخمىگە ئۇچرىسا، ئاپتۇموبىل تۆلەم سۇغۇرتىسى تۆلەپ بەرمەيدۇ. 10. يامغۇردا يۈرىۋاتقاندا، سۇدا ئاپتۇموبىل ئوتى ئۈچۈپ قالسا قانداق تۆلەم تەلەپ قىلىمىز. ناۋادا يامغۇر سەۋەبلىك ئاپتۇموبىل سۇدا قالغاندا، ماتوردىن سىرت ئاپتۇموبىلنىڭ زەخمىسىنى، ئاپتۇموبىل تۆلەم سۇغۇرتىسىدىن پايدىلىنىپ ئوڭشاتقىلى ۋە تۆلەتكىلى بولىدۇ. ماتور قىسمى بولسا ماتور زىيان تۆلىمى ئارقىلىق تۆلەم تەلەپ قىلىنىدۇ. ناۋادا بۇ خىل سۇغۇرتا تۈرى سېتىۋېلىنمىغان بولسا، سۇغۇرتا شىركىتى پەقەت ماتورنىڭ تازىلاش چىىمىنىلا كۆتۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، يامغۇردا يۈرىۋاتقاندا ئاپتۇموبىلنىڭ ئوتى ئۈچۈپ قالغاندا، قايتا ئوت ئالدۇرۇش سەۋەبلىك كىلىپ چىققان زىياننى سۇغۇرتا شىركەتلىرى ئۈستىگە ئالمايدۇ. ناۋادا ھاۋا سۈمۈرۈش ئۈسكىنىسى ياكى گاز چىقىرىش تۇربىسىگە سۇ كىرىپ كېتىش سەۋەبلىك ئاپتۇموبىلنىڭ ئوتى ئۈچۈپ قالسا، قايتا ئوت ئالدۇرغاندا، ماتور ئىچىگە سۇ كىرىپ كېتىش ھادىسىسى كۆرۈلۈپ، ماتورغا ئېغىر زىيان يىتىشى مۇمكىن. شۇڭا سۇغا چىلىشىپ تۇرغاندا، ماتور ئۈچۈپ قالسا، قايتا ئوت ئالدۇرۇش تولىمۇ ئەخمىقانىلىقتۇر. ئەلۋەتتە، شىنجاڭنىڭ رايۇن ئالاھىدىلىگىدە، ماتورغا ئايرىم سۇغۇرتا ئالىدىغانلار يوق بولسا كېرەك. توربو سالۇنىدىن ئىلىندى.maxina ( 189****9663 )
  • توكسىكىلىتلارنىڭ ئاكومولياتورىنى قانداق ئاسراش كېرەك ؟نورمال ئەھۋالدا ،توكسىكىلىتلارنىڭ ئاكومولياتورنى ئادەتتە بىر يېرىم يىلدىن ئىككى يىلغىچە بىر ئالماشتۇرۇش كېرەك .ئۇنداقتا كۈندىلىك تۇرمۇشتا قانداق قىلغاندا توكسىكلىت ئاكومولياتورنىڭ ئۆمىرىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ؟ 1.ئالدى بىلەن ئېغىر يۈك ئارتىپ يول يۈرمەسلىك كېرەك .ئەگەر يول يۈرگەندە ئۆلچەش پىرىبوردا توك مىقدارى يېتىشمەسلىك بەلگىسى كۆرۈلسە ،توكسىكلىت مىنگۈچى چوقۇم يەرگە چۈشۈپ يېتىلەپ مېڭىشى كېرەك . بۇنداق بولغاندا زىيادە زەرەتسىزلىنىپ ئاكومولياتورنىڭ ئۆمىرىگە زىيان يېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . .2زەرەتلەش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىش كېرەك .يېڭى سېتىۋالغان توكسىكىلىتنى بىرىنچى قېتىم زەرەتلىگەندە چوقۇم تولۇق زەرەتلەش كېرەك ،يەنى ۋاقتى ئۇزۇن بولۇشى ،تولۇق زەرەتلەشگە كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەك .قەلەي كىسلاتالىق باتارېيەلەرگە نىسبەتەن مەيلى يول ئۇزۇن ياكى قىسقا بولسۇن ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىنلا توك زەرەتلەش كېرەك .ھەرگىزمۇ توكى پۈتۈنلەي قالمىغاندا ئاندىن زەرەتلەش ئىلىپ بارماسلىق كېرەك .ئەگەر ئۇزاق مەزگىل توختىتىپ قويساقمۇ چوقۇم ئايدا بىر قېتىم زەرەتلەپ تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كىرەك .بۇنداق قىلغاندا ئاكومولياتورنى ئاسىرغىلى ،شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆمىرىنى ئۇزارىتقىلى بولىدۇ . .3توكسىكلىت بىلەن يول يۈرۈش جەريانىدا ئىمكان بار جىددىي تورمۇزلاشتىن ۋە كۆپ تورمۇزلاشتىن ساقلىنىش كېرەك .بۇنداق بولغاندا زور مىقداردىكى توك ئاسانلا خورايدۇ .توكسىكىلىتنىڭ سۈرئىتى قانچە تىز بولغانسېرى ئاكومولياتورغا بولغان زىيىنىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ .maxina ( 189****9663 )
  • 广汽丰田 زاۋۇتىدا ئىشلەنگەن ماشىنا تىپىلرىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشدىن ياردەم سورايمەن؟MAGA TIFON KILIGA DAP  BNIRAY穆海湃提江 阿卜力米提 ( 180****4701 )
  • ماشىنا ئىجارە ئالمەنماشىنا ئجارە ئالمەن艾科拜尔 ( 147****0079 )
  • پىراۋا توغۇرلۇق مەسلەھەت سورايمەندىمەكچى بولغىنىىڭىز س1 پىراۋنى تەكشۈرتىىپ باقمدىم دىمەكچمۇ ؟دىلنەزەر ( 131****3183 )
  • مەسلەھەت بەرسەڭلاسىز قايسى ماشىننى دەيسىزmaxina ( 189****9663 )
كۆرۈش 300 300 لىك
ئاۋات ماشىنا تىپلىرى