• ئاپتوموبىل گەۋدىسى سىزىلىپ كېتىش سۇغۇرتىسىنى چۈشىنەمسىز؟
  • يوللانغان ۋاقتى : 2017-06-28 مەنبەسى : mp.weixin.qq.com ئاپتۇرى :

ئاپتوبىلنىڭ گەۋدىسى سىزىلىپ كېتىش زىيىنىغا تۆلەم بېرىش سۇغۇرتىسىمۇ مۇستەقىل سۇغۇرتا تۈرى، بۇ خىل سۇغۇرتىنى يېڭى ئاپتوموبىل ئالغانلار، ئاپتوموبىلنىڭ گۈزەللىكىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلار سېتىۋالسا زىيان تارتمايدۇ. ئەمىسە ئاپتوموبىل سىزىلىپ كېتىش سۇغۇرتىسى نېمىگە قارىتىلىدۇ؟ ئاپتوموبىل سىزىلىپ كېتىش دېگەنلىك ئېنىق سوقۇلۇش ئالامىتى يوق ئەھۋالدا پەيدا بولغان سىزىلىپ كېتىشنى كۆرسىتىدۇ، يەنى بۇ پىچاق ياكى تاش دېگەندەك ئۆتكۈر قاتتىق نەرسىلەر بىلەن سىزىپ ئاپتوموبىلنىڭ سىرىغا زىيان سېلىش قىلمىشىدۇر. بۇ بىر ئادەملەر قەستەن پەيدا قىلىدىغان بۇزغۇنچىلىق بولسىمۇ، لېكىن بۇ سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار سۇغۇرتا شىركىتىدىن تۆلەم ئالالايدۇ.

ئاپتوموبىل گەۋدىسىدىكى سۈرۈلۈپ كېتىش ناۋادا ئاپتوموبىل بىلەن ئاپتوموبىل سۈركىلىشىپ كېتىشتىن ياكى ئاپتوموبىل بىلەن قاتتىق جىسىملار ئارا سۈركىلىپ كېتىشتىن پەيدا بولغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇلار ئاپتوبىل سىزىلىپ كېتىش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ، بەلكى ئاپتوموبىل زىيانغا ئۇچراش سۇغۇرتىسىدىكى سوقۇلۇپ كېتىش مەسئۇلىيىتى تۆلەم دائىرىسىگە تەۋە، شۇڭا ئۇنىڭغا ئاپتوموبىل زىيانغا ئۇچراش تۆلىمى سۇغۇرتىسى قاتارىدا تۆلەم بېرىلىدۇ. شۇڭا ئاپتوموبىل ئىگىلىرى مۇنداق ئەھۋالدا ئاپتوموبىل سىزىلىپ كېتىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشسا بولىدۇ: بىرىنچى، يېڭى ئاپتوموبىل سېتىۋالغانلار، چۈنكى كىشىلەر يېڭى ئاپتوموبىلغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئاسرايدۇ ۋە تاشقى كۆرۈنۈشىگە دىققەت قىلىدۇ؛ ئىككىنچى، دائىم سىرتقا چىقىدىغان، ئاپتوموبىلىنى قاراۋۇل يوق، بىخەتەرلىك نىسبەتەن قالايمىقان يەرلەرگە قويىدىغان شوپۇرلار بۇ خىل سۇغۇرتىنى سېتىۋالسا زىيان تارتمايدۇ.

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېرىتى

كۆرۈش 300 300 لىك
ئاۋات ماشىنا تىپلىرى