• بالون ھەققىدە ئاساسى بىلىملەر(2): بالوننىڭ ئۆلچەم پارامېتىرلىرىنىڭ يېشىمى
  • يوللانغان ۋاقتى : 2017-04-29 مەنبەسى : wenku.baidu.com ئاپتۇرى :

2. يۈك كۆرسەتكۈچى بولسا بالوننىڭ بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئەڭ يۇقىرى يۈك كۆتۈرۈش ۋاكالەت نومۇرىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى، بالون بەرداشلىق بېرەلەيدىغان يۈك كۆتۈرۈش ئىقتىدارى، سانلىق قىممەت قانچە يۇقىرى بولسا بالوننىڭ بەرداشلىق بېرەلەيدىغان يۈك كۆتۈرۈشچانلىقىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.

يول قويۇلىدىغان ئاپتوموبىل سۈرئەت بەلگىسى ئاپتوموبىلنىڭ ئەڭ يۇقىرى سۈرئەت چەكلىمىسىىنى كۆرسىتىدۇ، سۈرئەت چەكتىن ئېشىپ كەتسە بالون ئېتىلىپ كېتىشى مۇمكىن، سۈرئەت ئۆلچىمى قانچە يۇقىرى بولسا بالوننىڭ لايىھە تەلىپى ۋە خام ماتېرىيالىغا بولغان تەلىپى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. يول قويۇلىدىغان سۈرئەت چەكلىمىسى دائىرىسى تۆۋەندىكى جەدۋەلدە كۆرسىتىلدى.

                                              

ئەسكەرتمە: S ،T ،Hلار يول قويۇلىدىغان كۆپ ئۇچرايدىغان ئاپتوموبىل سۈرئەت دەرىجسى، يۇقىرىدىكى جەدىۋەلدە بىر قىسىم يول قويۇلىدىغان سۈرئەت بەلگىسى بېرىلدى.


يول قويۇلىدىغان سۈرئەت بەلگىسى Z بولسا سائەتلىك سۈرئىتى 240 كىلومېتىر ياكى240 كىلومېتىردىن يۇقىرى يول قويۇلغان سۈرئەت بەلگىسىنى بىلدۈرىدۇ. ناۋادا يول قويۇلىدىغان سۈرئەت بەلگىسى ZR كەلسە، سائىتىگە 240 كىلومېتىردىن يۇقىرى سۈرئەت بەلگىسىنى كۆرسىتىدۇ.

ناۋادا بالون يۈزىدە ھېچقانداق بەلگە بولمىسا، باشقىچە چۈشەندۈرۈش بولمىغان ئەھۋالدا ئادەتتە ئەڭ يۇقىرى بىخەتەر سۈرئەت چەكلىمىسى سائىتىگە 120 كىلومېتىر بولىدۇ.

خەلقئارا ئۆلچەملىك بالون ۋاكالەت نومۇرلىرى مىللىمېتىرنى بىرلىك قىلىپ بالون توغرا كەسمە يۈزى ۋە يايپاڭلىق نىسبىتىنىڭ پىرسەت قىممىتىنى ئىپادىلەيدۇ، ئارقىدىكىسى بالون تىپى ۋاكالەت نومۇرى، ئۇلتاڭ دىئامېتىرى، يۈك كۆرسەتكۈچى، يول قويۇلىدىغان سۈرئەت ۋاكالەت نومۇرى قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپىدۇ.

مەسىلەن: 175/70R14 77H نومۇرلۇق بالوندا 175بالون كەڭلىكى 175 مىللىمېتىر دېگەننى، 70 بالون كەسمە يۈزىنىڭ يانتولۇق نىسبىتى %70 دېگەننى، يەنى توغرا كەسمە يۈزىنىڭ ئېگىزلىكى بولسا كەڭلىكىنىڭ %70تى دېگەننى، 14 بولسا ئۇلتاڭ دىئامېتىرى دېگەننى، 77 يۈك كۆرسەتكۈچىنى، H بولسا يول قويۇلغان سۈرئەت كۆرسەتكۈچىنى بىلدۈرىدۇ.

مىسال: 175/70R14 نومۇرلۇق بالوننىڭ پارامېتىرلىرى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:

بالون كەڭلىكى 175 مىللىمېتىر، كەڭلىك ئېگىزلىك نىسبىتى %70، ئۇلتاڭ دىئامېتىرى 14 ئىنگىلىز سۇڭ،

ئۈلگە: ئېگىزلىكى بولسا: 175*70=122.5


كۆرۈش 300 300 لىك
ئاۋات ماشىنا تىپلىرى