• قايسى خىل ماشىنىلار 6 يىللىق تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىشتىن بەھرىمان بولالايدۇ؟
  • يوللانغان ۋاقتى : 2017-04-29 مەنبەسى : auto.qq.com ئاپتۇرى :

تېڭشۈن تورى 28-ئاپرېل خەۋىرى، 

ماشىنا ھەيدەيدىغانلارنىڭ ھەممىسى تۇنجى قېتىم ئالغان پىراۋىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى 6 يىل ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئەمما شياۋ ۋاڭمۇ پىراۋىنى ئەمدىلا ئالغان بولۇپ، يېقىندا بىر ماشىنا سېتىۋالغانىدى، ئۇ 6 يىللىق تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىش رەسمىيىتى بېجىرگىلى بارغاندا كەسپىي خادىملار بېجىرگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى، يەنە تېخى 20 يۈەن جەرىمانە قويدى، ئۇنداقتا نېمىشقا ئۇنداق قىلىدۇ؟

كەسىپ بېجىرگۈچى خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، شياۋ ۋاڭنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسىگە 7 كىشلىك دەپ يېزىلغانىكەن، ئېلىمىزنىڭ قاتناش بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، پەقەت 6 كىشىلىكتىن تۆۋەن تىجارەتكە ئىشلىتىلمەيدىغان ئاپتوموبىللارلا 6 يىللىق تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، 7 كىشىلىك ئاپتوموبىللارغا پەقەت 2 يىللىق تەكشۈرۈش كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. 

شياۋ ۋاڭنىڭ ئىچى پۇشتى، چۈنكى C1 پىراۋىنىڭ ھەيدەشكە بولىدىغان ئاپتوموبىل تىپى 9 كىشىلىك ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغان ئاپتوموبىللار، ئەسلىدە ئۆزى 9 كىشىلىكتىن تۆۋەن ئاپتوموبىللارنىڭ ھەممىسىگە 6 يىللىق تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىش رەسمىيىتى بېجىرگىلى بولىدۇ دەپ قارىغانىدى، نەتىجىدە ئىككىسىنى ئارىلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى بىلدى. 


ئۇنداقتا قايسى خىل ماشىنىلار ئالتە يىللىق تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىشتىن بەھرىمان بولالايدۇ؟

تۆۋەندىكى تۆت شەرتنى قانائەتلەندۈرگەن ئاپتوموبىللار بۇ خىل مۇلازىمەتتىن بەھرىمان بولالايدۇ:

1. چوقۇم 2010-يىلى 9-ئايدىن كېيىن تىزىمغا ئالدۇرغان بولۇشى كېرەك؛ 

2. تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن سېلىشقا بولىدىغان ئادەم سانى 6 كىشىلىكتىن تۆۋەن (6 كىشىلىكنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ) بولۇشى كېرەك. 

3. ماشىنا تىجارەتكە ئىشلىتىلمەيدىغان بولۇشى كېرەك؛

4. چوقۇم پىكاپ ياكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى بولۇشى كېرەك؛

ئۇنىڭدىن باشقا، يىللىق تەكشۈرتكەن ۋاقىتتا چوقۇم ماشىنا ئىگىسىنىڭ كىملىكىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ۋە كۆپەيتمىسى، مەجبۇرىي سۇغۇرتا ئىسپاتىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى، يول يۈرۈش كىنىشكىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ۋە كۆپەيتمىسى، ماشىنا بېجى تاپشۇرغانلىق ئىسپاتى قاتارلىق ماتېرىياللارنى تەمىنلەش زۆرۈر، چوقۇم ئالدىن ئۈچ ئاي بۇرۇن بېرىپ رەسمىيەت بېجىرىش كېرەك، ئەگەر قاتناش ساقچىسى يىللىق تەكشۈرتۈلمىگەن ئاپتوموبىللارنى تۇتۇۋالسا جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە پىراۋىدىن نومۇر تارتىدۇ. 

كۆرۈش 300 300 لىك
ئاۋات ماشىنا تىپلىرى