• بالون ھەققىدە ئاساسى بىلىملەر(1)
  • يوللانغان ۋاقتى : 2017-04-25 مەنبەسى : wenku.baidu.com ئاپتۇرى :

بالون ئۆلچىمى دېگىنىمىز-بالوننىڭ گېئومېتىرىيەلىك پارامېتىرى ۋە فىزىكىلىق خۇسۇسىيىتىنىڭ بەلگە سانلىق مەلۇماتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئوبرازلىق قىلىپ ئېيتقاندا، ماشىنا كىيىۋالغان تۆت دانە ئاياقنىڭ چوڭ كىچىكلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئاياق چەمىنىڭ لايىھەسى قانداق؟ تېز يۈگۈرۈشكە ماس كېلەمدۇ ياكى ئاستا يۈگۈرۈشكە ماس كېلەمدۇ؟ ئوخشاش بولمىغان ئۆلچەمدىكى بالون ماشىنىنىڭ پۈتۈن ئىقتىدارى ۋە ئازادىلىكىدە ئوخشاش بولمىغان تەسىر پەيدا قىلىدۇ. تۆۋەندە بۇنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمىز.


بالون ئۆلچەملىرىنىڭ ئىپادىلەيدىغان مەنىسى

خەلقئارا ئۆلچەملىك بالون ئۆلچىمى ئومۇمەن ئالتە قىسىمدىن تەركىپ تاپقان بولىدۇ. بۇلار بالون كەڭلىكى + بالون كەسمە يۈزىنىڭ ياپىلاقلىق نىسبىتى (%) + بالون تىپى ۋاكالەت نومۇرى + ئۇلتاڭ دىئامېتىرى (ئىنگىلىز سۇڭ) + يۈك كۆرسەتكۈچى + ئىجازەتلىك سۈرئەت ۋاكالەت نومۇرى قاتارلىقلار. بالون كەڭلىكى، ئۇلتاڭ دىئامېتىرى ۋە بالون كەسمە يۈزىنىڭ ياپىلاقلىق نىسبىتى رەسىمدە كۆرسىتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ياپىلاقلىق نىسبىتى-بالون قېلىنلىقى ۋە بالون كەڭلىكىنىڭ پىرسەنتى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.

 

چاق كەڭلىكى-ئاپتوموبىلنىڭ ماي سەرپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل، ئاپتوموبىل بالونىنىڭ كەڭلىكى قانچە چوڭ بولسا يەر بىلەن تېگىشىش يۈزى شۇنچە چوڭ بولىدۇ، ئوخشاشلا يەر يۈزى بىلەن بولغان سۈركىلىش كۈچىمۇ يۇقىرىلايدۇ، ھەركەت قىلىپ ئايلىنىش جەريانىدا يەر يۈزى بىلەن بولغان سۈركىلىش كۈچى سەۋەبىدىن پەيدا بولغان ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى بالوننىڭ بۇزۇلىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ. ئوخشاش ئارىلىقتا بالون يۈزى كەڭرى ئاپتوموبىلنىڭ ماي سەرپىياتىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، ئەگەر ھەر ئىشنىڭ ئىككى خىل تەرىپى بار دېسەك، گەرچە ماي سەرپىياتى يۇقىرى بولغان بىلەن، ئەمما يەرنى قاماللاش كۈچى يۇقىرى بولغانلىقتىن ئاپتوموبىل گەۋدىسىنىڭ مۇقىملىقى ياخشى بولىدۇ.


ياپىلاقلىق نىسبىتى يول يۈزى رېياكسىيەسىنىڭ ماشىنىلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق ئامىلى، ياپىلاقلىق نىسبىتى تۆۋەن ماشىنىلارنىڭ بالون دىۋارى شۇنچە نېپىز، بالوننىڭ كۆتۈرۈش بېسىم كۈچى شۇنچە چوڭ، يول يۈزى شارائىتىغا بولغان ئىنكاسى شۇنچە سەزگۈر بولىدۇ، شۇڭا يول يۈزى ئىنكاسىنى تېز سۈرئەتتە شوپۇرغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، كونتىرول قىلىش ئاسان بولۇپ كۆپىنچە كونتىرول قىلىش ئىقتىدارى يۇقىرى ئاپتوموبىللاردا كۆپ كۆرىلىدۇ. يەنە دالا ئاپتوموبىللىرىنىڭ بالونىنىڭ ياپىلاقلىق نىسبىتى نىسبەتەن چوڭ، ناچار يول ئەھۋالىغا ماسلىشىشچانلىقى يۇقىرى بولىدۇ.

بالون تىپى ۋاكالەت نومۇرى-كۆپ ئۇچرايدىغىنى X ،R ،Z دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ. X يۇقىرى بېسىملىق بالون، Z مېردىئان سىزىقلىق بالون، بازاردىكى ئاپتوموبىللارنىڭ كۆپىنچىسى ئادەتتە مېردىئان سىزىقلىق بالونلارنى ئىشلىتىدۇ، نۆۋەتتە مېردىئان سىزىقلىق بالونلار ئومۇمىي جەھەتتىن ئىچ كامىرسىز، بۇنداق بالونلار يۇقىرى سۈرئەتتە يول يۈرگەندە ئاسان ئىسسىقلىق يىغىۋالمايدۇ، بالونغا مىخ ياكى ئۇچلۇق نەرسىلەر كىرىپ كەتكەندە يەلنىڭ چىقىپ كېتىشى ئاستا بولۇپ مەلۇم ئارىلىققىچە داۋاملىق يول يۈرۈشكە بولىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت، ئېغىرلىقنى يېنىكلىتىش، ئېنىرگىيە تېجەش قاتارلىق پايدىلىق تەرەپلىرىمۇ بار .


يۈك كۆرسەتكۈچى بولسا بالوننىڭ بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئەڭ يۇقىرى يۈك كۆتۈرۈش ۋاكالەت نومۇرىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى، بالون بەرداشلىق بېرەلەيدىغان يۈك كۆتۈرۈش ئىقتىدارى، سانلىق قىممەت قانچە يۇقىرى بولسا بالوننىڭ بەرداشلىق بېرەلەيدىغان يۈك كۆتۈرۈشچانلىقىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.


كۆرۈش 300 300 لىك
ئاۋات ماشىنا تىپلىرى