• پىراۋا ئېلىش نېمىشقا تەسلىشىپ كەتتى؟
  • يوللانغان ۋاقتى : 2017-04-25 مەنبەسى : mp.weixin.qq.com ئاپتۇرى :

پىراۋا ئېلىشتا ئىشەنچ ئەڭ مۇھىم

گۈلرۇخ يالقۇن

ئىلگىرى ئاپتوموبىل ھەيدەش بىر تېخنىكا بولسا، ھازىر بىر زۆرۈرىيەتكە ئايلاندى، پىراۋا ئېلىش دىپلوم ئېلىشقا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ خىزمەت ھەم تۇرمۇشىدا مۇھىم ئورۇنغا ئۆتتى، ئەمما پىراۋا ئېلىش ئۆتكىلى كۈندىن-كۈنگە تەسلەشتى، چۈنكى يۈكسەك ھوشيارلىق ھەم ئەستايىدىللىق تەلەپ قىلىدىغان بۇ «پەن» تۈرلۈك قىيىن سىناقلاردا تاۋلىنىپ چىققانلارغا موھتاج-دە. يېقىندا گېزىتىمىزنىڭ قىزىق لىنىيەسىگە تېلېفون بېرىپ، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرغا موھتاجلىقىنى ئېيتىدىغان كىشىلەر كۆپىيىپ قالدى، شۇڭا ئوقۇرمەنلەرنى قانائەتلەندۈرۈش كويىدا مۇخبىرىمىز مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى زىيارەت قىلدى.

نېمىشقا ھازىر پىراۋا ئېلىش تەسلىشىپ كەتتى؟

ئۈرۈمچى ئۇلانباي ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى ئىمتىھان مەركىزىنىڭ خادىمى جاۋ جې بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ھازىر شوپۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ ھەممە تۈرى كومپيۇتېردا باشقۇرۇلىدۇ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىستېمىلاردا ئېلىنىدۇ، ئىلگىرىكىدەك ئاتسېنىت ئىمتىھان ئالىدىغان ئۇسۇلغا خاتىمە بېرىلگەچكە، مۇناسىۋەتكە تايىنىش مۇمكىن بولمايدىغان بولدى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىمتىھان ئېلىشقا قويۇلىدىغان تەلەپ قاتتىق، قىلچە بىخەستەلىك قىلىشقا بولمايدۇ، مەشغۇلات ئۆلچەمگە سەللا توغرا كەلمىسە نومۇر تارتىلىدۇ، شۇڭا ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە ئېغىر كېلىۋاتىدۇ، ئەمما ئىمتىھان ھەرقانچە قىيىن بولسىمۇ، ئوقۇغۇچىلار ئەستايىدىل ئۆگەنسە قىيىنچىلىقنى تامامەن يېڭەلەيدۇ. پىراۋا ئېلىشتىكى مەقسەت ئاپتوموبىل ھەيدەش تېخنىكىسىنى ئىگىلەش، شۇنداق بولغانىكەن تەس بولسا زىيىنى يوق، پەقەت ئىشەنچ ۋە ئىرادە بىلەن بىخەتەر ئاپتوموبىل ھەيدەش تېخنىكىسىنى مۇكەممەل ئىگىلىسىلا، ئىمتىھاندىن ئۆتۈش ئۇنچە تەس ئەمەس.   

ئىمتىھاندىن بۇرۇن قانداق تەييارلىق قىلىش كېرەك؟

جاۋ جې بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەردى: كۆپىنچە كىشىلەر شوپۇرلۇق مەكتىپىگە كېلىشتىن بۇرۇنلا ئىشەنچىسىنى يوقىتىدۇ، باشقىلارنىڭ «پىراۋا ئېلىش بەك تەس» دېگەن سۆزىگە ئىشىنىپ ئۆگەنمەي تۇرۇپلا غەمگە پاتىدۇ، بۇ خىل روھىي ھالەت شوپۇرلۇقنى ئۆگىنىشنىڭ ئەڭ چوڭ «دۈشمىنى»؛ بۇ خىل كەيپىياتتىكى ئوقۇغۇچىلار شوپۇرلۇقنى ئۆگىتىدىغان تىرېنېردىن سەۋەبسىز قورقىدۇ، مەشغۇلاتنى ياخشى قىلالمىسا باشقلارنىڭ ئالدىدا يۈزى چۈشۈشتىن ئەنسىرەپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن ئۆگىنەلمەي ئاخىرىدا «تەس» دەپ قاقشايدۇ. يەنە بەزى ئوقۇغۇچىلار پىراۋا ئېلىشنىڭ بىر مەسئۇلىيەتتىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئويلاشماي قارىغۇلارچە ئوقۇيدۇ، شۇڭا ئۇلار ياخشى ئوقۇغۇچى بولالمايدۇ؛ مەيلى قانداقلا بولسۇن بىلمىگەن سوراپ، دەرسنى ئەستايىدىل ئۆگەنسە ھەمدە كەيپىياتىنى ئەڭ ياخشى ھالەتتە ساقلاپ، ئىشەنچ بىلەن ئىمتىھان بەرسە پىراۋا ئېلىش ئۇنچە تەس ئەمەس.


مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى


كۆرۈش 300 300 لىك
ئاۋات ماشىنا تىپلىرى