• ماشىنا سېتىۋالغاندا تۆۋەن سەپلىمىلىكنى تاللاڭ دېگۈچىلەرگە ھەرگىز ئىشەنمەڭ
  • يوللانغان ۋاقتى : 2017-04-18 مەنبەسى : toutiao.com ئاپتۇرى :

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر تورى 17-ئاپرېل خەۋىرى، 

نۇرغۇن كىشى ماشىنا سېتىۋالغاندا قانداق قىلغاندا ئەڭ تېجەشلىك بولىدۇ؟ دەپ سوئال سورايدۇ، ئەمما ئېرىشىدىغان جاۋابى: «ماشىنا سېتىۋالغاندا تۆۋەن سەپلىملىكنى تاللاش كېرەك، چۈنكى يۇقىرى سەپلىملىك ماشىنىنىڭ پەن-تېخىكىلىق سەپلىمىلىرىنىڭ ھەممىسى ئەمەلىي ئىشلىتىلىش قىممىتى يوق نەرسىلەر، تۆۋەن سەپلىملىك ماشىنىنىڭ باھاسى ھەم ئىقتىدارىمۇ مۇۋاپىق.» ئۇنداقتا بۇ جاۋاب توغرىمۇ؟

ئەمەلىيەتتە بۇ خىل قاراشنى مۇتلەق توغرا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، ئاپتوموبىل سەپلىمىسى تۆۋەن سەپلىمە، ئوتتۇراھال سەپلىمە ۋە يۇقىرى سەپلىمە دەپ ئايرىلىدۇ، ئەمما بۇ پەقەت بىر ماكرولۇق ئۇقۇم، تۆۋەن سەپلىمىلىك ئاپتوموبىللارنىڭ سەپلىمىسى باشقىلارنى قانائەتلەندۈرەلىشى مۇمكىن، ئەمما سىزنى قانائەتلەندۈرەلىشى ناتايىن، چۈنكى ھەر بىر ئادەمنىڭ ئېھتىياجى ئوخشىمايدۇ. 

تۆۋەن سەپلىمىلىك ئاپتوموبىل بىلەن يۇقىرى سەپلىمىلىك ئاپتوموبىل

ئەمەلىيەتتە ئاپتوموبىل كارخانىلىرى ھەر بىر ئىستېمالچىنىڭ ماشىنا تاللاش ئۆلچىمى، ماشىنا سېتىۋېلىشتىكى مەبلەغ مەسىلىسى قاتارلىقلارنى تولۇق نەزەرگە ئالىدۇ، شۇڭا ھەر بىر خىل ماشىنىنىڭ ئوخشىمىغان سەپلىمىلىك نۇسخىسى چىقىرىلىدۇ، يېڭى چىقىرىلغان ماشىنىنىڭ ئالىي سەپلىمىلىكى بىلەن تۆۋەن سەپلىمىلىكىنىڭ ئىش تەقسىماتى ناھايىتى ئېنىق، ئالىي سەپلىمىلىك نۇسخىسىغا تېخىمۇ كۆپ سەپلىمىلەر سەپلەنگەن بولۇپ ماشىنىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، تەشۋىق قىلغاندا ئالىي سەپلىمىلىك نۇسخىسىنىڭ سەپلىمىسى تەشۋىق قىلىنىپ، باھاسىغا تۆۋەن سەپلىمىلىك نۇسخىسىنىڭ باھاسى ئېلان قىلىنىدۇ، بۇ كۆپلىگەن ئاپتوموبىل زاۋۇتلىرى ئادەتلەنگەن ئۇسۇل، ھەتتا تۆۋەن سەپلىمىلىك ئاپتوموبىلى بىلەن يۇقىرى سەپلىمىلىك ئاپتوموبىلى ئەسلا بىر خىل تىپلىق ئاپتوموبىل بولمايدۇ. 

تۆۋەن سەپلىمىلىك ئاپتوموبىل سېتىۋالسىلا بولامدۇ؟

تۆۋەن سەپلىمىلىك ئاپتوموبىلنىڭ پەن-تېخنىكىلىق سەپلىمىلىرى قوللىنىشچانلىقى يوق نەرسە دېگەن بۇ قاراش ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن سۇبيېكتىپ، يۈزەكى قاراش، سىز نۇرغۇن سەپلىمىنى ئىشلەتمەي تۇرۇپ ئۇنىڭ كارغا كەلمەس سەپلىمە ئىكەنلىكىنى قانداق بىلىسىز؟ ئەمەلىيەتتە تۆۋەن سەپلىمىلىك ئاپتوموبىللارنى سېتىۋالغان كىشىلەر كېيىن سەپلىمىسىنىڭ بەك تۆۋەنلىكىدىن ئاغرىنىدۇ. ئېلىمىزدىكى ئاپتوموبىل بازىرى ئاساسلىقى 80~200 مىڭ يۈەنلىك باھادىكى ئاپتوموبىللارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، تەننەرخ مەسىلىسى سەۋەبلىك كۆپ قىسم ئاپتوموبىللارنىڭ سەپلىمىسى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇلمىغان، سېتىۋالغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن سەپلىمىلەرنى تاللاپ سېتىۋېلىشى كېرەك، بۇنىڭ بىلەن باھاسى تېخىمۇ ئۆرلەپ كېتىدۇ. 

تۆۋەن سەپلىمىلىك ئاپتوموبىلغا كېيىن سەپلىمە قوشۇشقا بولامدۇ؟

بۇنىڭغىمۇ ناتايىن دېگەن جاۋابنى بېرىمىز. ھەقىقىي خۇرۇم ئورۇندۇق، مەركىزىي كونترول ئېكرانى، ئارقىغا ياندۇرۇش كامېراسى، ئارقىغا ياندۇرۇش رادارى قاتارلىقلارنى سىرتتىن سېتىۋېلىپ قۇراشتۇرغاندا دەرۋەقە كۆپ ئەرزان توختايدۇ، ئەمما سۈپەت مەسىلىسىمۇ مەۋجۇت. مۇقىم سۈرەتتە يول يۈرۈش، بىخەتەرلىك يەل خالتىسى سانى، ماشىنا گەۋدىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش سىستېمىسى، ئاپتوماتىك تورمۇز قىلىش ياردەمچى سىستېمىسى قاتارلىق بىرقىسىم يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق سەپلىمىنى كېيىن قۇراشتۇرۇش ئىنتايىن مۈشكۈل بىر ئىش. 

ماشىنا سەپلىمىسىنى قانداق تاللاش كېرەك؟

بۇنىڭدىمۇ ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى قاراش كېرەك. ئەمەلىيەتتە باھاسى قانچە تۆۋەن بولغان ئاپتوموبىلنىڭ تۆۋەن سەپلىمىلىك نۇسخىسىنى تاللاشقا بولمايدۇ. چۈنكى باھاسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى تەننەرخ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، سەپلىمىسى زور دەرىجىدە تۆۋەن، ھەتتا قوش بىخەتەرلىك يەل خالتىسى ۋە ABS قىسىلىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سسىستېمىسىمۇ يوق. ئەمما يۇقىرى باھالىق ئاپتوموبىللارنىڭ ئادەتتىكى نۇسخىسىنىڭ ئىقتىدارىمۇ خېلى ياخشى، چۈنكى باھاسى قانچە قىممەت بولسا سەپلىمىسى شۇنچە مول بولىدۇ، كۈندىلىك ئېھتىياجنىمۇ بىمالال قاندۇرالايدۇ. 

كۆرۈش 300 300 لىك
ئاۋات ماشىنا تىپلىرى