• ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ رەسمىي ئاپتوموبىللىرىغا نەزەر
  • يوللانغان ۋاقتى : 2017-04-17 مەنبەسى : webtekno.com ئاپتۇرى :

دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ رەسمىي «رەھبەر ئاپتوموبىللىرى»غا نەزەر

دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىگە نىسبەتەن دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكى ناھايىتى مۇھىم، شۇڭا دۆلەتلەر ئۆز دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن ھەر قانداق ئۇسۇل-چارىلەرنى قوللىنىدۇ. دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ھاياتىغا ئەڭ كۆپ خەۋپ يېتىدىغان ۋاستىلەرنىڭ بىرى بولسا ئۇلارنىڭ ئاپتوموبىللىرى. نۇرغۇنلىغان دۆلەت رەھبەرلىرى ئاپتوموبىلىدا كېتىۋاتقىنىدا قەستكە ئۇچرىغان، مەسىلەن ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى جون كېننىدىينىڭ ئاپتوموبىلدا كېتىۋاتقاندا قەستكە ئۇچراپ قازا قىلىشى، ياكى ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن يۈز بەرگەن ۋە بىۋاسىتە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىغا سەۋەبچى بولغان ئاۋستىرىيە-ۋېنگىرىيە ئېمپىرىيەسىنىڭ تەخت ۋارىسى ۋە ئايالىنىڭ تەڭلا ئاپتوموبىلىدا قەستكە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلىشى قاتارلىق ۋەقەلەر دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئاپتوموبىلىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىگە سەۋەب بولغان. دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئاپتوموبىللىرىنىڭ سىرتقى قىياپىتى كوچىلاردا بىز كۆرىدىغان ئاپتوموبىللارغا ئوخشاپ كەتسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئالاھىدە ئۆزگەرتىپ، بىخەتەرلىكى ئاشۇرۇلغان بولۇپ، ئوق ئۆتمەسلىك، پارتلاشقا تاقابىل تۇرۇش كۈچى قاتارلىق جەھەتلەردە تانكىدىن قېلىشمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇلارنىڭ خىراجىتىمۇ نەچچە ئون مىليون دوللاردىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئۇنداقتا دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى قايسى ئاپتوموبىللارنى رەسمىي «رەھبەر ئاپتوموبىلى» سۈپىتىدە قوللىنىدۇ؟

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى دونالد تىرامپنىڭ رەسمىي ئاپتوموبىلى: كادىلاك بىرىنچى نومۇر (Cadillac One)

رۇسىيە فېدېراتىسىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ رەسمىي ئاپتوموبىلى: مېرسېدېس بېنىز S600

ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى ئېلىزابېت IIنىڭ رەسمىي ئاپتوموبىلى: بېنتلېي لىمۇزىن (Bentley Limousine)

ئەنگىلىيە ئايال باش ۋەزىرى تېرېسا مەينىڭ رەسمىي ئاپتوموبىلى: جاگۇار XJ

ئىتالىيە زۇڭتۇڭى سېرگىيو ماتتارېللانىڭ رەسمىي ئاپتوموبىلى: لانسىيا فىلامىنىيا 335 (Lancia Flaminia 335)

گېرمانىيە زۇڭلىسى ئانجېلا مېركېلنىڭ رەسمىي ئاپتوموبىلى: مېرسېدېس بېنىز S600L

ياپونىيە تېننوسى ئاكىھىتونىڭ رەسمىي ئاپتوموبىلى: تويوتا Century Royal

فىرانسىيە زۇڭتۇڭى فىرانچويىس ھوللاندېنىڭ رەسمىي ئاپتوموبىلى: شىتروئىن DS5

تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغاننىڭ رەسمىي ئاپتوموبىلى: مېرسېدېس بېنىز S600 


كۆرۈش 300 300 لىك
ئاۋات ماشىنا تىپلىرى