• نېمە ئۈچۈن دۆلەت ئىچىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا سۈرئەت 120دىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ
  • يوللانغان ۋاقتى : 2017-04-15 مەنبەسى : auto.qq.com ئاپتۇرى :

تېڭشۈن تورى 13-ئاپرېل خەۋىرى، 

دۆلەت ئىچىدىكى كۆپلىگەن شوپۇرلار يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولدىكى 120km/hلىق سۈرئەت چەكلىمىسى بۈگۈنكى كۈندىكى ماشىنا ۋە سەپەرگە نىسبەتەن بەك ئاستا بولۇپ قالدى دەپ ئاغرىنىدۇ. لېكىن بەلگىلىمىدە مۇشۇنداق بەلگىلەنگەن. ئەگەر ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتسە نومۇر تارتىلىدۇ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 12 نومۇردىن قۇرۇق قالىسىز. نۇرغۇن كىشى گېرمانىيەگە ھەۋەس قىلىدۇ، چۈنكى گېرمانىيەدىكى %67 يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولدا سۈرئەت چەكلىمىسى يوق. ئۇنداقتا جۇڭگودا نېمە ئۈچۈن 120km/hلىق سۈرئەت چەكلىمىسى بەلگىلەپ قويۇلىدۇ؟ 


بىرىنچى، 120km/hلىك سۈرئەت چەكلىمىسىنىڭ سەۋەبى

ئەمەلىيەتتە ئېلىمىزدە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا 120km/hلىق سۈرئەت چەكلىمىسى بېكىتىپ قويۇشنىڭ سەۋەبى بار، ئېلىمىزدىكى كۆپ قىسىم يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يول 120km/hلىك سۈرئەت بويىچە لايىھەلەنگەن، ئۇنىڭدا گىئومېتىرىيەلىك ئامىل، يول يۈزى، ئەتراپتىكى ئەسلىھەلەر ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلىنغاندىن كېيىن، جۇڭگودىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق سۈرئەت چەكلىمىسى 120km/h قىلىپ بەلگىلەنگەن. بۇ دەل ئېلىمىزدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولدىكى ئەڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك چەكلىمىسىنىڭ 120km/h بولۇشىنىڭ سەۋەبى. 


ئىككىنچى، شوپۇرنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇش سۈرئىتى

توسۇلۇپ كەتمەيدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولدا كۆپ قىسىم ماشىنىلار 120km/hكە يېقىن سۈرئەتتە ماڭىدۇ، ئەمەلىيەتتە 120km/hلىك تېزلىك ئىنتايىن تېز سۈرئەت ھېسابلىنىدۇ. 120km/hلىك تېزلىكتە كېتىۋاتقاندا ئالدى تەرەپتە ئەھۋال كۆرۈلسە بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈنلا بىر سېكۇنت ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدۇ، شۇڭا ئېسىنى يىغىپ تورمۇز قىلىپ بولغۇچە ھادىسە كېلىپ چىقىدۇ. 

بىز بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى مىقدارلاشتۇرۇپ باقايلى، بىز 120km/hلىك تېزلىكتە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولدا كېتىۋاتقاندا ماشىنا سېكۇنتىغا 33 مېتىر يۆتكىلىدۇ. ئەگەر ئالدى تەرەپتىكى 30 مېتىرلىق ئورۇندا ۋەقە يۈز بەرسە، ئۇ ھالدا بىز بۇ ئەھۋاللارنى ماشىنا ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇنغا كېلىپ بولغاندا ئاندىن ھېس قىلپ يېتەلەيمىز. بۇ دەل ئېلىمىزدە بىخەتەرلىك ئارىلىقنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھالدا 50~100 مېتىر بولۇشىنىڭ سەۋەبى. 


ئۈچىنچى، سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەشنىڭ خەتىرى چوڭ

ئۇزۇن ۋاقىت 120km/hلىك تېزلىكتە ماشىنا ھەيدىگەن ئەھۋالدا بالوننىڭ يۈكى ئارتىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېمپىراتۇرىسى ئۈزلۈكسىز ئۆرلەيدۇ. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولدا ھەمىشە بالون بېسىمى زىيادە ئارتىپ كېتىش ياكى تۆۋەنلەپ كېتىش سەۋەبلىك بالون ئىچىدىكى ھاۋانىڭ تېمپىراتۇرىسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ، بالون پارتىلاپ كېتىش ھادىسىلىرى كۆرۈلىدۇ. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولدا بالون پارتىلاپ كەتكەن ھامان ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ دەل ماشىنا ئىچىگە ESP ۋە بالون بېسىمىنى تەكشۈرۈش سىستېمىسى ئورنىتىشنى تەۋسىيە قىلىشنىڭ سەۋەبى. 


ئومۇمەن، ئېلىمىزدىكى 120km/hلىق سۈرئەت چەكلىمىسى ئىنتايىن ئىلمىي بېكىتىلگەن چەكلىمە. ئەگەر ماشىنىنى تېز سۈرئەتتە ھەيدەشنى ياخشى كۆرسىڭىز كەسپىي مۇسابىقە ئاپتوموبىلى مەيدانىغا بېرىپ خالىغانچە ھەيدىسىڭىز بولىدۇ. ئەمما يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ھاياتىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ھاياتى بىلەن ئويناشمىغىنىڭىز ياخشى. 

كۆرۈش 300 300 لىك
ئاۋات ماشىنا تىپلىرى