• ماشىنىنى ئارقىغا ياندۇرغاندىكى ھادىسىدىن ساقلايدىغان 6 مەخپىيەتلىك
  • يوللانغان ۋاقتى : 2017-04-13 مەنبەسى : auto.qq.com ئاپتۇرى :

تېڭشۈن تورى 12-ئاپرېل خەۋىرى، 

ماشىنىنى ئارقىغا ياندۇرغاندا مۇزىكا ئاڭلامسىز؟ باشقىلار بىلەن پاراڭلىشامسىز؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى ماشىنىنى ئارقىغا ياندۇرۇشقا ئىنتايىن پايدىسىز ناچار ئادەتلەر. بۈگۈنكى يازمىمىزدا كۆپچىلىككە تونۇشتۇرىدىغىنىمىز ئاساسلىقى «ماشىنىنى ئارقىغا ياندۇرۇش» مەسىلىسى. شوپۇرسىز ماشىنىنى ئارقىغا ياندۇرغاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار ناھايىتى كۆپ، ماشىنىنى ئارقىغا ياندۇرغاندىكى ماشىنا ئورنىنىڭ چەكلىك بولۇشى، ئارقىغا ياندۇرۇش مۇھىتىنىڭ مۇرەككەپلىكىلا ئەمەس، ماشىنىنى ئارقىغا ياندۇرغان ۋاقىتتا كۆرۈلىدىغان كۆپلىگەن ئەھۋاللارنى بىز ئالدىن پەرەز قىلالمايمىز، شۇڭا بۇ خىل ئەھۋالنىڭ خەتەرلىك دەرىجىسى خېلىلا يۇقىرى، شوپۇر بۇنداق ئەھۋالدا باشقىلار بىلەن قەتئىي پاراڭلاشماسلىقى، ئامال بار خەتەر پەيدا قىلىدىغان ئامىللاردىن ساقلىنىشى زۆرۈر. 

ئۆزىمىز بېشىمىزدىن ئۆتكۈزمىگەن پەرەزلەرگە پەرۋا قىلىپ كەتمەيمىز، ئەمما بېشىمىزدىن ئۆتكەندىن كېيىن پەرۋا قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي قالىمىز. تۆۋەندە ماشىنىنى ئارقىغا ياندۇرۇشتىكى بىرقانچە پىرىنسىپ بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى:


1. كۆڭۈل قويۇپ ياندۇرۇش

ئازراقلا دىققىتىڭىزنى يىغمىسىڭىز چوڭ خەتەر كۆرۈلىدۇ. مۇزىكا ئاڭلاش، پاراڭلىشىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى خەتەرلىك سىگنال ھېسابلىنىدۇ. خۇددى مەكتەپتە ئەستايىدىل دەرس ئاڭلىمىغانغا ئوخشاش، ئەمما ماشىنىنى ياندۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتى ئۇنىڭدىن ئېغىر، چۈنكى ھايات-مامات قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدا بولىدۇ. 


2. ياندۇرۇشتىن بۇرۇن كۆزىتىش

ماشىنىنىڭ كۆرۈنمەس رايونى بولىدۇ، ماشىنا ئىچىدە سىرتتىكى كىچىك ھايۋان ۋە بالىلارنى، شۇنداقلا تىنچ نەرسىلەرنى ئاسانلىقچە كۆرگىلى بولمايدۇ، مەسىلەن: تاش ئورۇندۇق دېگەندەك. ماشىنىنى ياندۇرۇشتىن بۇرۇن ئاۋۋال ئارقا تەرەپتە توسالغۇ جىسىم بار-يوقلۇقىنى ياخشى كۆزىتىش ھەمدە ئارقىغا ياندۇرغاندا بىرتەرەپتىن سىگنال بەرگەچ ياندۇرۇش لازىم. 


3.ئارقىغا ياندۇرۇش يولىنى ياخشى پىلانلاش

خۇددىي ئىشىكتىن چىققان ۋاقتىڭىزدا ئۆزىڭىزگە تونۇش يولدا ماڭغاندەك، ماشىنىنى ئارقىغا ياندۇرغاندىمۇ ياندۇرۇش يولىنى كاللىڭىزدا پىلانلىۋېلىشىڭىز كېرەك. 


4. پۇتنى تورمۇزدىن ئايرىماسلىق

پۇتنى تورمۇز تەپكىسىدىن ئايرىماسلىق ماشىنىدا بىر كىچىك بىخەتەرلىك كاپالىتى بولغان بىلەن باراۋەر، چۈنكى بۇنداق قىلغاندا ماشىنىنى ئارقىغا ياندۇرغاندا ماشىنا ئازگالغا كىرىپ قالسا تېز سۈرئەتتە كونترول قىلغىلى بولىدۇ. 


5. ئۈچ ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكىگە قاراپ جەزىملەشتۈرۈش

ماشىنىنى ئارقىغا ياندۇرۇش ھەممە تەرەپلەرنى ئەستايىدىل كۆزىتىپ خەتەردىن ساقلىنىدىغان جەريان، شۇڭا چوقۇم ئۈچ دانە ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكىگە تەكرار قاراپ يول ئەھۋالىنى جەزىملەشتۈرۈش لازىم. 


6. ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرگە تايىنىۋالماسلىق

ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنىمۇ ئادەم ياساپ چىققان، شۇڭا ئادەمدەك ئەقىللىك ۋە ئىشەنچىلىك ئەمەس. بەزى ئۆلۈك بۇلۇڭلارنى بايقىيالمايدۇ، شۇڭا ئۆزىنىڭ ھۆكۈمىگە ئىشىنىشىڭىز ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرگە ئىشەنگەندىن كۆپ ياخشى. 

كۆرۈش 300 300 لىك
ئاۋات ماشىنا تىپلىرى