• پەسىل ئالماشقاندا ئاپتوموبىلنى ئاسراش ئۇسۇللىرى
  • يوللانغان ۋاقتى : 2017-04-13 مەنبەسى : ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى ئاپتۇرى :

ئەتىيازدا:

1) قۇم-بوراننى توسۇش ۋە ھىملەش ماتېرىياللىرى، ئاپتوموبىل ئىشىكى قاتارلىقلارنىڭ نورمال ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈش؛

2) ھاۋا تەڭشىگۈچ، ھاۋا سۈزگۈچنى پاكىز تازىلاش؛

3) ئاپتوموبىل ئىچى ۋە تەگلىك جازىنى پاكىز تازىلاپ چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛

4) موم سۈركەش ھەمدە كىسلاتالىق يامغۇر زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئاپتوموبىلنىڭ قىرىلىپ كەتكەن يەرلىرىنى تولۇقلاپ سىرلاپ داتلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

يازدا:

1) ھاۋا تەڭشىگۈچنى توغرا ئىشلىتىش، يەنى ئاپتوموبىل ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى سىرتنىڭكىدىن 10 گىرادۇس تۆۋەن قىلىپ توغرىلاش؛ ئاپتوموبىل ئىسسىپ كەتسە، ھاۋا تەڭشىگۈچنى دەرھال ئاچماستىن، سۈرئەت 80 كىلومېتىرغا يەتكەندە ئېچىش؛

2) ماي يولى توسۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىسسىق جايدا ئاپتوموبىل توختاتماسلىق، ماي ياكى سۇ باكىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش؛

3) موتورنىڭ بەك قىزىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش، سوۋۇتۇش سىستېمىسىنى تەكشۈرۈپ، سۇ ساندۇقىنى پاكىز يۇيۇش، بالون قىزىغاندا سۇ چاچماس؛

4) ئاپتولنىڭ ئوكسىدلىنىپ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىشتىن ساقلىنىش؛

5) سوۋۇتۇش سۇيۇقلۇقىنى ياخشى تاللاش.


مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى


كۆرۈش 300 300 لىك
ئاۋات ماشىنا تىپلىرى