• ئىچكى ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكىنىڭ بۇ ئىقتىدارلىرىنى بىلەمسىز
  • يوللانغان ۋاقتى : 2017-04-12 مەنبەسى : auto.qq.com ئاپتۇرى :

تېڭشۈن تورى 9-ئاپرېل خەۋىرى، 

ماشىنىغا ئارقىدىكى نەرسىلەرنى كۆرۈش ئۈچۈن ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكى ئورنىتىلغان بولىدۇ، ماشىنا ئىچىدىكى ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكى ماشىنا سىرتىدىكى ئىككى ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكىنىڭ كۆرۈش بۇلۇڭىنى چوڭايتىشقا ئىشىلىتىلىدۇ، ماشىنا ھەيدىگەن ۋاقىتتا بۇ ئۈچ ئەينەكنىڭ ھەممىسىگە قاراش كېرەك. ئەمما كۆپلىگەن ماشىنا ھەيدىگۈچىلەر پەقەت ئوڭ-سول تەرەپتىكى ئىككى ئەينەككىلا قاراپ، ماشىنا ئىچىدىكى ئەينەكنىڭ رولىغا سەل قارايدۇ، بۈگۈن تورداشلارغا ماشىنا ئىچىدىكى ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكىنىڭ رولىنى تونۇشتۇرىمىز.

كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ماشىنا ئىچىدىكى ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكىگە قاراش قېتىمى ئىككى ياندىكى ئەينەكتىن ئاز بولىدۇ. سەۋەبى دۆلەت ئىچىدە ماشىنا ھەيدىگەندە ئوڭ-سول تەرەپتىكى يول ئۆزگىرىشى كۆپرەك بولىدۇ. گەرچە دائىم يول ئۆزگەرتىش ياخشى ئادەت بولمىسىمۇ، ئەمما دۆلەت ئىچىدىكى كۆپلىگەن شوپۇرلار دائىملىق ماشىنا يولىدا ماڭمايدۇ، بىر قەدەر تەكشى مۇۋاپىق ماشىنا سۈرئىتىنى ساقلاش قېلىش ئۈچۈن ماشىنا يولىنى ئۆزگەرتىپ مېڭىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. 

بىرىنچى، نېمە ئۈچۈن ماشىنا ھەيدىگەندە ئوڭ-سول ئارقىنى كۆرۈش چىرىغىغا بەكرەك قارىلىدۇ؟

سەۋەبى يول يۈرگەندە ماشىنا ئىچىدىكى ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكى ئانچە چوڭ رول ئوينىمايدۇ. ئارقىڭىزدىكى ماشىنا سىزنى سوقۇۋەتكەن ياكى ماشىنىنى خەتەرلىك ھەيدىگەن ۋاقىتتا ماشىنا ئىچىدىكى ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. سىزنىڭ كۆپ قىسىم مەشغۇلاتىڭىزمۇ ئارقا تەرەپتىكى ماشىنىغا خەتەر پەيدا قىلمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى كۆپىنچە ماشىنىلارنىڭ ئىچىدىكى ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكىدە ھېچنىمىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. 

ئىككىنچى، ماشىنا ئىچىدىكى ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكىنىڭ رولى

1. جىددىي تورمۇز قىلغاندا ئارقىغا قاراش

جىددىي تورمۇز قىلىشقا توغرا كەلگەن ۋاقىتتا ماشىنا ئىچىدىكى ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكىدىن ئارقىدا يېقىن كېلىۋاتقان ماشىنا بار-يوقلۇقىنى قاراش لازىم، ئەگەر بار بولسا ئالدىدىكى ماشىنا بىلەن بولغان ئارىلىققا ئاساسەن تورمۇزنى مۇۋاپىق قويۇۋېتىپ، ئارقىدىكى ماشىنىنىڭ ئەگىشىپ سوقۇلۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. 

2. ئارقا تەرەپتىكى يول ئەھۋالىنى كۆزىتىش

دۆلەت ئىچىدە ماشىنا ھەيدىگەن ۋاقىتتا دائىم يول ئۆزگەرتىپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. يول ئۆزگەرتمەكچى بولغاندا ئالدى بىلەن بۇرۇلۇش چىرىغىنى ياندۇرۇپ، ئاندىن ماشىنا ئىچىدىكى ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكىدىن ئارقا تەرەپتىكى ماشىنىلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا يول ئۆزگەرتىش لازىم. ئەگەر ئارقىدىكى ماشىنا بۇرۇلۇش چىرىغىنى ياندۇرۇپ بولغان، ياكى بۇرۇلۇش نىيىتى بار بولسا يول بېرىشكە دىققەت قىلىش لازىم. 

3. ئارقا رەتتىكى يولۇچىلارنى كۆزىتىش

شوپۇر ماشىنا ئىچىدىكى ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكى ئارقىلىق ئارقا رەتتە ئولتۇرغان يولۇچىنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتەلەيدۇ، بولۇپمۇ ئارقا رەتتە كىچىك بالا ئولتۇرغان ۋاقىتتا بۇ ئەينەكنىڭ رولى چوڭ بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ماشىنا ئىچىدىكى ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكى ئارقىلىق بالىنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ، خەتەرلىك ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. 

4. ئارقىدىكى ماشىنا بىلەن بولغان ئارىلىققا ھۆكۈم قىلىش

ماشىنا ئىچىدىكى ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكى ئارقىلىق ئارقىدىكى ماشىنا بىلەن بولغان ئارىلىققا ھۆكۈم قىلىشتا، ماشىنا ئىچىدىكى ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكىدە ئارقىدىكى ماشىنىنىڭ دەل ئالدى چاقىنى كۆرگىلى بولسا بۇ ۋاقىتتا ئارقىدىكى ماشىنا بىلەن تەخمىنەن 13 مېتىر ئارىلىق بار بولغان بولىدۇ، ئوتتۇرا تورسىمان سالاسۇننى كۆرگىلى بولسا تەخمىنەن ئالتە مېتىر ئارىلىق بار بولغان بولىدۇ، ئوتتۇرا تورسىمان سالاسۇننى كۆرگىلى بولمىغان ۋاقىتتا تەخمىنەن تۆت مېتىر ئارىلىق قالغان بولىدۇ. 

شۇڭا شوپۇر دوستلار ماشىنا ھەيدىگەن ۋاقىتتا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى، ماشىنىنىڭ ئەتراپىدىكى ئەھۋاللارغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىشى، بولۇپمۇ ئۈچ ئەينەكتىكى ئەھۋاللارنى دائىم كۆزىتىپ، ئەتراپتىكى يول ۋە ماشىنىلارنىڭ ئەھۋالىنى توغرا ئىگىلەپ، خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشى زۆرۈر. 

كۆرۈش 300 300 لىك
ئاۋات ماشىنا تىپلىرى