• ئاپتوموبىل ياپقۇچى شۇنچە مۇھىم بولسىمۇ جۇڭگودا ئىشلىتىدىغانلار نېمىشقا شۇنچە ئاز؟
  • يوللانغان ۋاقتى : 2017-04-07 مەنبەسى : auto.qq.com ئاپتۇرى :

تېڭشۈن تورى خەۋىرى 

ئاپتوموبىل ياپقۇچىنىڭ ئېغىز تىلىدا ئاپتوموبىل كىيىمى دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى ھەممەيلەن بىلىدۇ، يەنى ئاپتوموبىلنىڭ سىرتقى ئۆلچىمىگە ئاساسەن برېزېنت ياكى باشقا چىدامچانلىقى ياخشى ماتېرىياللاردىن ياسىلىدىغان سىرتقى ياپقۇچ بولۇپ، ئاپتوموبىل سىرى، دېرىزە ئەينەكلىرىنى ئاسراش رولى نىسبەتەن ياخشى، بولۇپمۇ ئالىي دەرىجىلىك ئاپتوموبىللارغا ئاپتوموبىل ياپقۇچنى ھەمىشە ئىشلىتىپ تۇرغاندا ئاپتوموبىل سىرىنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ. بىراق بىز ئادەتتە كوچىدا ياكى ئولتۇراق رايون ئىچىدە مەيلى شامال چىقسۇن ياكى ئاپتاپ، ئاپتوموبىل ياپقۇچى ئىشلىتىدىغانلارنىڭ ناھايىتى ئاز ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز، بۇ نېمە ئۈچۈن؟

1. ئاپتوموبىل ياپقۇچنىڭ ئۆزىدىكى مەسىلە

(1) ئىشلىتىش قىيىن

ئاپتوموبىل ياپقۇچنىڭ ئاساسلىق رولى چاڭ-توزاندىن، ئاپتاپتىن، يامغۇردىن، يامغۇر ئارىلاش قاردىن، چىرىشتىن ساقلاش، سىرنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىقلار بولۇپ، بىراق ئوخشاشلا يەنە ناھايىتى چوڭ بىر كەمچىلىكى بار، يەنى ئىشلىتىش بىرقەدەر ئاۋارىچىلىق، بۇنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ۋاقىت ھەم كۈچ كېتىدۇ، بۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھەر كۈنى داۋاملىق ئىشلەتمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

(2) ئىشلىتىش مۇھىتى ياخشى ئەمەس

كۆپلىگەن ئاپتوموبىل ئىگىلىرى ئاپتوموبىل سىرىنى كۆپچىلىكنىڭ ئويلىغاندىكىدەك ئاجىز ئەمەس دەپ قارايدۇ. ئاپتوموبىل سىرى قاتۇرغۇچ بىلەن يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئاپتوموبىل سىرتقى يۈزىگە پۈركۈلىدىغان بولۇپ، ئون نەچچە گرادۇسلۇق ئىسسىقلىقنىڭ تەسىرى ئانچە چوڭ بولمايدۇ. ئەكسىچە چاڭ-توزان، قۇملارنىڭ سۈركىلىشىنىڭ سىر يۈزىگە بولغان بۇزغۇنچىلىق دەرىجىسى ناھايىتى چوڭ. شامالنىڭ كۈچى بىلەن ئاپتوموبىل تىپىڭىز بىلەن ئوخشاش دەرىجىدىكى قۇم قەغەزگە ئايلىنىپ، يېنىككىنە، ئاستا-ئاستا، ھېچقانداق بۇلۇڭنى قالدۇرماي ئاپتوموبىلنىڭ سىر يۈزىنى زەخمىگە ئۇچرىتىدۇ. ئويلاپ بېقىڭ، قۇم-بورانلىق ھاۋادا ئاپتوموبىل ياپقۇچى ئاپتوموبىلنى تولۇق قوغداش بىلەن بىرگە، يەنە ئاپتوموبىل سىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.

(3) يازدا ئاپتاپتىن ساقلاشتىمۇ مەسىلە كۆرۈلىدۇ

قايناۋاتقان قازاننىڭ ئۈستىگە بىر قەۋەت سۇلياۋ رەخت يېپىپ قويساق قانداق تەبىئىي ھادىسە يۈز بېرىدىغانلىقىنى قىياس قىلالايمىز. ئەمەلىيەتتە ئاپتوموبىلنى ئەمدىلا توختاتقاندا ئاپتوموبىل ياپقۇچىنى يېپىپ قويسىڭىز، تېمپېراتۇرا ئېنىقلا ئۆرلەپ، نەملىكنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

(4) ئاپتوموبىل ياپقۇچىنىڭ ماتېرىيالىدا مەسىلە بار

نۆۋەتتە بازاردا سېتىلىۋاتقان ئاپتوموبىل ياپقۇچلىرىنىڭ ماتېرىياللىرى تەكشى ئەمەس، كۆپىنچىلىرىنىڭ ئوڭ يۈزى پىرىسلانغان، تەتۈر يۈزى قىسقا تالا بىلەن مۇقىملاشتۇرۇلغان. بۇنداق ماتېرىيالنىڭ مۇقىملىق دەرىجىسى ۋە تارتىشچانلىقى كۈچلۈك ئەمەس، ناھايىتى ئاسانلا يىرتىلىپ كېتىدۇ.

2. تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل ئەھۋالدا كۆپچىلىكنىڭ ئاپتوموبىل ياپقۇچىنى يېپىپ قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز:

(1) ئاپتوموبىلنى توختىتىش ئىسكىلاتىغا قويۇپ ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتمىگەندە، ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنىڭ ياپقۇچنى يېيىپ قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز، بۇنداقتا ئاپتوموبىل يۈزىگە چاڭ-توزانلارنىڭ توپلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە باشقىلارنىڭ مەقسەتسىز ھالدا ئاپتوموبىل سىرتقى يۈزىنى زەخمىگە ئۇچرىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ ھەمدە بەلگىلىك دەرىجىدە ئوغرىدىن ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ.

(2) قىشتا ھاۋا سوغۇق ۋاقىتتا، ئاپتوموبىل ياپقۇچىنى يېپىپ قويغاندا قوغداش رولى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ. ئاپتوموبىلدا قالغان قار مۇزلارنى تازىلاش ئاسانغا توختاپلا قالماي، يەنە ئاپتوموبىل ئىشىكلىرى ۋە ئەينەك سۈرتكۈچتىمۇ مۇز توڭلاپ قالمايدۇ.

(3) ئەگەر سىز ئاپتوموبىل توختاتقان جايدا قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان بولسا، ئەڭ ياخشىسى ياپقۇچنى يېپىپ قويۇڭ.

كۆرۈش 300 300 لىك
ئاۋات ماشىنا تىپلىرى