• ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ قالتىس ئاپتوموبىللار
  • يوللانغان ۋاقتى : 2017-04-07 مەنبەسى : toutiao.com ئاپتۇرى :


بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى،

يولۇچىلار ئايروپىلانىدەك ئىس چىقىرىپ كېلىۋاتقان بۇ يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ئۈچ دانە «رېئاكتىپ» ماتورى بار، قارىماققا ھازىرلار ئاسمانغا ئۇچۇپ كېتىدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. بۇ ئاپتوموبىل دۇنيا بويىچە سۈرئىتى ئەڭ تېز يۈك ئاپتوموبىلىدۇر، چۈنكى بۇنىڭغا ئايروپىلانىڭ ماتورى سەپلەنگەن. 

Aeromobil 3.0 ئۇچالايدىغان ئاپتوموبىل، مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ ئاپتوموبىل تاشيولدا ماڭىدىغان كىچىك تىپتىكى ئايروپىلان. «ئۇچالايدىغان ئاپتوموبىل» ئاڭلىماققا ناھايىتى قالتىستەك بىلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، Aeromobil دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنى ياخشى كۆرىدىغان پۇلدارلار ئۈچۈن لايىھەلەنگەن، بۇنىڭ ھېچقانداق ئەمەلىي ئىشلىتىشچانلىقى يوق. 

«Bloodhound» ناملىق ئاۋازدىن تېز ئاپتوموبىل، ئۇنىڭ تۇرقى راكېتاغا ئوخشايدۇ، بىراق ئۇ ئۇچالمايدۇ. بۇنىڭ سۈرئىتى 1600 كىلومېتىر ھەر سائەت. 

4Dلىق ئۆز ئوقىدا ئايلىنىدىغان پەلەك پويىزى، بىز چىقىپ باققان پەلەك پويىزىنىڭ ھەممىسى مۇقىم ئورۇندۇقى بار. بىراق، يېقىن كەلگۈسىدە پەلەك پويىزىدا كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان ئۆزگىرىشلەر بولۇشى مۇمكىن. يېڭىدىن تەتقىق قىلىنىۋاتقان پەلەك پويىزىنىڭ ئورۇندۇقى 360 گىرادۇس ئەركىن ئايلىنىشى مۇمكىن. 

چوڭ تىپتىكى گادرون سوقۇشتۇرغۇچنىڭ سۈرئەت تېزلىتىش قۇرۇلمىسى، چوڭ تىپتىكى گادرون سوقۇشتۇرغۇچ (LHC) دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ قۇدرەتلىك زەررىچە سوقۇشتۇرغۇچ، شۇنداقلا تارىختىن بۇيان ياسالغان ئەڭ چوڭ، ئەڭ مۇرەككەپ تەجرىبە ئۈسكۈنىسى. 

ئېغىر يۈكلەرنى توشۇيدىغان كۆۋرۈكسىمان كىران F60، بۇ ئۈسكۈنىنىڭ ئۆلچىمىنى ئېنىق ئېيتىپ بەرگىلى بولمايدۇ. بۇ دۇنيا سانائىتىدىكى ئەڭ چوڭ يۆتكىلىشچان ئۈسكۈنە، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 502 مېتىر. ياتقۇزۇلغان «ئېففېل تۆمۈر مۇنارى» بىلەن تەڭ كېلىدۇ. 

سۈكەن چاقىلىق كولىغۇچ (باگېر 293) بۇ كولىغۇچ (ئېكسكاۋاتور)نىڭ ئېگىزلىكى 180 مېتىر كېلىدۇ، دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ كولىغۇچ. جىننېس دۇنيا خاتىرىسىگە قارىغاندا، مەزكۇر كولىغۇچ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى قۇرۇقلۇقتا ئىشلىتىدىغان ئەڭ چوڭ كولىغۇچ ئىكەن. 

لىبىخېر T282B كان ئاپتوموبىلى. T282B دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ ئېگىز، يۈك كۆتۈرۈش ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى يۈك ئاپتوموبىلى. بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئاپتوموبىل كۆمۈر كان، مىس، تۆمۈر، ئالتۇن كانلىرىدا ئىشلىتىلمەكتە. 

KOMATSU D575A-3 SD زەنجىر تاپانلىق توپا ئىتتىرگۈچ. ياپونىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان بۇ ئۈسكۈنە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ توپا ئىتتىرگۈچتۇر.

Antonov An-225 تىتان ناملىق بۇ ئايروپىلاننىڭ ئالتە دانە ياپراقچە پىرقىرىغۇچلۇق موتورى بار. ئۇ، دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن، ئەڭ ئېغىر ئايروپىلان، ئۇنىڭ ئۇچقاندىكى ئېغىرلىقى 640 توننا كېلىدۇ.

كۆرۈش 300 300 لىك
ئاۋات ماشىنا تىپلىرى