• ماشىنىدىكى بۇ «چىراغ تىلى»نى بىلمىسىڭىز ئۆزىڭىزنى كونا شوپۇر ھېسابلىماڭ
  • يوللانغان ۋاقتى : 2017-04-07 مەنبەسى : auto.qq.com ئاپتۇرى :

تېڭشۈن تورى 6-ئاپرېل خەۋىرى، 

بىر قىسىم رازۋېتكا فىلىملىرى ياكى ئالاھىدە خادىم كىنولىرىدا ئالاھىدە خادىم ئۇرۇشلىرى ياكى قارشى تەرەپنىڭ باشلىقىنى قەستلەپ ئۆلتۈرىدىغان كۆرۈنۈشلەردە باش رولچىلار ھەمىشە مەخسۇس بارماق تىلى ئارقىلىق شېرىكىگە مەقسىتىنى بىلدۈرۈپ، نىشاننى ئۈركىتىپ قويۇش ياكى ئاشكارىلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە رېئال تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك ئىشارىلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، مەسىلەن: ماشىنا ھەيدىگەن ۋاقىتتا «چىراغ تىلى» ئىشلىتىلىدۇ. بەزى شوپۇرلار بۇنىڭغا پىششىق، ئەمما بەزىلىرى ھېچنېمىنى بىلمەيدۇ. تۆۋەندە «چىراغ تىلى»نىڭ رولىغا قاراپ باقايلى.


بىرىنچى، يېشىل چىراغ مېڭىشنى ئەسكەرتىدۇ

چىراغ تىلى: چوڭ چىراغنى چاقنىتىپ قويۇش

تۆت كوچا دوقمۇشىدا يېشىل چىراغ يانغان ۋاقىتتا بەزى يېڭى شوپۇرلار تېخنىكىغا پىششىق بولمىغانلىقى ياكى دىققىتىنى چېچىۋېتىپ قالغانلىقى سەۋەبلىك قاتناش چىرىغىنىڭ ئۆزگىرىشىگە دەرھال ئىنكاس قايتۇرالماي قالىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا ئارقىدىكى ماشىنىلار چوڭ چىراغنى بىر قېتىم چاقنىتىپ قويۇپ ئالدىدىكى ماشىنىنى مېڭىشقا ئەسكەرتىدۇ، بۇ بىر خىل ئەدەبلىك ئەسكەرتمە. چىراغنى ئۇدا چاقناتقان ياكى ئۇزۇن ۋاقىت ياندۇرۇپ قويغاندا ئالدىدىكى شوپۇرنى بىزار قىلىپ قويىدۇ. ئالدىدىكى شوپۇر چىراغنىڭ بىر قېتىم يانفانلىقىنى بايقىغان ھامان بۇنىڭ بىر ئەدەبلىك ئەسكەرتمە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشى لازىم. 


ئىككىنچى، ياندىكى ماشىنىدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتىش

چىراغ تىلى: چوڭ چىراغنى ئۈچ قېتىم ئارقىمۇ ئارقا چاقنىتىش

يولدا ماشىنا ھەيدىگەن ۋاقىتتا بەزىدە قوشنا ماشىنىنىڭ ئارقا كوزۇپ ئىشىكىنىڭ ياخشى يېپىلمىغانلىقى ياكى بالون بېسىمىنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىدەك بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى بايقاپ قالىمىز، بۇ ۋاقىتتا شوپۇرغا ماشىنىدا مەسىلە بارلىقىنى ئەسكەرتىپ قويۇشنى ئويلايمىز، بۇ ئويىمىزنى چوڭ چىراغنى ئۈچ قېتىم چاقنىتىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئەگەر ماشىنا ھەيدەۋاتقاندا ئارقىدىكى ماشىنا بىزگە مۇشۇنداق سىگنال بەرسە، ئامال بار ماشىنىنى بىخەتەر ئورۇنغا توختىتىپ، تەپسىلىي تەكشۈرۈپ بېقىشىمىز لازىم. 


ئۈچىنچى، ئارقىدىكى ماشىنىنىڭ بەك يېقىنلاپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتىش

چىراغ تىلى: تورمۇز چىراغنى ئارىلىق قالدۇرۇپ تەكرار ياندۇرۇش

ماشىنا يۇقىرى سۈرئەتتە ماڭغان ۋاقىتتا ئالدى-ئارقىدىكى ماشىنىلار بەلگىلىك ئارقىلىق ساقلاپ، سوقۇلۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى لازىم. ئارقىدىكى ماشىنىنى بەك يېقىن ھەيدىگەندە قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇ ۋاقىتتا ئالدىدىكى ماشىنا شوپۇرى تورمۇز چىراغنى ئۈزۈپ-ئۈزۈپ تەكرار ياندۇرسا بولىدۇ. ئارقىدىكى ماشىنا بۇ خىل سىگنالنى كۆرگەن ھامان ئاڭلىق ھالدا سۈرئەتنى كونترول قىلىپ، بىخەتەرلىكنى ئارىلىقنى ساقلىشى زۆرۈر.


تۆتىنچى، ماشىنا يولىنى بىرلەشتۈرۈش

چىراغ تىلى: بىر قېتىم چاقنىتىش ماقۇل بولغانلىق، ئۇدا چاقناتقانلىق رەت قىلغانلىق

ماشىنا يولىنى بىرلەشتۈرۈش بىر خىل دائىملىق ھەيدەش ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ. ئالدىدىكى ماشىنا يول ئۆزگەرتكەن ۋاقىتتا چوقۇم بۇرۇلۇش چىرىغىنى ئالدىن ياندۇرۇشى كېرەك، بۇ ۋاقىتتا ئارقىدىكى ماشىنا ئالدىدىكى ماشىنىغا ئىپادە بىلدۈرۈشى لازىم. ئالدىدىكى ماشىنىنىنىڭ ئۆزىنىڭ يولىغا كىرىشىگە ماقۇل بولسا چوڭ چىراغنى بىر قېتىم چاقناتسا بولىدۇ، ماقۇل بولمىسا ئۇدا چاقناتسا بولىدۇ. ئالدىدىكى ماشىنا رەت قىلغانلىق سىگنالىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ماشىنا يولىنى مەجبۇرىي ئۆزگەرتمەسلىكى لازىم، بولمىسا خەتەر كېلىپ چىقىدۇ. 


بەشىنچى، ئالدىدىكى ماشىنىغا يىراقنى يورۇتۇش چىرىغىنى ئالماشتۇرۇشنى ئەسكەرتىش

چىراغ تىلى: چوڭ چىراغنى ئىككى قېتىم ياندۇرۇش ياكى قوش چاقناش چىرىغىنى ياندۇرۇپ نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش

كۆپ قىسىم شوپۇرلار كېچىدە يول يۈرگەن ۋاقىتتا قارشى تەرەپتىن كەلگەن ماشىنىلارنىڭ يىراقنى يورۇتۇش چىرىغىنى ياندۇرۇپ قويغانلىقىنى بايقايدۇ. بۇنىڭغا قارىتا قاتناش ساقچىلىرىمۇ چارە قوللانغان بولۇپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يىراقنى يورۇتۇش چىرىغىنى ياندۇرۇپ قويغان ماشىنىلارنى توسۇپ، شوپۇرنى ئالدى تەرەپتىن يىراقنى كۆرۈش چىرىغى ياندۇرۇپ قويۇلغان ساقچى ماشىنىسىنىڭ ئىچىدە بىر مىنۇت ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، يىراقنى يورۇتۇش چىرىغىنىڭ خەتىرىنى بىلدۈرىدۇ. ئالدى تەرەپتىن كېلىۋاتقان ماشىنىنىڭ يىراقنى يورۇتۇش چىرىغىنى ياندۇرۇپ قويۇپ ئۆزىگە قولايسىزلىق پەيدا قىلغانلىقىنى بايقىغان ۋاقىتتا، چوڭ چىراغنى ئىككى قېتىم ياندۇرسا ياكى قوش چاقناش چىرىغىنى ياندۇرسا بولىدۇ. ئۆزى مۇشۇنداق سىگنالنى قوبۇل قىلغان ۋاقىتتا ئامال بار چىراغنى ئالماشتۇرۇپ، قارشى تەرەپتىكى ماشىنىدا خەتەر كۆرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. 


ئالتىنچى، ماتورسىز قاتناش ياكى پىيادىلەرگە ئەسكەرتمە بېرىش

چىراغ تىلى: چوڭ چىراغنى توختىماستىن چاقنىتىش

جۇڭگوچە يولدىن ئۆتۈش ئادىتى يىراق-يېقىنغا داڭلىق. كەچتە ماشىنا ھەيدىگەن ۋاقىتتا خالىغانچە يولدىن ئۆتىدىغان پىيادىلەر ۋە ماتورسىز قاتناش ۋاستىلىرى كېتىۋاتقان ماشىنا ئۈچۈن بىر چوڭ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن ئاپىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھەر يىلى يۈز بەرگەن قاتناش ھادىسىلىرىنىڭ سانى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. 

بۇ خىل ئەھۋالغا يولۇققاندا ماشىنا سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش ھەمدە چوڭ چىراغنى چاقنىتىش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا پىيادىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقىلى ھەمدە ئۇلارنى بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشقا ئەسكەرتكىلى بولىدۇ. 


خۇلاسە: 

ھايات ئىنتايىن قىممەتلىك ۋە قىسقا، ئەمما كىچىككىنە بىپەرۋالىق ئەرزائىلنى چىللاپ كېلىشى مۇمكىن. شۇڭا يۇقىرى چىراغ تىللىرىنى بىلىۋالغاندا خەتەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ ھاياتىنى خەتەرگە ئۇچرىتىشتىنمۇ ساقلانغىلى بولىدۇ. 

كۆرۈش 300 300 لىك
ئاۋات ماشىنا تىپلىرى