• باشقىلارغا ئارىيەت بەرگەن ماشىنىڭىز ۋەقە تۇغدۇرسا بۇ ئۈچ ئەھۋالدا سىزگە گەپ كەلمەيدۇ
  • يوللانغان ۋاقتى : 2017-04-04 مەنبەسى : auto.qq.com ئاپتۇرى :

تېڭشۈن تورىنىڭ 3-ئاپرېلدىكى خەۋىرى، 

گەرچە «ماشىنا بىلەن خوتۇننى ئارىيەتكە بېرىشكە بولمايدۇ» دەيدىغان بىر ھېكمەت بولسىمۇ، ئەمما رېئال تۇرمۇشتا ماشىنا ئارىيەتكە بېرىش ئەھۋاللىرى پات-پات ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئۇنداقتا ئارىيەتكە بېرىلگەن ماشىنىدا ھادىسە كۆرۈلسە مەسئۇلىيەتنى ماشىنا ئىگىسى ئۈستىگە ئالامدۇ؟ مەسئۇلىيەت قانداق ئايرىلىدۇ؟ قانداق قىلغاندا مەسئۇلىيەت ماشىنا ئىگىسىگە يۈكلەنمەيدۇ؟ تۆۋەندە بۇ ھەقتە توختىلىمىز. 


1. ماشىنىنى ئارىيەتكە بەرسە مەسئۇلىيەتنى ماشىنا ئىگىسى ئۈستىگە ئالامدۇ؟

ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش جاۋاپكارلىقى قانۇنىنىڭ 49-ماددىسدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: «ئارىيەتكە بېرىش، ئىجارىگە بېرىش قاتارلىق ئەھۋاللار تۈپەيلى ماشىنىنىڭ ئىگىسى بىلەن ئىشلەتكۈچى بىر بولمىغان ئەھۋالدا ھادىسە كۆرۈلۈپ جاۋابكارلىق شۇ ماشىنىدا بولسا، سۇغۇرتا شىركىتى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىنىڭ مەسئۇلىيەت چەك سوممىسى دائىرىسىدە تۆلەم بېرىدۇ. سومما چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن قىسمىنى ماشىنىنى ئىشلەتكۈچى تەرەپ ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ماتورلۇق ماتناش ۋاستىسى ئىگىسىنىڭ زىيانغا قارىتا سەۋەبلىكى بوىلسا ماس ھالدىكى تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. »

شۇڭا ماشىنا ئىگىسىدە سەۋەبلىك بولغاندا ئاندىن تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، مەسئۇلىيەت دائىرىسى سەۋەنلىكنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قارىتا بەلگىلىنىدۇ.


2. ماشىنا ئىگىسىنىڭ سەۋەنلىكى نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟

① قارشى تەرەپنىڭ ھاراق ئىچىدىغانلىقى، زەھەر چېكىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ ماشىنىنى يەنىلا ئۇنىڭغا ئىجارىگە ياكى ئارىيەتكە بېرىش؛

ئەگەر ماشىنا ئارىيەتكە ئالغۇچى ماشىنىنى ئارىيەتكە ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ھاراق ئىچكەن ياكى زەھەر چەككەن بولسا، ماشىنا ئىگىسى چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. 

② ماشىنىسىدا كاشىلا بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنىلا ئارىيەتكە بېرىش؛

بۇ يەردە دېيىلگەن ماشىنا كاشىلىسى ئارىيەتكە بېرىلگەن ماشىنىدىكى ھەرىكەت كۈچى سىستېمىسى، تورمۇز سىستېمىسى، بالون تومپىيىپ قېلىش قاتارلىق ماشىنىنىڭ نورمال يول يۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان كاشىلىلارنى كۆرسىتىدۇ. 

③ ماشىنىنى پىراۋىسى يوق، پىراۋىسى بىكار قىلىنغانلارغا بېرىش ياكى ئارىيەتكە بېرىلگەن ماشىنا ئارىيەت ئالغۇچىنىڭ پىراۋىسىغا ماس كەلمەسلىك؛

ماشىنا ئارىيەتكە بېرىشتە قارشى تەرەپنىڭ پىراۋىسى بار-يوقلۇقىغا قاراش بىلەن بىرگە يەنە قارشى تەرەپنىڭ پىراۋىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى ۋە ھەيدەشكە يول قويۇلىدىغان ماشىنا تىپىغىمۇ دىققەت قىلىش لازىم، مۇشۇ خىل ئەھۋالدا ماشىنىنى ئىجارىگە بەرگۈچى چوقۇم چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

«ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش جاۋاپكارلىقى قانۇنى»دا ئېنىق قىلىپ: «ئارىيەتكە بېرىلگەن ماشىنىدا ھادىسە كۆرۈلگەن ۋاقىتتا ئەگەر ماشىنا ئىگىسىنىڭ زىيانغا قارىتا سەۋەنلىكى بارلىقىنى ئىسپاتلىغىلى بولمىسا، ئۇ ھالدا ماشىنا ئىگىسى ماس ھالدىكى تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. 


3. تۆۋەندىكى ئەھۋالدا ماشىنا ئىگىسى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ

① ماشىنا نورمال. ئارىيەتكە بېرىشتىن بۇرۇن ماشىنىدا تورمۇز ئىشلىمەسلىك، ماشىنا چىرىغى يانماسلىق، بالون تەكشى بولماسلىق قاتارلىق يول يۈرۈشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان كاشىلىلارنىڭ بار يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش.

② پىراۋا قانۇنلۇق. ئارىيەتكە ئالغۇچىنىڭ پىراۋىسى قانۇنلۇقمۇ يوق، پىراۋىسىدا ھەيدەشكە يول قويۇلىدىغان ماشىنا تىپى بىلەن ئارىيەتكە بېرىلىدىغان ماشىنا ماس كېلەمدۇ يوق. 

③ قارشى تەرەپ ماشىنا ھەيدىيەلەيدۇ. ئارىيەتكە ئالغۇچى ماشىنا ھەيدىيەلەمدۇ، ھاراق ئىچتىمۇ يوق، زەھەر چەكتىمۇ يوق. 


4. باشقىلارغا ئارىيەتكە بېرىپ تۇرۇلغان ماشىنىدا ھادىسە كۆرۈلسە سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم بېرەمدۇ؟ 

سۇغۇرتا توختامىدا «ماشىنىنى ئارىيەتكە بەرگەندە كۆرۈلگەن ھادىسە زىيىنى تۆلەپ بېرىلمەيدۇ» دەپ بەلگىلەنمىگەن. تۆلەش-تۆلىمەسلىكتە يەنىلا ئارىيەتكە ئالغۇچىغا قارىلىدۇ. شۇڭا سىز تۆلەم ماددىلىرىنى ئەستايىل ئوقۇپ ئاندىن ئىمزا قويۇشىڭىز كېرەك.

دىققەت: ئارىيەتكە ئالغۇچى ماشىنىڭىزنى يەنە باشقا بىرسىگە ئارىيەتكە بېرىپ تۇرۇپ ھادىسە كۆرۈلگەن بولسا، سۇغۇرتا شىركىتى زىياننى تۆلەپ بەرمەيدۇ. 

ئەمما بەك ئەندىشە قىلىپمۇ كەتمەڭ. مۇشۇ يۇقىرىقى نۇقتىلارنى ئېسىڭىزدە تۇتسىڭىزلا قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەلۋەتتە ماشىنىنى ئىشەنچىلىك ئادەمگە ئارىيەتكە بېرىڭ، بولمىسا ھادىسە كۆرۈلمىگەن تەقدىردىمۇ، قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ جەرىمانە تۆلەيدىغان ئىش بولسىمۇ بەكلا ئاۋارىچىلىق تۇغۇلىدۇ. 


كۆرۈش 300 300 لىك
ئاۋات ماشىنا تىپلىرى