• 2.17 مىليون قىممىتىدىكى 88888 نومۇر تاختىسى بىر خونداغا ئېسىلدى
  • يوللانغان ۋاقتى : 2017-04-03 مەنبەسى : auto.qq.com ئاپتۇرى :


تېڭشۈن تورى 2-ئاپرېل خەۋىرى،

3-ئايدا دوڭگۈەن ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسى كىمئارتۇق قىلىش يىغىنىدا 182 پارچە «888» نومۇر تاختىسى بىر مەيدان چوڭ دولقۇن پەيدا قىلدى، سىز نەچچە ئون مىڭ، ھەتتا نەچچە يۈز مىڭغا بىر نومۇر تاختىسىنى سېتىۋېلىشنى قالتىس ئىش دەپ قارامسىز؟ تۆۋەندىكى بايلارنىڭ قىلغىنى ھەقىقىي قالتىس ئىش ھېسابلىنىدۇ. 

3-ئاينىڭ 10-كۈنى شاۋگۈەن شەھىرىدە بىر مەيدان ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسىنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش يىغىنى ئېچىلدى، باشلىنىش باھاسى 250 مىڭ يۈەن بولغان 粤F88888 نومۇر تاختىسى ئاخىرىدا فوشەندىن كەلگەن پۇلدار تەرىپىدىن 2 مىليون 170 مىڭ يۈەنگە سېتىۋېلىندى. تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى، بۇ قىممەت باھالىق نومۇر تاختىسى بىر ئادەتتىكى ئاپتوموبىلغا ئېسىلدى، lysion ئالىي دەرىجىلىك نۇسخىسىمۇ 300 مىڭ يۈەن بولغان بىر MPV ئاپتوموبىلى، ئەمما بۇ 2 مىليون 170 مىڭ يۈەنلىك «قەلەي تاختا» بۇ ماشىنىنىڭ باھاسىنى يەتتە ھەسسە ئۆستۈردى. 

فوشەندە بۇنداق قىلغانلار يالغۇز بىرلا ئادەم ئەمەس، ئىلگىرى فوشەندىكى بىر پۇلدار 370 مىڭ يۈەنگە 粤Y9999 نومۇر تاختىسىنى سېتىۋېلىپ Honda Fitقا ئاسقان. 

بۇ ماشىنىغا سېلىشتۇرغاندا يۇقىرىقىلارنى تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمەيدۇ، 粤S99999 نومۇر تاختىسى 50 مىڭ يۈەنلىك باۋجۈن 730 ئاپتوموبىلىغا ئېسىلغان.

ئوخشاشلا فوشەندىكى بۇ ماشىنا ئىگىلىرى پۇل خەجلىمەيلا قالتىس نومۇرلارغا ئېرىشكەن. 

بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى نومۇر تاختىسى زادى قانچە پۇلدۇ؟

بۇ دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ قالتىس بەش نومۇر تاختىسىنىڭ كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش باھاسى.

يېقىنقى يىللاردا دوڭگۈندە كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلغان ئالدىنقى 10 نومۇر تاختىسى. 


كۆرۈش 300 300 لىك
ئاۋات ماشىنا تىپلىرى