• ماشىنىڭىزنى سوقۇۋەتكەن ئۇششۇقلاردىن تۆلەم ئالالمىسىڭىز مۇنداق قىلىڭ
  • يوللانغان ۋاقتى : 2017-03-31 مەنبەسى : auto.qq.com ئاپتۇرى :

تېڭشۈن تورى خەۋىرى،

ئەگەر سىزنىڭ ماشىنىڭىز باشقىلار تەرىپىدىن سۈرۈۋېتىلسە، شۇنداقلا جاۋابكارلىق قارشى تەرەپتە بولسا، بىراق قارشى تەرەپ تۆلەم تۆلەشنى كەينىگە سوزۇپ ئۇششۇقلۇق قىلسا ياكى تۆلەم تۆلەشكە ئۇنىمىسا، ئۇنداقتا بۇ خىل سىز قانداق قىلىشىڭىز كېرەك؟ «مۇتتەھەم»لەرنى تۆلەم تۆلىتىش ھەقىقەتەن قىيىن ئىش. ئەگەر سىز نائىلاج قالسىڭىز سۇغۇرتا شىركىتىگە تېلىفون قىلىپ ياردەم سوراڭ. پەقەت سۇغۇرتا شىركىتىگە تېلېفون قىلىپ ۋاكالىتەن تۆلەپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسىڭىز تۆلەم ناھايىتى تېزلا ھەل بولىدۇ. 


1. ۋاكالىتەن تۆلەپ بېرىش دېگەن نېمە ؟ 

نۇرغۇن ئاپتوموبىل ئىگىلىرى تېخى ۋاكالىتەن تۆلەپ بېرىش دېگەننى ئېنىق بىلمەيدۇ. ۋاكالىتەن تۆلەپ بېرىش دېگىنىمىز گەپنىڭ ئېنىقىنى قىلغاندا سۇغۇرتا شىركەتلىرى ئاپتوموبىل ئىگىسىگە ئاپتوموبىل زىيىنىنى ئالدىن تۆلەپ ئاندىن جاۋابكار تەرەپتىن تۆلەم سۈرۈشتۈرۈش. سۇغۇرتا شىركىتى قانداق چارە ئىشلىتىپ تۆلەمنى تۆلىتىۋالىدۇ؟ بۇ سۇغۇرتا شىركىتى ۋە جاۋابكار تەرەپ ئارىسىدىكى ئىش. سىز بىلەن ئالاقىسى يوق.

2. قايسى خىل ئەھۋال ئاستىدا ۋاكالىتەن تۆلەپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؟ 

1) جاۋابكار تەرەپ ئاپتوموبىلىنىڭ ئاپتوموبىل سۇغۇرتىسى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە جاۋابكار تەرەپ تۆلەم تۆلەشكە ئۇنىمىغان ۋاقىتتا سىز ۋاكالىتەن تۆلەپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ.

2) جاۋابكار تەرەپ قاتناش ساقچىسىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئايرىشىغا قايىل بولمىسا ھەمدە ھادىسە مەسئۇلىيەتنامىسىغا ئىمزا قويۇشنى رەت قىلغان ۋاقىتتا سىز ۋاكالىتەن تۆلەپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ.

3) جاۋابكار تەرەپ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى ناچار، تۆلەم تۆلەشكە پۇلى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەندە، مەسىلەن ئۈچ چاقلىق ۋېلىسىپىت ئاپتوموبىلنى سۈرىۋەتكەندە. بەزى ئاپتوموبىل ئىگىسى بەلكىم رېمونت قىلىش چىقىمىنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىپ قارشى تەرەپنى كەتكۈزىۋېتىشى مۇمكىن. ئەگەر سىز قارشى تەرەپنى تۆلىتىپ ئۆزىڭىزنى زىياندىن ساقلاپ قېلىشنى ئويلىسىڭىز ئۇنداقتا سىز ۋاكالىتەن تۆلەپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ.

4) جاۋابكار تەرەپ ئىزچىل باھانە-سەۋەب بىلەن تۆلەم تۆلەشنى كېچىكتۈرسە ياكى بىۋاسىتە رەت قىلغان ۋاقىتتا سىز ۋاكالىتەن تۆلەپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ.

5) قارشى تەرەپنىڭ قاتناش ۋاستىسى قېچىپ كەتكەن، ئەمما ھادىسە سادىر قىلغان ئاپتوموبىلنىڭ ئۇچۇرىنى خاتىرىلىۋالغاندا، مەسىلەن تېلېكامېرا سۈرەت خاتىرلەش ئەسۋابى ياكى باشقا ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق جاۋابكار تەرەپنىڭ ماشىنا تاختىسى نومۇرىنى سۈرەتكە ئېىۋالغاندا. گەرچە قارشى تەرەپ قېچىپ كەتكەن بولسىمۇ ئۇ چوقۇم ئېتىراپ قىلمايدۇ ۋە تۆلەم تۆلەشكە ئۇنىمايدۇ. بۇ چاغدا پەقەت سىز دەلىل-ئىسپات چىقىرالىسىڭىزلا ۋاكالىتەن تۆلەپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ.

كۆرۈش 300 300 لىك
ئاۋات ماشىنا تىپلىرى