• قاتناش ساقچىلىرى ئەڭ كۆپ تەكشۈرىدىغان ماشىنىلار قايسىلار؟
  • يوللانغان ۋاقتى : 2017-03-31 مەنبەسى : auto.qq.com ئاپتۇرى :

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، 

سىز مۇنداق بىر مەسىلىنى بايقىدىڭىزمۇ؟ قاتناش ساقچىسى ماشىنا تەكشۈرۈش جەريانىدا ھەمىشە مەلۇم بىر خىل ماشىنىنى تەكشۈرۈشكە ئامراق، بىراق بەزى ماشىنىلارنى ئەزەلدىن تەكشۈرۈپ باقمىغان. لېكىن بەزى ئاپتوموبىللار دائىم قاتناش ساقچىلىرى تەرىپىدىن توسۇپ تەكشۈرۈلىدۇ؟ بۇ نېمە ئۈچۈن؟ بۇ خىل ھادىسىنى تۆۋەندىكى مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ، ئەلۋەتتە. دائىم تەكشۈرۈلىدىغان مەلۇم بىر خىل ماشىنا بىلەن قاتناش ساقچىسىنىڭ ئالاقىسى بار. بۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ 

قاتناش ساقچىسى ھەرگىزمۇ ماشىنىلارنى خالىغانچە تاللاپ تەكشۈرمەيدۇ، بەلكى ئۇنىڭ مەلۇم قانۇنىيىتى بولىدۇ. بولۇپمۇ تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل ماشىنا. كۆرۈپ باقايلى، سىزنىڭ ماشىنىڭىزنى بۇ تىزىملىككە چىقتىمۇ؟

 

1. كوزۇپلۇق ئاپتوموبىللار، چاتما پرىتسېپلىق ئاپتوموبىللار، چوڭ يۈك ئاپتوموبىللىرى

بۇلار ئاساسىي جەھەتتىن ھەممىسى مال تۇشۇيدىغان، ناھايىتى ئاسانلا نورمىدىن ئارتۇق يۈك بېسىش ئەھۋالى كۆرۈلىدىغان ئاپتوموبىللار، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يەنە بۇ خىل ئاپتوموبىللار ھەر خىل كىنىشكە ۋە رەسمىيەتلەرگە چېتىلىدۇ. ئەگەر ئاپتوموبىل ئىگىسى بۇلارغا سەل قارىسا قاتناش ساقچىسى تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، چۈنكى بۇ خىل ماشىنىلارنى تەكشۈرگەن ۋاقىتتا ئاسانلا ھەر خىل ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، جەرىمانە قويۇش، نومۇر تارتىش ئەھۋالى بىر قەدەر كۆپ، شۇڭا بۇ خىلدىكى ئاپتوموبىللار قاتناش ساقچىلىرىنىڭ «قارشى ئېلىشىغا» ئېرىشىدۇ. 

2. مىنبۇس

مىنىبۇسمۇ ئەمەلىيەتتە قاتناش ساقچىسى تەكشۈرۈشنى ياخشى كۆرىدىغان ئاپتوموبىل تىپلىرىنىڭ بىرى. بۇ خىل ئاپتوموبىل يەنىلا بىر قەدەر كۆپ. كۆپىنچىسى مال توشۇشقا ۋە ئادەم توشۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. لېكىن مىنىبۇس بوشلۇقى چوڭ، شۇڭلاشقا بەزىدە پەقەت مال توشۇشقا ئىشلىتىلگەندە كىشىلەر ئۆزىنىڭ ماشىنىسىنى ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇشى مۇمكىن، مەسىلەن ئورۇندۇقلىرىنى چۇۋۇش قاتارلىق. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇشقا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ. شۇڭا قاتناش ساقچىلىرى بۇخىل ماشىنىلارنى تەكشۈرگەندە ئاسانلا جەرىمانە تالونى يېزىلىپ كېتىدۇ.

3. ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان ئاپتوموبىللار 

بەزى ئاپتوموبىل ئىگىلىرى ئۆزىنىڭ ئاپتوموبىلىدىكى ئەسلى چىراغنىڭ نۇرىدىن رازى بولماي ماشىنىغا ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇپ، چىراغ ۋە باشقىلارنى ئورنىتىدۇ. بۇلارمۇ ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتىشكە كىرىدۇ. بۇ قىلمىش كېچىدە يول يۈرگەندە بەلگىلىك خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا بۇمۇ قانۇنغا ئۇيغۇن ئەمەس. تاشقى قىياپىتى ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان ماشىنىلار ئاسان بايقىلىپ قالىدۇ، شۇڭا قاتناش ساقچىلىرى بۇ خىل ماشىنىلارنى تەكشۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ.


كۆرۈش 300 300 لىك
ئاۋات ماشىنا تىپلىرى