• ئاپتوموبىل داتلىشىشىدىن ساقلىنىشتىكى بىر قانچە ئاددىي ئۇسۇللار
  • يوللانغان ۋاقتى : 2017-03-21 مەنبەسى : nur.cn ئاپتۇرى :

ئالدى بىلەن ئاپتوموبىلنىڭ ئاسان سۇ يىغىلۋالىدىغان ئورۇنلىرىنىڭ نەملىك دەرىجىسىنى تەكشۈرۈش كېرەك. ئاپتوموبىل ھەيدەپ سىرتقا چىققاندا قار، يامغۇرلۇق ھاۋارايى ۋە پاتقاق يول بۆلەكلىرىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، بۇنىڭلىق بىلەن ئاپتوموبىلنىڭ تەگلىكى قاتارلىق ئورۇنلاردا پاتقاق ئاسان چاپلىشىۋالىدۇ. شۇڭا ئاپتوموبىلنى دائىم تەكشۈرۈپ، نەملىكنىڭ تاجاۋۇزلىقىدىن ساقلىنىپ، ماشىنىنىڭ داتلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. 

ئاپتوموبىلنىڭ يۈزىدىكى بەزى كىچىك ئىزلارغا سەل قاراشقا بولمايدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بۇ ئىزلاردا دات پەيدا بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئاپتوموبىلنىڭ سەل قارىلىدىغان ئورۇنلىرىدىكى سىرغا دىققەت قىلىش كېرەك. 

قار، يامغۇر كۈنلىرى ئاپتوموبىل ياپقۇچىنى ياپقاندا شېغىللارنىڭ كىرىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك، بولمىسا ياپقۇچ ئىچىگە كىرىۋالغان شېغىل سۈركىلىش جەريانىدا ئاپتوموبىلنىڭ سىرىنى ئۇپرىتىۋېتىدۇ.

بەزى ئاپتوموبىللارنىڭ سىرى يۇمشاق بولغاچقا شېغىل سەۋەبىدىن سىرى چۈشۈپ، ۋاقىت ئۇزارغانچە داتلىشىۋالىدۇ. مۇمكىن بولسا ئاپتوموبىلغا بىر قەۋەت ئېمال سىرى بېرىش ئارقىلىق ئەسلى سىرىنى قوغداشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

ئەگەر ئاپتوموبىل سىرىنىڭ ئىز ئورنى بەك چوڭ بولمىسا، ئىنچىكىرەك قۇم قەغىزىنى سۇغا تەگكۈزۈپ داتنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، سىر تولۇقلايدىغان قەلەم بىلەن سىرنى تولۇقلاپ قويسىلا بولىدۇ. 

ئاپتوموبىل سىرىنىڭ ئىزىنى چىش پاستىسى سۈرتۈش ئارقىلىقمۇ تازىلىغىلى بولىدۇ. ھەر قېتىم يامغۇر ياغغان ياكى ئاپتوموبىلنى يۇيغاندىن كېيىن بىر قېتىم چىش پاستىسى سۈرتۈشكە بولىدۇ، بۇنىڭلىق بىلەن جىجىلغان ئورۇننىڭ ئىزىنى سۇسلاشتۇرغىلى بولىدۇ، يەنە مەينەت نەرسىلەرنىڭ چاپلىشىۋېلىشىدىن ساقلىنىپ، داتلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.


خالىدە ئوسمان تەرجىمىسى


كۆرۈش 300 300 لىك
ئاۋات ماشىنا تىپلىرى