• يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىكى بىراقلا 12 نومۇر تارتىلىپ كېتىدىغان قىلمىشلار
  • يوللانغان ۋاقتى : 2017-03-21 مەنبەسى : auto.qq.com ئاپتۇرى :

تېڭشۈن تورى 18-مارت خەۋىرى، 

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا دائىم قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيولدا ماشىنىلارنىڭ سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولغاچقا، ئەگەر ۋەقە يۈز بەرسىلا، ئاقىۋىتى ناھايىتى ئېغىر بولىدۇ. شۇڭلاشقا شوپۇر دوستلارنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ماشىنا ھەيدىگەندە ئالاھىدە دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئازراقلا دىققەت قىلمىسىڭىز يەنە نومۇر تارتىلىپ، جەرىمانە تۆلىشىڭىز مۇمكىن، ھەتتا بىر قېتىمدىلا 12 نومۇر تارتىلىپ كېتىدۇ. ئۇنداقتا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىكى قايسى قىلمىشلارغا 12 نومۇر تارتىلىدۇ؟

1. ئوڭ تەرەپتىن يانداپ ئۆتۈش

شوپۇر دوستلار يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ماشىنا ھەيدىگەندە بەزى ماشىنىلارنىڭ يانداپ ئۆتۈش يولىنى ئۇزۇن ۋاقىت ئىگىلىۋالىدىغان ئەھۋاللارغا دائىم ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل ماشىنىلار تاشپاقىدەك ئاستا مېڭىپ، كەينىدىكى ماشىنىلارنىڭ يانداپ ئۆتۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا بەزى شوپۇرلار بىۋاستە ئوڭ تەرەپتىن يانداپ ئۆتۈپ كېتىدۇ، بىراق بۇ خىل قىلمىش ناھايىتى ئاسانلا قاتناش ۋەقەسى پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر قاتناش ساقچىلىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ قالسا بىراقلا 12 نومۇر تارتىلىپ كېتىدۇ.

2. يول باشلاش سىزىقىدا ماشىنا توختىتىش 

ھەممىمىزگە مەلۇم، يول باشلاش سىزىقىنىڭ ئاساسلىق رولى ماشىنىلارغا يول باشلاش ۋە تارقاقلاشتۇرۇش، ماشىنىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز يولىدا مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇش، بۇ ئارقىلىق قاتناش قىستاڭچىلىقى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. بىراق بەزى ساپاسى تۆۋەن شوپۇرلار يول باشلاش سىزىقىدا ماشىنا توختىتىۋالىدۇ، بۇ خىل قىلمىش قائىدىگە ئېغىر خىلاپ قىلمىش بولۇپ، بايقالغان ھامان 12 نومۇر تارتىلىدۇ. 

3. تەتۈر يۆنىلىشتە مېڭىش، ماشىنىنى ئارقىغا ياندۇرۇش

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا تەتۈر يۆنىلىشتە مېڭىش ياكى ماشىنىنى كەينىگە ياندۇرۇش قىلمىشلىرى ناھايىتى خەتەرلىك بولۇپ، بۇ «ئۆلگۈسى كەلگەنلىك»نىڭ ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا ئەگەر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا تەتۈر يۆنۈلۈشتە ماڭغان، ياكى ماشىنىنى كەينىگە ياندۇرغان ئەھۋاللار بايقالغان ھامان 12 نومۇر تارتىلىدۇ.

4. جىددىي ئەھۋاللاردا مېڭىش يولىنى خالىغانچە ئىگىلىۋېلىش

جىددىي ئەھۋاللاردا يۈرۈش يولى ئاساسلىقى ماشىنىلار جىددىي ھادىسىلەرگە ياكى ئالاھىدە ئەھۋاللارغا يولۇققاندا ئىشلىتىدىغان يول. ئەگەر بۇ يولنى خالىغانچە ئىگىلىۋالغاندا ئالتە نومۇر تارتىلىپ، 200 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئەگەر جىددىي ئەھۋاللاردا يۈرۈش يولىنى ئۇزاق مۇددەت ئىگىلىۋالغاندا، بىراقلا 12 نومۇر تارتىلىدۇ.

5. سۈرئەتتىن ئاشۇرۇپ ھەيدەش

ئەمەلىيەتتە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ۋەقەلەرنىڭ كۆپ يۈز بېرىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى شوپۇرلارنىڭ سۈرئەتتىن ئاشۇرۇپ ھەيدىشىدۇر. ئەگەر ماشىنىنىڭ سۈرئىتى %20~%50 كىچە ئېشىپ كەتسە، ئۇنداقتا ئالتە نومۇر تارتىلىدۇ. ئەگەر ماشىنىنىڭ سۈرئىتى %50تىن ئېشىپ كەتسە ئۇنداقتا بىراقلا 12 نومۇر تارتىلىدۇ. شۇڭا شوپۇر دوستلار ئەگەر ئۆيىڭىزگە بىخەتەر قايتماقچى بولسىڭىز، ھەرگىز ماشىنىنى سۈرئەتتىن ئاشۇرۇپ ھەيدىمەڭ.


كۆرۈش 300 300 لىك
ئاۋات ماشىنا تىپلىرى