• ئاپتوموبىل گاز تۇربىسىدىن سۇ ئاقسا نورمالمۇ؟
  • يوللانغان ۋاقتى : 2017-03-12 مەنبەسى : Turbo سالونى ئاپتۇرى :

تورداشلار دىققەت قىلغان بولسا كېرەك، بەزى ئاپتوموبىللارنىڭ گاز چىقىرىش تۇربىسىدىن توختىماي سۇ ئېقىپ تۇرىدۇ. بۇ ئاپتوموبىلنىڭ بۇزۇلغانلىقىنىڭ بەلگىسىمۇ ياكى نورمال ھادىسىمۇ؟

بۇ سوئالنى مەندىن سورىغانلار ئاز ساندا ئەمەس. ئۇلارغا چوقۇم بىر تېما يېزىش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ئىدىم. لېكىن بۇ تېما ئۇزىراپ كەتسە بولمايدۇ. چۈنكى نۇرغۇن تورداشلار ماڭا ئوخشاشلا فورمۇلاغا ئۆچ دەپ ئويلايمەن...

نېمە ئۈچۈن ئاپتوموبىللارنىڭ كېرەكسىز گاز چىقىرىش تۇربىسىدىن سۇ ئاقىدۇ؟

بەزى كىشىلەرنىڭ جاۋابى بولسا ماتورغا سۇ كىرىپ كەتكەنلىگى ئۈچۈن دەپ قۇيۇشىدۇ. ياكى سۇدا قالغان بولغاچقا شۇنداق بولۇشى مۇمكىن دەيدىغان قاراشلارمۇ بار. لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى خاتا يەكۈن.

ئەسلى سەۋەبى بولسا ئاپتوموبىل ماتورىدىن چىققان كېرەكسىز گاز ئاساسەن ئازوت ئوكسىدى، كاربون چالا ئوكسىد ۋە گىدرو كاربون بىرىكمىسى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى زەھەرلىك گازغا تەۋە. ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ تەبىئەتكە ۋە ئىنسانىيەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنى تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئۈچ ئېلىمېنتلىق كاتالىزاتور (三元催化器) بارلىققا كەلگەن. بۇ ئۈسكىنە ئادەتتە كېرەكسىز گاز چىقىرىش تۇربىسىنىڭ باش قىسمىغا ئورنىتىلغان بولىدۇ.

سىلىندىر پارتىلاشتىن كېيىن ھاسىل بولغان كېرەكسىز گاز ئۈچ ئېلېمېنتلىق كاتالىزاتوردىن ئۆتكەن ۋاقتىدا، ئارىسىدىكى گىدرو كاربون بىرىكمىسى (HC) ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىغان بولۇپ، ئىككى خىل نەرسىگە ئايلىنىدۇ. بۇنىڭ بىرى كاربون چالا ئوكسىد (CO)، يەنە بىرسى بولسا سۇ، يەنى H20 غا ئايلىنىدۇ. ( نۇرغۇن خىمىيەلىك مۇرەككەپ بىرىكىش ۋە ئاجراشلار قالدۇرۇلدى )

بۇلاردىن سىرت، يەنە كېرەكسىز گاز تەركىبىدە ئاز مىقداردا سۇ بولۇپ، سوغۇق ھاۋاغا يولۇقۇپ تۇمانلاشقاندىن كېيىن، كېرەكسىز گاز تۇربىسىدىن سىرتقا قويۇپ بېرىلىدۇ. لېكىن بۇ خىل ئەھۋال قىشتا كۆرۈلىدۇ. يەنى گاز چىقىرىش تۇربىسىدىن ئاق ھور كۆتۈرۈلىدۇ. نورمال ئەھۋال.

يازدا بولسىچۇ؟ بۇ سۇنى تۇيۇقسىز توڭلىتىدىغان سوغۇق ھاۋا بولمىغانلىقى ئۈچۈن گاز چىقىرىش تۇربىسىدىن سۇ ئاقىدۇ.

شۇڭلاشقا گاز چىقىرىش تۇربىسىدىن سۇ ئېقىشى نورمال ھادىسە بولۇپ، ئاپتوموبىلىڭىزنىڭ، ماتور ۋە كاتالىزاتور خىزمىتىنىڭ نورمال ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ بىر ياخشى ئەھۋال.

لېكىن گاز چىقىرىش تۇربىسىدىن كۆك ياكى قارا ئىس–تۈتەك چىققاندا دىققەت قىلىش كېرەك. قارا ئىس–تۈتەك ماتوردىكى كۆيۈش خىزمىتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىدىن، كۆك ئىس–تۈتەك بولسا ئاپتول كۆيدۈرۈش ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنىڭغا ۋاقتىدا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.

مەزكۇر ئەسەر تۇربو سالونىدىن ئېلىنغان بولۇپ، ناۋادا ئاپتوموبىل توغرىسىدا ئەڭ كەسپىي ئۇچۇرلارغا ئىگە بولماقچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى ئىككىلەمچى كودنى سىكاننىرلاپ ياكى ئۈندىدارنىڭ سالون ئىزدەش ئورنىغا TURBO دەپ كىرگۈزسىڭىز سالونىمىزنى قېتىۋالالايسىز.


تۇربو سالونى ئاپتوموبىلنىلا ئەمەس، ئاپتوموبىل مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرىدۇ!


كۆرۈش 300 300 لىك
ئاۋات ماشىنا تىپلىرى