• قانداق ئەھۋالدا پىراۋىسىز ماشىنا ھەيدىسىمۇ 12 نومۇر تارتىلمايدۇ؟
  • يوللانغان ۋاقتى : 2017-03-12 مەنبەسى : ئاپتۇرى :

ئەخمەت ئاپتوموبىل ھەيدەپ كېتىۋاتقاندا قاتناش ساقچىلىرىنىڭ ئادەتتىكى تەكشۈرۈشىگە ئۇچراپ، تەكشۈرۈش جەريانىدا ئۆزىنىڭ شوپۇرلۇق پىراۋىسىنى يېنىغا ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى بايقىغان. قاتناش ساقچىلىرى ئەخمەتنى «پىراۋىسىز ئاپتوموبىل ھەيدىگەن» دەپ قاراپ، ئاپتوموبىلنى ۋاقىتلىق تۇتۇپ قېلىپ، 12 نومۇر تارتقان ھەمدە 200 يۈەن جەرىمانە قويغان. ئاخىرىدا، ئەخمەت قاتناش ساقچى ئەترىتىگە بېرىپ مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلغان. بىر ئاي ساقلىغاندىن كېيىن، 11 نومۇرى قايتۇرۇپ بېرىلگەن. 

ئەمەلىيەتتە پىراۋىنى ئۇنتۇپ قېلىش كىنىشكىسىز ئاپتوموبىل ھەيدەشكە كىرمەيدۇ، بىراق «كىنىشكىسىز ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشى»غا تەۋە بولۇپ، 1 نومۇر تارتىلىپ، 200 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئاپتوموبىل ۋاقىتلىق تۇتۇپ قېلىنىدۇ. شوپۇر پىراۋىنى ئېلىپ كېلىپ، تەكشۈرۈپ دەلىللەنگەندىن كېيىن ئاپتوموبىل قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ. شۇڭا، ئەخمەتكە ئاخىرىدا 11 نومۇر قايتۇرۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، بىراق نۇرغۇن ۋاقىتى ۋە زېھنى ئىسراپ بولغان. پىراۋىنى ئۇنتۇپ قېلىش كىنىشكىسىز ئاپتوموبىل ھەيدەشكە تەۋە ئەمەس، بىراق «كىنىشكىسىز ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشى»غا تەۋە بولسا، ئۇنداقتا پىراۋىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە قانداق بولىدۇ؟ پىراۋا يۈتۈپ كەتسىچۇ؟ 

1. پىراۋىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن 

پىراۋىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، شوپۇرلار ئاپتوموبىلنى قانۇنلۇق ھەيدەپ يولغا چىقالمايدۇ. ئەگەر پىراۋا يۈتۈپ كەتكەنگە 12 ئاي توشمىغان ئەھۋالدا، ئاپتوموبىل ھەيدەپ تۇتۇلۇپ قالسىڭىز، بۇ ۋاقىتتا كىنىشكىسىز ئاپتوموبىل ھەيدەش ھېسابلانمايدۇ، بىراق 200 يۈەندىن 500 يۈەنگىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئەگەر داۋاملىق ئاپتوموبىل ھەيدىمەكچى بولسىڭىز، كىنىشكە ئالماشتۇرۇش كەسپىنى بېجىرىپ، يېڭى پىراۋا ئالغاندىن كېيىن ئاپتوموبىل ھەيدەپ يولغا چىقسىڭىز بولىدۇ. 

بۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر پىراۋىنىڭ يۈتۈپ كەتكىنىگە 12 ئايدىن ئېشىپ كەتكەن، 36 ئايغا يەتمىگەن بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئاپتوموبىل ھەيدەپ تۇتۇلۇپ قالسىڭىز، يەنىلا كىنىشكىسىز ئاپتوموبىل ھەيدەشكە تەۋە بولمايدۇ، بىراق 200 يۈەندىن 500 يۈەنگىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئەگەر داۋاملىق ئاپتوموبىل ھەيدىمەكچى بولسىڭىز، كىنىشكە ئالماشتۇرۇش كەسپىنى بېجىرىشىڭىز كېرەك، بىراق قاتناش قانۇن بەلگىلىمىلىرى، بىخەتەر ئاپتوموبىل ھەيدەش بىلىملىرىنى ئۆگىنىشكە قاتناشقاندىن سىرت، بىرىنچى تۈر بىلەن ئۈچىنچى تۈر ئىمتىھاندىن ئۆتكەندىن كېيىن يېڭى پىراۋا ئالالايسىز. 

ئەگەر پىراۋىنىڭ ۋاقتى 36 ئايدىن ئارتۇق ئۆتۈپ كەتكەن ئەھۋالدا ئاپتوموبىل ھەيدىسىڭىز، كىنىشكىسىز ئاپتوموبىل ھەيدەش ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر يەنە داۋاملىق ئاپتوموبىل ھەيدىمەكچى بولسىڭىز، شوپۇرلۇق مەكتەپكە بېرىپ قايتا ئوقۇشىڭىز كېرەك. 

2. پىراۋا يۈتۈپ كەتكەندىن كېيىن

پىراۋا يۈتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئەمەلىيەتتە يۈتكەنلىكىنى مەلۇم قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت ۋاقتىدا ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىغا بېرىپ تولۇقلاپ بېجىرسىڭىزلا بولىدۇ. تولۇقلاپ بېجىرىشتە، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلۇق پىراۋىسىنىڭ يۈتكەنلىكى توغرىسىدىكى يازمىچە باياناتىنى تاپشۇرۇش لازىم. تولۇقلاپ بېجىرىش ئىلتىماس تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن، ئادەتتە 1 خىزمەت كۈنى ئىچىدە تولۇقلاپ بېرىلىدۇ.


كۆرۈش 300 300 لىك
ئاۋات ماشىنا تىپلىرى