• ماشىنىنىڭ كەينى ئورنىدا ئولتۇرغاندا بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىۋېلىش لازىممۇ؟
  • يوللانغان ۋاقتى : 2017-03-12 مەنبەسى : ئاپتۇرى :

تېڭشۈن تورى 9-مارت خەۋىرى،

يېقىندا شېنجېندىكى بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى. بۇ قېتىملىق ۋەقەدە سوقۇلۇش ئورنىغا يېقىن بولغان ئالدىنقى رەتتىكى شوپۇر ۋە شوپۇرنىڭ يېنىدىكى يولۇچى پەقەت يېنىكلا يارىلانغان، كەينى رەتتە ئولتۇرغان يولۇچىلار بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىمىغانلىقتىن، بېشى ماشىنا دېرىزىسىگە سوقۇلۇپ كېتىپ بىرى قازا قىلغان، بىرى ئېغىر يارىلانغان. ئۇنداقتا كەينى رەتتىكى يولۇچىلار بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقاش كېرەكمۇ؟ بىخەتەرلىك تاسمىسىنىڭ قوغداش رولى زادى قانچىلىك؟ 

1. بىخەتەرلىك تاسمىسى زادى قانچىلىك مۇھىم؟

1) بىخەتەرلىك تاسمىسى شوپۇر ۋە يولۇچىلارنى سوقۇلغاندا سىرتقا قاڭقىپ چىقىپ كېتىشتىن ساقلايدۇ.

2) قاتتىق سوقۇشقاندىن كېيىن شوپۇر ۋە يولۇچىلارنىڭ ماشىنا رولى، پرىبور تاختىسى، شامال توسۇش ئەينىكى قاتارلىق جىسىملار بىلەن 2-قېتىم سوقۇلۇپ كېتىشىدىن ساقلايدۇ. 

مەلۇم بىر قېتىملىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشچە، بىر قېتىملىق ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى بولغان ماشىنا ھادىسىسىدە بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىۋالغان يولۇچىلارنىڭ ھايات قېلىش نىسبىتى %60 يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن. يەكمۇيەك سوقۇشقان ۋاقىتتا بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىغان يولۇچىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى %57 تۆۋەنلەيدىكەن. يان تەرەپتىن سوقۇلغاندا بىخەتەرلىك تاسمىسى يولۇچىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنى %44 تۆۋەنلىتەلەيدىكەن. ماشىنا ئۆرۈلۈپ كەتكەندە بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىغان يولۇچىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنى %80 تۆۋەنلىتەلەيدىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا، ماشىنا ۋەقەسىدە كەينى رەتتىكى بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىمىغان يولۇچى ئالدىدىكى رەتتىكى ئورۇنغا قاتتىق سوقۇلغاندا شوپۇر ياكى ئالدى رەتتىكى يولۇچىغا زور دەرىجىدە سوقۇلۇش كۈچى چۈشۈرۈپ، ئالدى رەتتىكىلەرنىڭ ئۆلۈش ئېھتىماللىقىنى بەش ھەسسە ئۆرلىتىۋېتىدىكەن. بۇ كىشىلەرگە بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقاشنىڭ پەقەت شوپۇرنىڭلا ئىشى ئەمەسلىكىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ.

2. بىخەتەرلىك ھاۋا خالتىسى بولغاچقا بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىمىسىمۇ بولامدۇ؟

 چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئاپتوموبىل سوقۇلۇش تەجرىبىخانىسى ئىلگىرى بىخەتەرلىك تاسمىسى ۋە بىخەتەرلىك ھاۋا خالتىسى تېما قىلىنغان بىر تەجرىبە ئىشلىگەن. تەجرىبە نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشچە، ماشىنا سائىتىگە 40 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن يول يۈرگەندە تۇيۇقسىز سوقۇلۇش يۈز بەرسە، ئادەم بەدىنىنىڭ ئالدى تەرەپكە سوقۇلۇش كۈچى 4-قەۋەتتىن يەرگە تاشلانغان 50 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى سېمونتنىڭ يەرگە سوقۇلۇش كۈچىگە تەڭ كېلىدىكەن.

ماشىنا سائىتىگە 50 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن يول يۈرگەندە ئالدىدىكى ماشىنا بىلەن تۇيۇقسىز سوقۇشۇپ كەتكەندە، ماشىنا ئىچىدىكى يالغان ئادەمنىڭ باش قىسمى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە ئالدىدىكى شامال توسۇش ئەينىكىنى كۇكۇم تالقان قىلىۋەتكەن.  ئەگەر بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقالسا بۇ خىل خەتەرلىك ئەھۋال يۈز بەرمەيدىكەن. ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى بولغان بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىدە، بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقاش ماشىنا ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ ھايات قېلىش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. 


رېئال تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشى ماشىنا ئىچىدە بىخەتەرلىك ھاۋا خالتىسى بار تۇرسا، يەنە بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقاشنىڭ نېمە ھاجىتى بولسۇن، دەپ قارايدۇ، بۇ ناھايىتى ئېغىر خاتالىق. پەقەت بىخەتەرلىك ھاۋا خالتىسىغىلا تايىنىۋېلىش ناھايىتى خەتەرلىك. چۈنكى ئۇنىڭ پارتلاش كۈچى ناھايىتى چوڭ. ئەگەر بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىمىغاندا، بەدەن بىۋاستە بىخەتەرلىك ھاۋا خالتىسىغا سوقۇلسا چوقۇم ئېغىر يارىلىنىدۇ.

3. جەرىمانە ئېلىنىشتىن باشقا يەنە نومۇر تارتىلىدۇ

 دۆلىتىمىزنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئەگەر شوپۇر بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىمىسا 50 يۈەن جەرىمانە ئېلىنىدۇ. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، شەھەر ئىچى يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللىرىدا بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىمىسا ئىككى نومۇر تارتىلىدۇ. يولۇچىلار، يەنى ئالدى رەتتىكى يولۇچىلار ۋە كەينى رەتتىكى يولۇچىلار بەلگىلىمە بويىچە بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىمىسا 20 يۈەن جەرىمانە ئېلىنىدۇ. 

ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە كامېرا ئارقىلىق بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىمىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى سۈرەتكە تارتىۋالغىلى بولىدىكەن. ئەگەر ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىماسلىق قىلمىشى كۆرۈلسە قاتناش ئورگانلىرى تاراتقۇلار ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك ئىدارە، شوپۇر، ئاپتوموبىلنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلايدۇ.


كۆرۈش 300 300 لىك
ئاۋات ماشىنا تىپلىرى