• تۈگەنچى باھاردىكى سوغۇقتا ئاپتوموبىلدا پار ئىسسىماسلىقنى ھەل قىلىش چارىسى
  • يوللانغان ۋاقتى : 2017-02-26 مەنبەسى : auto.qq.com ئاپتۇرى :

گەرچە ئاللىقاچان باش باھار بولۇپ قالغان بولسىمۇ، بىراق بەزى جايلار «تۈگەنچى باھاردىكى سوغۇق»قا ئۇچرىغانلىقتىن، ئەتىگىنى ئاپتوموبىلغا ئولتۇرغاندا يەنىلا سوغۇقتىن تىترەيدىغان ئەھۋال داۋاملاشماقتا. بۇنداق ئەھۋالدا، ئاپتوموبىلغا چىقىپلا ئىللىقلىقتىن ھۇزۇرلىنىش كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئارزۇسى، بىراق پارنىڭ ئىسسىماسلىقى نۇرغۇن شوپۇرلارنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟ ئەمەلىيەتتە، ئاپتوموبىل پار سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلمىسى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە جەھەتتىكى تەكشۈرۈش ئارقىلىق كاشىلىنى بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ. 

ئاپتوموبىل ماتورىدىكى سوۋۇتۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ تېمپېراتۇرىسى نىسبەتەن يۇقىرى بولغاندا، سوۋۇتۇش سۇيۇقلۇقى ئىسسىق شامال (پار) سىستېمىسىدىكى ئىسسىق شامال رادىئاتورىدىن ئېقىپ ئۆتۈپ، شامالدۇرغۇچ ئېلىپ كەلگەن ھاۋا بىلەن ماتورنىڭ سوۋۇتۇش سۇيۇقلۇقىنى ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ھاۋا ئىسسىغاندىن كېيىن شامالدۇرغۇچ شامال چىقىش ئېغىزى ئارقىلىق ئىسسىق شامالنى ئاپتوموبىل ئىچىگە يەتكۈزىدۇ. بۇ خىل سىستېمىنىڭ قۇرۇلمىسى ئاددىي، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلىشى ئىشەنچلىك بولۇپ، باشقا يېقىلغۇ كەتمەيدۇ، پەقەت ماتور خىزمەت قىلسىلا، ئىسسىق سۇ ھاسىل بولىدۇ. بىراق بۇ سىستېمىنىڭ يەنە بىر روشەن كەمچىللىكى بار، يەنى ماتورنىڭ سوۋۇتۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ چوڭ ئايلىنىشقا يەتكەندە ئاندىن ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ. ئەگەر پار سىستېمىسىدا كاشىلا كۆرۈلسە، تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەل قىلىش لازىم: 

1. ھاۋا تەڭشىگۈچ سۈزگۈچىنى تەكشۈرۈش

پار ياخشى ئىسسىمىغاندا ئالدى بىلەن ھاۋا تەڭشىگۈچ سۈزگۈچىنىڭ مەينەت بولۇپ كەتكەن كەتمىگەنلىكى، توسۇلۇپ قالغان قالمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش لازىم. بۇ ئەڭ ئاددىي بىراق كۆپ قىسىم شوپۇرلار تازا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان نەرسە بولۇپ، ھاۋا تەڭشىگۈچ سۈزگۈچى ھەقىقەتەن پارنىڭ ئىسسىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر سۈزگۈچ بەك مەينەت بولۇپ توسۇلۇپ قالسا، چىقىدىغان ئىسسىق شامال ناھايىتى كىچىك بولغانلىقتىن، ئىسسىقنى ھېس قىلغىلى بولمايدۇ. 

2. توڭلىماس سۇيۇقلۇقنى تەكشۈرۈش 

سوۋۇتۇش سۇيۇقلۇقى ئادەتتە توڭلىماس سۇيۇقلۇق دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئاپتوموبىلدىكى ئىسسىق شامال مۇشۇ توڭلىماس سۇيۇقلۇقتىن كېلىدۇ، بىراق پىرىنسىپى ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان ھاۋا تەڭشىگۈچ بىلەن ئوخشىمايدۇ. سوۋۇتۇش سىستېمىسىدا سوۋۇتۇش سۇيۇقلۇقى كەم بولۇش سەۋەبىدىن پارنىڭ ئىسسىماسلىقى ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان شۇنداقلا ئەڭ ئاسان ھەل قىلغىلى بولىدىغان مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. 

3. ئىسسىق شامال رادىئاتورىنىڭ توسۇلۇپ قالغان قالمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش

ئەگەر ئىسسىق شامال رادىياتورى توسۇلۇپ قالسا، توڭلىماس سۇيۇقلۇق ئىسسىق شامال رادىياتورىغا كىرەلمەي ياكى ناھايىتى ئاز كىرىپ، ئىسسىق شامال رادىياتورىنىڭ ئىسسىماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ يەردىن ئۆتۈپ ئاپتوموبىل ئىچىگە چىققان شامالمۇ ئەلۋەتتە ئىسسىق بولمايدۇ. ئەگەر راستتىنلا توسۇلۇپ قالغان بولسا، بۇنى رېمونت قىلىش نىسبەتەن ئاۋارىچىلىق بولۇپ، چۇۋۇشقا توغرا كېلىدۇ. 

4. ئەتىياز پەسلىدە ھاۋا تەڭشىگۈچنى تازىلاش

1) پارلاندۇرۇش ساندۇقى ۋە مۇزلاتقۇچنى ئاسراش 

ئاپتوموبىل ئىچىدە ئېچىغان پۇراق بولسا كۆپىنچە ھاۋا تەڭشىگۈچ سىستېمىسىدىكى پارلاندۇرۇش ساندۇقى ۋە مۇزلاتقۇچنى ئاسراش مۇۋاپىق بولمىغانلىقتىن بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاساسلىقى پارلاندۇرۇش ساندۇقىدىكى سۇ ئۇزۇن مەزگىل پارلانماي، باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىدىن بولىدۇ. 

ئەمەلىيەتتە بۇ مەسىلىدىن ساقلىنىش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئاددىي. ئالدى بىلەن، ھاۋا تېخى ئىسسىپ كەتمىگەن ۋاقىتتا، ئاپتوموبىلنىڭ ئىككى يان دېرىزىسىنى چۈشۈرۈۋېتىپ، ھاۋا ئۆتكۈزۈپ، ئاپتوموبىل ئىچىدىكى ھاۋانىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش لازىم. ئىككىنچىدىن، ھاۋا تەڭشىگۈچ ئېچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە، مەنزىلگە ئاز قالغاندا سوۋۇتۇش پومپىسىنى تاقىۋېتىش، بىراق شامالنى ئوچۇق قويۇپ، پارلاندۇرۇش ساندۇقىدىكى سۇنى شامالدا قۇرۇتۇش لازىم. ئۈچىنچىدىن، يازدا يامغۇر نىسبەتەن كۆپ بولغاچقا، ئاپتوموبىل ھەمىشە سۇلۇق يوللاردا مېڭىپ، ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ مۇزلاتقۇچىغا لاي چاپلىشىپ قالىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى مۇزلاتقۇچ داتلىشىپ، ھاۋا تەڭشىگۈچنڭ ئىشلىتىش ئۆمرى قىسقىراپ كېتىدۇ. شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، تازىلىغاندا مۇزلاتقۇچنىڭ ئىسسىقلىق تارقىتىش ياپراقچىسىغا تەگمەسلىك، تۇرۇبىلارنى زەخىملەندۈرمەسلىك لازىم.

2) ھاۋا تەڭشىگۈچ سۈزگۈچىنى ۋاقتىدا تازىلاش ۋە ئالماشتۇرۇش

ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ھاۋا سۈپىتى ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ سۈزگۈچى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا سۈزگۈچنى دائىم تازىلاپ تۇرۇش ۋە قەرەللىك ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش لازىم. 

ئىگىلىنىشىچە، ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ھەر 5000 كىلومېتىردا ياكى ھەر 3 ئايدا سۈزگۈچنى بىر قېتىم تازىلاپ تۇرۇش، ھەر 20 مىڭ كىلومېتىردا ياكى ھەر 12 ئايدا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇش كېرەك ئىكەن. سۈزگۈچنى ئۇزاق مەزگىل تازىلىمىغاندا، سۈزگۈچتىكى چاڭ-توزانلار ئاپتوموبىل ئىچىگە كىرىدۇ، شۇڭا چوقۇم ۋاقتىدا تازىلاش ۋە ئالماشتۇرۇش لازىم. ئادەتتە سۈزگۈچنى تازىلاش ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، سۈزگۈچنى چىقارغاندىن كېيىن سۇ پۈركۈگۈچ بىلەن تازىلىۋەتسىلا بولىدۇ.

3) ھاۋا تەڭشىگۈچ تۇرۇبا يولىنى تازىلاشقا سەل قاراشقا بولمايدۇ 

ھاۋا تەڭشىگۈچ تۇرۇبا يولىنى تازىلاش ئىنتايىن مۇھىم خىزمەت، چۈنكى ئەتىيازدا ھاۋا قۇرغاق بولغاچقا، چاڭ-توزان، باكتېرىيەلەر تۇرۇبا يولىغا يىغىلىپ قالىدۇ ياكى چۆكمە ھاسىل بولىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا تازىلانمىسا، ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ سوۋۇتۇش ئۈنۈمى ناچارلىشىش، شامال كۈچى ئاجىزلاش كۆرۈلىدۇ ھەتتا ھاۋا تەڭشىگۈچ سىستېمىسىدا كاشىلا كۆرۈلىدۇ.

 

ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ھاۋا تەڭشىگۈچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق ھاۋا تەڭشىگۈچ تۇرۇبا يولىنى تازىلاشقا بولىدۇ. ئاپتوموبىلنى ئوت ئالدۇرغاندىن كېيىن، ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ شامال كىرىش ئېغىزىنى ئېچىپ، شامال مىقدارىنى ئەڭ يۇقىرىغا، تېمپېراتۇرىنى ئەڭ تۆۋەنگە توغرىلاپ، ھاۋا تەڭشىگۈچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ھاۋا كىرىش ئېغىزىدىن قۇيغاندا، تەخمىنەن 20 مىنۇتتىن كېيىن، ھاۋا تەڭشىگۈچ تۇرۇبا يولىدىكى ئەخلەتلەر گاز چىقىرىش تۇرۇبىسى ئارقىلىق چىقىپ كېتىدۇ. 

ئاخىرقى سۆز: ئاپتوموبىل پار سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلمىسى نىسبەتەن ئاددىي، تېخنىكىسى پىشقان، كاشىلا كۆرۈلۈش نىسبىتى تۆۋەن بولۇپ، پار ئىسسىمىغاندا ئەنسىرەپ كەتمەي، يۇقىرىدىكى باسقۇچلار بويىچە مەسىلىنى ھەل قىلىشقا بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئىسسىق شامال رادىياتورىدا سۇ ئېقىش كۆرۈلسە، ئاپتوموبىلدا پار ئاچقاندا شامال چىقىش ئېغىزىدىن سۇ پارى چىقىدۇ، شۇنداق ئەھۋالدا پارنى تاقىۋېتىپ، دەرھال رېمونت قىلدۇرۇش لازىم.


كۆرۈش 300 300 لىك
ئاۋات ماشىنا تىپلىرى