• ئەتىيازدا شوپۇرلارنىڭ مۈگدەپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى 6 ماھارەت
  • يوللانغان ۋاقتى : 2017-02-26 مەنبەسى : auto.qq.com ئاپتۇرى :

باھار كۈنلىرىدە ئادەمنى ھەمىشە ئۇيقۇ باسىدۇ، بولۇپمۇ چۈشكە يېقىن، چۈشتىن كېيىن ۋە تاماقتىن كېيىن بۇ خىل ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئاپتوموبىل ھەيدەيدىغان دوستلار چوقۇم ناھايىتى دىققەت قىلىشى كېرەك، ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە مۈگدەش ناھايىتى خەتەرلىك ئىش بولۇپ، خەتىرى ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەشتىن قېلىشمايدۇ. شۇڭا، بىر قىسىم ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە مۈگدەپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

1. قەنتسىز سېغىز 

دىققەت، بۇ يەردە ئېيتىلغىنى قەنتسىز سېغىز. چۈنكى قەنت بەدەنگە قۇۋۋەت تولۇقلايدىغان، يەنى ئاچلىقنى باسىدىغان بولغاچقا، تېخىمۇ ئۇيقۇنى كەلتۈرىدۇ. شۇڭا، ئەڭ ياخشىسى يالپۇز تۈرىدىكى قەنتسىز سېغىز بولۇشى ھەمدە توختىماي چايناپ روھنى كۆتۈرۈش لازىم. 

2. شامال ئۆتكۈزۈش

دېرىزىنى ئېچىپ سوغۇق شامال ئۆتكۈزۈش. ئاپتوموبىل ئىچىگە سوغۇق شامال كىرگەندە، ئۇيقۇنى ئېچىپ روھنى كۆتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. 

3. رىتىم تۇيغۇسى كۈچلۈك مۇزىكا ئاڭلاش 

رىتىم تۇيغۇسى كۈچلۈك مۇزىكا ئادەمنى روھلاندۇرۇش رولىنى ئويناپ، پۈتۈن بەدەندىكى ھۈجەيرىلەرمۇ ھەرىكەتكە كېلىدۇ. بىراق مۇزىكىغا بەك كىرىشىپ كېتىشمۇ خەتەرلىك بولۇپ، يەنىلا ئاپتوموبىل ھەيدەشكە بەكرەك كۆڭۈل قويۇش لازىم.

4. يۈز يۇيۇش 

ئادەتتە، ھەر قانداق ئەھۋالدا، ئۇيقۇ كەلگەندە يۈزنى يۇيۇۋەتسە ئۇيقۇنى ئېچىش رولىنى ئوينايدۇ، بولۇپمۇ ئەتىيازدا ھاۋا تېخى بەك ئىسسىپ كەتمىگەن ۋاقىتتا، يۈزنى سوغۇق سۇ بىلەن يۇغاندا تېخىمۇ روھنى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. 

5. چاي ياكى قەھۋە ئىچىش 

چاي ياكى قەھۋەنىڭ مەلۇم دەرىجىدە روھنى ئۇرغۇتۇش رولى بار. چاي قانچە قويۇق، قانچە ئاچچىق بولسا شۇنچە ياخشى. 

6. ئۆزىنى كاچاتلاش

ئەگەر يۇقىرىدا ئېيتىلغان «قوراللار» بولمىسا، ئەڭ ئىپتىدائىي ئۇسۇل ئۆزىنى كاچاتلاش، يوتىنى چىمداش بولۇپ، ئەگەر ئۆزىڭىز ئۆزىڭىزگە قول سالالمىسىڭىز، باشقىلار ئۇرۇپ قويسىمۇ بولىدۇ، بىراق بەك ئېغىر بولۇپ كەتسىمۇ خەتەرلىك. 


كۆرۈش 300 300 لىك
ئاۋات ماشىنا تىپلىرى