• ئاپتوموبىلنىڭ تىترىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر
  • يوللانغان ۋاقتى : 2017-02-23 مەنبەسى : auto.qq.com ئاپتۇرى :

خۇددى ئادەمنىڭ يېشى چوڭايغانسېرى كېسەل كۆپ بولغىنىغا ئوخشاش، ئاپتوموبىلنىمۇ ئۇزاق ھەيدىگەنسېرى بىر قىسىم بىنورماللىقلار كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتوموبىلنىڭ «تىترەش» ئەھۋالى بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئاپتوموبىلنىڭ «سالامەتلىكى ياخشى بولمىغان» ئەھۋالدا، ھەمىشە «ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتى» ئېلىپ بېرىدۇ، شۇڭا ئاپتوموبىلنىڭ تىترەش ئەھۋالىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئاپتوموبىلنىڭ ئوخشاش بولمىغان شەكىلدە تىترىشى ئوخشاش بولمىغان «كېسەللىك»تىن بېشارەت بېرىدىغان بولۇپ، ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنىڭ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنى ياخشى ئىگىلەپ، ئارتۇق پۇل خەجلەشتىن ساقلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. 

1. سوغۇق ئاپتوموبىل ئوبوروت ھالەتتە تىترەش 

ئامراق ئاپتوموبىلىڭىز ئوبوروت ھالەتتە روشەن ھالدا تىترىسە ھەمدە سۇ تېمپېراتۇرىسى نورمال ھالەتكە يەتمىسە، ماتورنىڭ سۇسپېنزىيە (悬置)سى بۇزۇلغانلىق ئېھتىماللىقى نىسبەتەن يۇقىرى. ماتور سۇسپېنزىيەسى ماتور بىلەن ئاپتوموبىل گەۋدىسىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان زاپچاس بولۇپ، ماتوردىكى تىترەشنىڭ ئاپتوموبىل گەۋدىسىگە ئۆتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇ زاپچاس بۇزۇلغاندىن كېيىن، ماتور بىلەن ئاپتوموبىل گەۋدىسى ئوتتۇرىسىدا «قاتتىق ئۇلىنىش» ھاسىل بولۇپ، تىترەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەتتە تەكشى بولمىغان يوللاردا يۈرگەندە ياكى سۈرئەت ئاستىلىتىش بەلبېغىدىن ئۆتكەندە سۈرئەت ئاستىلىتىشقا دىققەت قىلمىغاندا بۇ زاپچاسنىڭ ئۆمرى قىسقىراپ كېتىدۇ. 

2. پۈتۈن ئاپتوموبىل تىترەش 

ئاپتوموبىل نورمال يول يۈرگەندە، ئەگەر پۈتۈن ئاپتوموبىل تىترىسە، ئاپتوموبىلنىڭ تۆت چاقىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىدا مەسىلە كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، ۋاقتىدا تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىش لازىم، ئەگەر مەسىلە يەنىلا ھەل بولمىسا، زاپچاس ئالماشتۇرۇش ئېھتىماللىقى بولۇشى مۇمكىن. 

3. رول تىترەش

ئەگەر ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە ھەمىشە رول تىترەشنىڭ بىر قەدەر ئېغىرلىقىنى ھېس قىلسىڭىز، ئالدى ئىككى چاق ياكى يېرىم ئوق ھەرىكەت ئۇزىتىش سىستېمىسىدا مەسىلە كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن، بۇنداق چاغدا ئالدى بىلەن ئالدى چاقنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى تەكشۈرۈش ئاندىن يېرىم ئوقنىڭ ئۇپرىغان ئۇپرىمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش لازىم. ئەگەر قانچە تېز ماڭغانسېرى تىترەش شۇنچە ئېغىر بولسا، ھەرىكەت ئۇزىتىش ئوقىنىڭ رېزىنكىسى كونىراپ كەتكەنلىكتىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. 

4. ئاپتوموبىلنى تورمۇزلىغاندا تىترەش 

ئەگەر تورمۇز دەسسىگەندە ئاپتوموبىل تىترىسە، ئاساسىي جەھەتتىن تۆت چاقنىڭ تورمۇز تەخسىسىدە مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئادەتتە ئالدى ئىككى چاقنىڭ تورمۇز تەخسىسىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كەتسە ئاسانلا تورمۇزلىغاندا تىترەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بىۋاسىتە ئالدى ئىككى چاقنىڭ تورمۇز تەخسىسىنى ئالماشتۇرسىلا بولىدۇ. يەنە بىر خىل ئەھۋال بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ، ئالدى چاقنىڭ تورمۇز تەخسىسى ئادەتتە شامال ئۆتۈشچان تەخسە بولغاچقا، ئىسسىقلىق تارقىتىش تولۇق بولمىسا شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، شۇنداق چاغدىمۇ تورمۇز تەخسىسىنى ئالماشتۇرۇش كېرەك. 

يۇقىرىقى ئەھۋاللاردىن باشقا، ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان يەنە بىر خىل تىترەش سەۋەبى بولسا گاز تەڭشەش كىلاپانى (节气门) بەك مەينەت بولۇپ كەتسە ياكى ماي پۈركۈش ئېغىزىدا كاربون كۆپ يىغىلىپ قېلىش بولۇپ، ئاپتوموبىلنى ئوت ئالدۇرغاندىن كېيىن يىغىلىپ قالغان كاربون ئۈستىدىكى بېنزىن ماتور تەرىپىدىن سۈمۈرۈلۈپ سىلىندىر ئىچىدە كۆيۈپ، ماتوردىكى كۆيۈشچان بىرىكمە گازنىڭ قويۇقلۇقى ئېشىپ كەتكەندە، سوغۇق ئاپتوموبىلنى ئوت ئالدۇرغاندا ئوبوروت ھالىتىدە تىترەش كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ماي يولىنى تازىلاش لازىم. 

مەيلى قايسى خىل تىترەش بولسۇن، ئاپتوموبىل بىزنى ئاگاھلاندۇرغاندا، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىگە سەل قارىماسلىقىمىز لازىم.


كۆرۈش 300 300 لىك
ئاۋات ماشىنا تىپلىرى