• ماتورنى كاردىن چىقىرىپ، ئاپتوموبىلنى بىراك قىلىدىغان ئادەتلەر
  • يوللانغان ۋاقتى : 2017-02-16 مەنبەسى : auto.qq.com ئاپتۇرى : ماشىنا


كۆپچىلىككە ئايان بولغىنىدەك، ماتور ئاپتوموبىلنىڭ يۈرىكى بولۇپ، قەرەلىدە ئاسراش كېرەك. بىراق بىر قىسىم شوپۇرلار ئۆزىنىڭ ئامراق ئاپتوموبىلىنىڭ ماتورىنى ئۆزى بۇزۇپ قويىدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب زادى نېمە؟ بۈگۈن بىز ماتورغا زىيىنى ئەڭ ئېغىر بولغان بىر قىسىم ئادەتلەرنى كۆرۈپ باقايلى.

1. يۇقىرى خوتتا تۆۋەن سۈرئەتتە مېڭىش

بىر قىسىم شوپۇرلاردا، بولۇپمۇ يېڭى شوپۇرلاردا يۇقىرى خوتقا سېلىۋېلىپ تۆۋەن سۈرئەتتە مېڭىش، سۈرئەتنى ئاشۇرماقچى بولغاندا خوتنى تۆۋەنلەتمەسلىك، ماي دەسسەشنىلا بىلىپ، ماشىنا سىلكىنىپ كەتسىمۇ خوتنى تۆۋەنلەتمەسلىك ئادەتلىرى بولۇپ، بۇنداق ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە ماتور بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. يۇقىرى خوتتا مەجبۇرىي ماي دەسسەپ سۈرئەتنى ئاشۇرغاندا ياكى ھەمىشە تۆۋەن سۈرئەتتە ماڭغاندا، ماتور يېقىلغۇنى تولۇق كۆيدۈرەلمەي، ئاسانلا كاربون يىغىلىپ، كېيىنچە ماتورنىڭ مۇقىم بولماسلىقى، كۈچى بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. خاتا خوتقا سېلىش

بىر قىسىم يېڭى شوپۇرلار ئاپتوماتىك خوتلۇق ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە ھەمىشە مۇنداق خاتالىقلارنى سادىر قىلىدۇ: ئاپتوموبىل توختاتقاندا P خوتقا سېلىشنى ئۇنتۇپ قېلىش، يول يۈرگەندە تۆۋەن سۈرئەتلىك خوتقا سېلىۋېلىپ، ئۇزاق ۋاقىت يۇقىرى سۈرئەتتە يول يۈرۈش ھەمدە D خوتتىن N خوتقا سېلىپ خالاستايدا يول يۈرۈش قاتارلىقلار. خاتا خوتقا سېلىشنىڭ سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچكە بولغان زىيىنى ئانچە يۇقىرى ئەمەس، بىراق ماتورغا نىسبەتەن زىيىنى ئىنتايىن ئېغىر.

3. ئاپتولنى بەك كۆپ قۇيۇش

ئاپتوموبىلنى ئاسراش دەۋرى ئاپتوموبىلنى ئاسراش ئارىلىقىدىكى كىلومېتىر سانى ياكى ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ. ئاسراشنىڭ قېتىم سانى كۆپ بولۇش يامان ئىش ئەمەس بولۇپ، ئاپتوموبىلنىڭ تۈرلۈك ئىقتىدارلىرىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، بىراق ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئاسراشنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى يوق. كۆپلىگەن يېڭى ئاپتوموبىللارنى ئادەتتە ھەيدىگەندە، ئەگەر بىرىكمە ئاپتول ئىشلىتىلسە، ئاساسەن ھەر 10 مىڭ كىلومېتىردا ھەتتا 20 مىڭ كىلومېتىردا بىر قېتىم ئاپتول ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ.

ئەگەر ئاپتولنى بەك كۆپ قۇيۇۋەتسە، ئەگرى ئوق ۋە تۇتاشتۇرغۇچى دەستە (شاتۇن) ئايلانغاندا سىلىندىرنىڭ ئىچكى دىۋارىغا چاچراپ كىرىدىغان ئاپتول مىقدارى كۆپىيىپ كېتىدۇ، يەنى ماتورنىڭ كۆيۈش بۆلمىسىگە كىرىدىغان ئاپتول ئېشىپ كېتىپ، كۆيۈش بۆلمىسىدە كاربون يىغىلىش كۆپىيىپ، پورشېن ھەرىكىتىنىڭ قارشىلىق كۈچى ئېشىپ كېتىپ، ماتورنىڭ قۇۋۋىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. كۆيۈش بۆلمىسىگە كىرگەن ئاپتولنىڭ جىقلاپ كېتىشى يەنە قالدۇق گاز قويۇپ بېرىشنى يامانلاشتۇرۇپ، ئۈچ ئېلېمېنتلىق كاتالىزلاش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئۆمرىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئۈچ ئېلېمېنتلىق كاتالىزلاش ئۈسكۈنىسىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. سۇ كىرىپ كەتكەندىن كېيىن ماتورنى قايتا ئوت ئالدۇرۇش

يامغۇرلۇق كۈندە ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە، ئەگەر يامغۇر سۈيى يىغىلىپ قالغان جايدىن ئۆتكەندە يامغۇر سۈيى ئاپتوموبىل گەۋدىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، سۇدىن ئۆتكەندىن كېيىن ماتور ئۆچۈپ قالسا، ئارقىدىنلا قايتا ئوت ئالدۇرماسلىق كېرەك. بۇنداق قىلغاندا ماتور بىۋاسىتە پالەچ بولۇپ، پۇل خەجلەپ رېمونت قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا سۇغۇرتا شىركىتىمۇ تۆلەم بەرمەيدۇ، چۈنكى بۇ شوپۇرنىڭ تېخنىكىلىق مەشغۇلات خاتالىقى ھېسابلىنىدۇ.

5. تاسمىنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئالماشتۇرماسلىق

تاسما ئۈزۈلۈپ كەتسە، ماتور كېرەكتىن چىقىدۇ. ماتورنىڭ ۋاقىت تاسمىسىنى ئالماشتۇرۇش ۋاقتى ھەر قايسى ئاپتوموبىللاردا ئوخشاش بولمايدۇ. بەزى ئاپتوموبىللاردا 60 مىڭ كىلومېتىردا ئالماشتۇرۇش تەلەپ قىلىنسا، يەنە بەزى ئاپتوموبىللاردا 150 مىڭ كىلومېتىردا ئالماشتۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇڭا ئاپتوموبىلنىڭ چۈشەندۈرۈش قوللانمىسىدىكى كىلومېتىر سانى ياكى ۋاقتى بويىچە ئالماشتۇرۇش لازىم.

6. رادىياتور قايناپ كەتسە بىۋاسىتە سوغۇق سۇ قۇيۇش

رادىياتور «قايناپ» كەتكەندە، بىر قىسىم شوپۇرلار ماتور تېمپېراتۇرىسىنىڭ داۋاملىق ئۆرلەپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئاپتوموبىلنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرۈپلا سوغۇق سۇ قۇيىدۇ. بۇنداق قىلغاندا سىلىندىرنىڭ تۇيۇقسىز سوغۇققا ئۇچراپ يېرىلىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بار. شۇڭا، ئاپتوموبىلنى توختاتقاندىن كېيىن، ماتورنى ئوبوروت ھالىتىدە قۇرۇق ئايلاندۇرۇپ ئىسسىقلىقنى تارقىتىش ھەمدە كاپۇتنى ئېچىپ ئىسسىقلىق تارقىتىش لازىم. ئەگەر سوۋۇتۇش سۈيى يېتەرلىك بولمىسا، ئاستا-ئاستا قۇيۇپ، سىلىندىرنىڭ تۇيۇقسىز سوغۇققا ئۇچراپ يېرىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش لازىم.

7. ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە ئەزەلدىن كۆرسەتكۈچ سائەتلەرگە قارىماسلىق

ئادەتتە ئاپتوموبىلنىڭ كۆرسەتكۈچ سائەتلىرى ئاپتوموبىلنىڭ ھالىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە كۆرسەتكۈچ سائەتلەردىكى سۇ تېمپېراتۇرىسى، ئاپتول، تورمۇز، ماتور، يېقىلغۇ مىقدارى قاتارلىق بەلگىلەرگە ھەمىشە قاراپ تۇرۇش، ئاپتوموبىل توختاپ قالغاندا ئاندىن قاراشتىن ساقلىنىش لازىم.

8. ئاپتوموبىلنى سوغۇق ئوت ئالدۇرغاندىن كېيىن قىزىتماسلىق

ھاۋا سوغۇق كۈنلىرى، ئاپتوموبىلنى سوغۇق ئوت ئالدۇرۇپلا مېڭىشقا بولمايدۇ. نۆۋەتتىكى ئېلېكتىر پۈركۈگۈچلۈك ئاپتوموبىللارنى بەك ئۇزاق قىزىتىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق. ئادەتتە 30 سېكۇنتتىن بىر مىنۇت ئەتراپىدا، بەك سوغۇق قىش كۈنلىرى بىر يېرىم مىنۇت ئەتراپىدا ئورنىدا تۇرغۇزۇپ قىزىتقاندىن كېيىن، سۇ تېمپېراتۇرىسى نورمال ھالەتكە ئۆرلىگەنگە قەدەر تۆۋەن سۈرئەتتە مېڭىپ قىزىتىش لازىم.

9. ئاپتول سۈزگۈچ راۋان بولماسلىق

ئاپتول ئاپتول سۈزگۈچنىڭ ئىنچىكە تۆشۈكچىلىرىدىن ئۆتكەندە، ئاپتول تەركىبىدىكى قاتتىق دانىچىلار ۋە يېپىشقاق ماددىلار سۈزگۈچكە يىغىلىپ ساقلىنىدۇ. ئەگەر سۈزگۈچ توسۇلۇپ قالسا، ئاپتولنىڭ سۈزگۈچتىن ئۆتۈشى راۋان بولماي، سۈزگۈچ يېرىلىپ كېتىشى ياكى مەينەت نەرسىلەر ئاپتولغا ئەگىشىپ سىلىقلىنىدىغان جايغا كىرىشى مۇمكىن بولۇپ، بۇ ماتورنىڭ ئۇپرىشىنى تېزلىتىپ، ماتور ئىچىدىكى بۇلغىنىشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا ئاپتول سۈزگۈچنىمۇ قەرەلىدە ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش لازىم.

10. ئاپتوموبىلنى ھاۋا تەڭشىگۈچ ئوچۇق ھالەتتە ئوت ئالدۇرۇش

ئەڭ ياخشىسى ئاپتوموبىلنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرۈشتىن بىر ئىككى مىنۇت بۇرۇن ھاۋا تەڭشىگۈچنى تاقىۋېتىش لازىم. بۇنداق بولغاندا، ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ شامال چىقىش ئېغىزىنى قۇرۇتقىلى، ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىچىدە باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولۇپلا قالماي، ھەممىدىن مۇھىمى، ئەگەر ھاۋا تەڭشىگۈچنى تاقىماي تۇرۇپ ماتورنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرۈپ، يەنە بىر قېتىم ئوت ئالدۇرغاندا، ماتورنىڭ بېسىمى ئېشىپ كېتىدۇ. شۇڭا، ماتورنى ئوت ئالدۇرۇپ ئىككى ئۈچ مىنۇت ئۆتۈپ، ماتور سىلىقلانغاندىن كېيىن ئاندىن ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىش لازىم.


كۆرۈش 300 300 لىك
ئاۋات ماشىنا تىپلىرى