• ساختا مال ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان 10 خىل ئاپتوموبىل بۇيۇمى
  • يوللانغان ۋاقتى : 2017-02-12 مەنبەسى : auto.qq.com ئاپتۇرى :


ئاپتوموبىل سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئاپتوموبىلنى ئاسراش كەم بولسا بولمايدۇ. ئاپتوموبىلىنى ئىشلەتكەن ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بىر قىسىم زاپچاسلارنى ئالماشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، بىراق زاپچاسلارنىڭ راست ياكى ساختىلىقىنى پەرقلەندۈرۈشتە تەجرىبىگە تايىنىش كېرەك بولۇپ، ئادەتتە خېرىدارلار ياخشى پەرقلەندۈرەلمەي، ئاسانلا ساختا مال سېتىۋالىدۇ. تۆۋەندە بىز ساختا مال ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان بىر قىسىم زاپچاسلار ۋە ئاسراش بۇيۇملىرىنى كۆرۈپ باقايلى.

1. ئاپتول

سۈپەت كاپالەت مۇددىتىدىن ئۆتۈپ كەتكەن ئاپتوموبىللارغا نىسبەتەن، كۆپلىگەن ئاپتوموبىل ئىگىلىرى 4S دۇكىنىغا بېرىپ قىممەت باھادا ئاپتول ئالماشتۇرۇشتىن ۋاز كېچىدۇ. بىراق بازاردا ساختا ئاپتوللار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ساختا ئاپتول ماتورغا زىيان يەتكۈزۈپ، ئاسانلا كاشىلا پەيدا قىلىپ، ئاپتوموبىل ۋە ئادەمنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدۇ.

تاشقى ئورالمىسىغا قاراشتىن باشقا، ھەقىقىي ئاپتولنىڭ رەڭگى ساختا ئاپتولغا قارىغاندا كۆپ قېنىق بولىدۇ، ساختا ئاپتولدا يەنە روشەن غىدىقلىغۇچى بېنزىن پۇرىقى بولىدۇ. بۇ خىل پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلىدىن باشقا، كۆپچىلىكنىڭ ئامال بار بايراقدار دۇكاندىن تاللاپ سېتىۋېلىشىنى، ھوقۇق بېرىلمىگەن دۇكانلاردىن سېتىۋالماسلىقنى تەۋسىيە قىلىمىز.

2. ئەينەك سۈيى

ھەقىقىي ئەينەك سۈيى ئارقىلىق ئەينەك سۈرتكەندە ئەينەك ناھايىتى پاكىز بولىدۇ. ئەينەك سۈيىنىڭ راست ياكى ساختىلىقىنى پەرقلەندۈرۈشتىكى ئۇسۇل ئۇنىڭ مۇز تۇتقان تۇتمىغانلىقىغا قاراشتۇر. ھەقىقىي ئەينەك سۈيى قىش كۈنلىرىمۇ مۇز تۇتمايدۇ.

ئەسلىدىلا قىشتا سوغۇق بولمايدىغان، مۇز تۇتمايدىغان رايونلاردا ئاساسلىقى پۇرىقى ۋە رەڭگىگە قاراش كېرەك.

3. ئۇچقۇنلاتقۇچ

ئائىلە ئاپتوموبىللىرىغا ئىشلىتىلىدىغان، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن بىر تال ئادەتتىكى 10W~15W يەككە قۇتۇپلۇق ئىرىدىي ئۇچقۇنلاتقۇچنىڭ باھاسى 35 يۈەندىن 45 يۈەن ئارىلىقىدا بولىدۇ. ئەرزان گۆشنىڭ شورپىسى يوق، ئەگەر باھاسى 35 يۈەندىن تۆۋەن بولسا، ئەڭ ياخشى سېتىۋالماڭ، ھەتتا قاراپمۇ قويماڭ. ياخشىراق چوڭراق ماركىدىكى ئۇچقۇنلاتقۇچنىڭ باھاسى 70 يۈەندىن 150 يۈەنگىچە بولىدۇ.

ئۇچقۇنلاتقۇچ سېتىۋالغاندا رېزبىلىرىنىڭ سىلىق ياكى ئەمەسلىكىگە قاراش لازىم. ئۇچقۇنلاتقۇچنىڭ ساپال ئىزولياتورى ئۈستىگە تىپى، ماركىسى بېسىلغان بولغان، ساختا ئۇچقۇنلاتقۇچتىكى بۇ خەتلەرنى تىرناق بىلەن تاتىلىغاندا ئاسانلا چىقىپ كېتىدۇ.

4. تورمۇز ياپراقچىسى

گەرچە تورمۇز ياپراقچىسى ئىنتايىن مۇھىم زاپچاس بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ساختا مال ئىنتايىن كۆپ. ساختا تورمۇز ياپراقچىسىنى ئىشلەتكەندە ئاپتوموبىلنىڭ تورمۇزلاش ئىقتىدارى ياخشى بولمايلا قالماي، تورمۇز تەخسىسىنى ئۇپرىتىۋېتىدۇ، ھەممىدىن مۇھىمى بىخەتەرلىككە يوشۇرۇن خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئىشەنچلىك ئورۇنلاردىن سېتىۋېلىش لازىم.

5. يامغۇر سۈرتكۈچ

يامغۇر سۈرتكۈچ ئاپتوموبىلدىكى ئاسان ئۇپرايدىغان بۇيۇملارنىڭ بىرى بولغاچقا، ساختا مالمۇ ئىنتايىن كۆپ. ئەگەر يامغۇر سۈرتكۈچ سېتىۋالغاندا ئاپتوموبىل ئىگىلىرى ئازراقلا دىققەت قىلمىسا، ناھايىتى ئاسانلا ساختا مال سېتىۋالىدۇ. يامغۇر سۈرتكۈچ سېتىۋالغاندا، قول بىلەن كاۋچۇك يامغۇر سۈرتكۈچنىڭ يۈزىنى تۇتۇپ بېقىش، ئەگەر ئېلاستىكلىقى بولمىسا ياكى يېرىقچىلار بولسا، سېتىۋالماسلىق لازىم.

6. ئاپتوموبىل چاپلىقى

ئەمەلىيەتتە ئاپتوموبىل چاپلىقىنىڭ رولى ئىنتايىن كۆپ، مەسىلەن: كۆز قامىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپتوموبىل قاتتىق سوقۇلغاندا ئەينەك پارچىلىرىنىڭ ئۇچۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىش قاتارلىقلار ئاپتوموبىل چاپلىقىنىڭ ئاساسلىق خۇسۇسىيىتى بولۇپ، سۈپىتى ياخشى بولغان ئاپتوموبىل چاپلىقى يەنە %99 ئۇلترا بىنەپشە نۇرنى توسالايدۇ، ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەيدۇ. شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ ئەڭ ياخشىسى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى داڭلىق ماركىلارنى سېتىۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

7. بالون

بالون ئاپتوموبىلنىڭ ئەڭ مۇھىم زاپچاسلىرىنىڭ بىرى، ئەگەر بالوندا مەسىلە كۆرۈلسە، بىخەتەرلىكمۇ زور تەھدىتكە ئۇچرايدۇ. بىراق بالونمۇ ساختا مال كۆپ ئۇچرايدىغان زاپچاس بولۇپ، تۆۋەندە بالوننىڭ راست ياكى ساختىلىقىنى پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلىنى كۆرۈپ باقايلى:

ئالدى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان چېسلاغا قاراش. چېسلاغا قارىغان ۋاقىتتا يەنە چېسلانىڭ ئەتراپىدا تەكشى بولمىغان كاۋچۇك بار-يوقلۇقىغا قاراش كېرەك، ئەگەر بولسا، بۇ بالوننىڭ ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى ئۆزگەرتىلگەن بولۇشى، يەنى ساختا بالون بولۇشى مۇمكىن.

ئۇنىڭدىن قالسا بالون تۈكلىرى ۋە ئۇپراش بەلگىسىگە قاراش كېرەك. ئادەتتە يېڭىلانغان بالون كونا بالون ئاساسىدا ئۈستىگە بالون ئىزلىرىنى ئويۇپ چىقىرىش ئارقىلىق ياسىلىدىغان بولۇپ، بۇنداق بالونلارغا بالون تۈكى ۋە ئۇپراش بەلگىسىنى چىقىرىش ئىنتايىن قىيىن، شۇڭا يېڭىلانغان ساختا بالونلاردا بالون تۈكى ۋە ئۇپراش بەلگىسى بولمايدۇ.

8. توڭلىماس سۇيۇقلۇق

توڭلىماس سۇيۇقلۇقنىڭ توڭلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داتلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دۇغ قېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قايناپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق روللىرى بار، قىش پەسلىدە شىمالدىكى رايونلارنىڭ توڭلىماس سۇيۇقلۇقنىڭ مۇزلاش نۇقتىسىغا بولغان تەلىپى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، توڭلىماس سۇيۇقلۇقنىڭ توڭلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى ئۇنىڭ رەڭگىنىڭ قېنىقلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، شۇڭا بىر قىسىم ئىنسابسىز سودىگەرلەر توڭلىماس سۇيۇقلۇققا رەڭ ماددىسى قوشۇۋېتىدۇ. لاياقەتسىز توڭلىماس سۇيۇقلۇقنى ئىشلەتكەندە، تۇرۇبىلارنىڭ توسۇلۇپ قېلىشى، سىلىندىر گەۋدىسىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ماتورنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئۆمرىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

سۈپىتى ناچار توڭلىماس سۇيۇقلۇققا سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان مېتىل ئىسپىرت قوشۇۋېتىلىدىغان بولغاچقا، بۇرۇننى غىدىقلايدۇ، باش قېيىش ۋە كۆزدىن ياش ئېقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەم ئاسانلا پارغا ئايلىنىپ كېتىدۇ، ھەقىقىي توڭلىماس سۇيۇقلۇقتا غەلىتە پۇراق بولمايدۇ، شۇڭا سېتىۋالغاندا پۇراپ بېقىش كېرەك.

9. چاق كۇدىسى

كۇدىنى پەرقلەندۈرۈشتە ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئىش سەنئىتىگە قاراش لازىم. ئوخشىتىپ ياسالغان، ساختا كۇدىلارنىڭ ئىش سەنئىتى نىسبەتەن قوپال بولىدۇ. چۈنكى ساختا كۇدىلارنىڭ قېلىپىنىڭ نازۇكلۇق دەرىجىسى يۇقىرى بولمىغاچقا، كۇدىنىڭ ئەتراپلىرىدا قولغا سانجىلىدىغان تىكەنلەر بولىدۇ. ئەسلى زاۋۇتتا ئىشلەنگەن كۇدىنىڭ ئىچى-تېشىغا ئوخشاش رەڭدىكى سىر بېرىلىدۇ، ساختا، تەننەرخ سەۋەبىدىن، ئوخشىتىپ ياسالغان، ساختا كۇدىلارنىڭ ئىچى-تېشىدىكى رەڭ پەرقى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. بۇنىڭدىن قالسا، كۇدىغا بېسىلغان خەت نۇسخىسىغا قاراش كېرەك. مەيلى ئەسلى زاۋۇتنىڭ كۇدىسى بولسۇن ياكى ساختا كۇدا بولسا، كۇدىنىڭ ئارقا تەرىپىدە كۇدىنىڭ ماركىسى، ئىشلەپچىقىرىلغان ئورنى قاتارلىقلار بېسىلغان بولىدۇ. ئادەتتە ساختا كۇدىغا بېسىلغان خەتلەر ئەسلى زاۋۇتنىڭ خەت نۇسخىسىنى دورىيالمايدۇ.

10. ئاپتول سۈزگۈچ

ئاپتول سۈزگۈچنىڭ ساختىسىنى ياساشمۇ ناھايىتى ئاسان بولغاچقا، ساختىسى ئىنتايىن كۆپ. ساختا سۈزگۈچنىڭ ھىملاش چەمبىرى كىچىكرەك، ئىچكى قىسىم ئىش سەنئىتى قوپال بولۇپ، داتلىشىپ ماتورغا زىيان يەتكۈزىدۇ. سۈزگۈچ ئاپتولغا چىلانغاندىن كېيىن ئاسان چۈشۈپ كېتىپ، سۈزۈش ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ.

كۆرۈش 300 300 لىك
ئاۋات ماشىنا تىپلىرى