• بىر تېمىممۇ سۇ ئىشلەتمەيدىغان سۇسىز ماشىنا يۇيۇش تېخنىكىسى دىيارىمىزغا كىردى
  • يوللانغان ۋاقتى : 2017-02-12 مەنبەسى : نۇر تورى ئاپتۇرى :


 


1.  سۇسىز ماشىنا يۇيۇشنىڭ بارلىققا كېلىشى؟

سۇسىز ماشنا يۇيۇش بولسا ئالدى بىلەن گېرمانىيە، ئەنگىليە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىدە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئاندىن كېيىن جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەتلىرىگە تارقالغان، ئاستا-ئاستا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە

يېتىپ كىرگەن، ئاسىيادا تۇنجى بولۇپ سىنگاپوردا ئومۇملاشقان، ئاندىن ئىچكىردىكى شەھەرلەرگە كىرگەن.

سۇسىز ماشىنا يۇيۇش (قۇرۇق ماشىنا يۇيۇش) بولسا فىزىكىلىق تازلاش بىلەن خىمىيىلىك تازلاش ئۇسۇلىنىڭ بىرىكمىسى بولۇپ، ماشىنىغا قارىتا زامانىۋى تازلاش ئۇسۇلى قوللىنىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت مۇھىم ئالاھىدىلىكى بولسا بۇلغانغان سۇ قۇيۇپ بېرىلمەيدۇ، سۇ ئىشلىتىلمەيدۇ، مەشغۇلاتى ئاددىي، مەخسۇس مەيدان، ئۈسكۈنە ۋە ئېنىرگىيە ھاجەتسىز، بىرلا ۋاقىتتا سۇسىز ماشىنا يۇيۇش ئارقىلىق تازلاش، پارقىرىتىش، لا ئۇرۇش ئۈنۈمىگە ئېرىشىپ، ۋاقىت ۋە كۈچنى تەڭ تېجىگىلى بولىدۇ، يۇقىرى-تۆۋەن ھەممىگە ماس كەلگەن بولۇپ، ئىنتايىن قۇلايلىق.

2.  نېمىشقا سۇ ئىشلەتمەي تۇرۇپمۇ ماشىنىنى پاكىز تازلىغىلى بولىدۇ

مەزكۇر مەھسۇلات گېرمانىيەنىڭ نامى تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، كۆپ مىقداردىكى ئاكتىپلاشتۇرغۇچى سۇيۇقلۇق، داغ لەيلەتكۈچى سۇيۇقلۇق، كۈچلۈك بولغان سىڭدۈرۈش سۇيۇقلىقى، پالما مېيى ھەمدە ئاق ماي، ۋاھ مېيى قاتارلىق گىرىم بۇيۇم دەرىجىلىك تەبىئىي ماتېرىياللار پىششىقلاپ ئىشلەنگەن، بۇ مەھسۇلاتنى ماشىنىغا پۈركۈگەندىن كىيىن، ئەڭ تېز سۈرئەتتە چاڭ-توزانلارنى ئۆزىگە سۈمۈرۈپ، بۇ چاڭ-توزانلارنى ماشىنىنىڭ سىرتقى يۈزىدىن ئايرىپ چىقىدۇ، ئاساسىي پىرىنسىپى  قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى  ئاشخانا بۇيۇملىرىنىڭ يۈزىدىكى مايغا يۇلۇققان ھامان دەرھال بۆلۈنۈپ چىققانغا ئوخشاش.

مەزكۇر ماشىنا تازلاش سۇيۇقلۇقى، ئۇزۇن مۇددەت لا ئۇرۇش، نەملىكتىن ساقلاش سۇيۇقلىقى، سىر ئاسراش سۇيۇقلىقى، سۇلياۋ قەۋىتىنى تازلاش سۇيۇقلىقى قاتارلىق ماشىنا پەردازلاشتا ئىشلىتىلىدىغان ئاسراش بۇيۇملىرىغا ۋەكىللىك قىلالايدۇ. بۇ مەھسۇلاتنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكەندە، پاكىزلىقىنى ساقلاپلا قالماي، ئۈنۈمىنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلىغىلى، شۇنداقلا ماشىنا بەدىنىدىكى سىر يۈزىنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى، بالدۇر كونىراشتىن، يېرىلىپ ئاجراپ كىتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

مەھسۇلاتىمىز دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ يېڭى ئېقىمىغا ماس كېلىدۇ. ئاساسلىقى مۇھىت ئاسراش، زەھەرسىز، سۇ تېجەش، سۈرئىتى تېز بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، ھەر قانداق ئورگانىك ئېرىتكۈچى سۇيۇقلۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان، بازاردىكى بىر قىسىم مەھسۇلاتلارغا ئورگانىك ئېرىتكۈچى سۇيۇقلۇق قوشۇلغان بولۇپ، ئۇلارغا سېلىشتۇرغاندا ماشىنا بەدىنىنىڭ سىر يۈزىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىغىلى بولىدۇ. (تەركىبىدە ئورگانىك ئېرىتكۈچى سۇيۇقلۇق بولغان مەھسۇلاتلارنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكەندە ماشىنا بەدىنىنىڭ سىر يۈزىنى زەخىمگە ئۇچرىتىش، سىر يۈزىنى سۇسلاشتۇرۋېتىش، كونىرىشىنى تېزلىتىش ھادىسىلىرى يۈز بېرىدۇ.

 

3. سۇ ئارقىلىق ماشىنا يۇيۇش بىلەن سۇسىز ماشىنا يۇيۇشنىڭ پەرقى

1) سۇ بايلىقىنى تېجەيدۇ. رايونىمىز ئىچكى قۇرۇقلۇق رايون، سۇ مەنبەسى ئىنتايىن كەمچىل، بۇ خىل تۈرنى ئىشلەپچىقرىشتا ئاساسلىقى مۇشۇ تەرەپنى كۆزدە تۇتقان. سۇسىز ماشىنا يۇيۇشتا سۇ ئىشلىتىلمەيدۇ، سۇ تېجەش ئۈنۈمى كۈرۈنەرلىك؛ ئەكسىچە سۇ ئارقىلىق يۇيۇلغان ماشىنىغا ئەڭ ئاز بولغاندا 40 لىتىر ئەتراپىدا سۇ سەرپ بولىدۇ. نۇرغۇن ماشىنا يۇيۇش ئورۇنلىرىنىڭ سۇ بىر تەرەپ قىلىش سېستىمىسى يوق، بەزى ئورۇنلار ھەتتا بىۋاستە تۇربا سۈيىدىن پايدىلىنىپ ماشىنا يۇيىدۇ، بۇنداق بولغاندا دۆلىتىمىزنىڭ جۈملىدىن رايونىمىزنىڭ سۇ بايلىقى تېخىمۇ بەك ئىسراپ بولىدۇ.

2) مۇھىت ئاسرايدۇ، مەزكۇر مەھسۇلاتىمىزنىڭ ئىشقارلىك قىممىتى 7-8 غىچە نېيترال قىممەتنى ئالغان بولۇپ، زەھەرسىز، چىرىتىش ماددىسى يوق، ھىچقانداق بۇلغۇغۇچى ماددا ئىشلەپ چىقارمايدۇ، مۇھىت ئاسرايدىغان يېشىل مەھسۇلات. ئەكسىچە سۇ ئارقىلىق ماشىنا يۇيغاندا ئىشقارلىق ماشىنا يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلىتىغان بولۇپ، بۇلغانغان سۇلارنى قۇيۇپ بېرىدىغان ئۈسكۈنە بۇلۇشى كېرەك، لېكىن بىر قىسىم ماشىنا يۇيۇش ئۇرۇنلىرىنىڭ مەينەت سۇلارنى قۇيۇپ بېرىدىغان ئۈسكۈنىلىرى بولمىغاچقا بۇ سۇلارنى بىۋاستە قۇيۇپ بېرىپ، مۇھىتنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغۇنىشىنى كەلتۇرۇۈپ چىقىرىدۇ.

3) سۇ ئارقىلىق ماشىنا يۇيغاندا يۇيۇش جەريانىدا، سۇ ماشىنىنىڭ ئىچكى قىسمىغا سىڭىپ، ئۇزۇن مۇددەت تۇرغاندا ماشىنىنىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى چىرىتىۋېتىدۇ، دېتاللارنىڭ زەخىملىنىش نىسبىتى يۇقىرى، ئىچكى قىسىمدىكى سىم يوللىرىنىڭ كونىرىشى تېز، ھەر خىل كاشىلىلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ماتۇر ئوت ئالماسلىق، ماشىنا چىرىقى سۇس يېنىپ قېلىش، كاناي ياڭراق چىقماسلىق، ھەتتا تۇرمۇز ئىشلىمەي، ئۆزلىكىدىن خەتەر چىقىش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدۇ.ئەكسىچە سۇسىز ماشىنا يۇيغاندا يۇقىرىدا دىيىلگەن بۇ ئاۋارچىلىقلار قەتئىي يۈز بەرمەيدۇ.يەنە بىر جەھەتتىن سۇ ئارقىلىق ماشىنا يۇيغاندا ماشىنىغا زەخمە يېتىش ئېغىر بولىدۇ، ماشىنىنىڭ سىر يۈزى بىلەن بۇلۇت ئارىسىدا سۈركىلىش يۈز بېرىدۇ، لىكىن سىلىقلاش ئۈنۈمى بولمايدۇ.ماشىنىنىڭ سىر يۈزى ئاسانلا سىزىلىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، ئادەتتىكى ماشىنا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ماشىنىنىڭ سىر يۈزىگە قارىتا چىرىتىش رولىنى سەل چوڭ، ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكەندە ماشىنىنىڭ سىر يۈزىدىكى قوغداش قەۋىتى يوقاپ كېتىش، ماشىنا بەدىنىنىڭ رەڭگى سۇس بولۇش، نۇرسىز بولۇش، ماشىنا يۈزىنىڭ كونىرىشى تېز بۇلۇش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدۇ. سۇسىز ماشىنا يۇيۇش مەھسۇلاتىنىڭ تەركىبىدە سۇسپېنزىيەلىك دورا بولۇپ، ماشىنىنىڭ سىر يۈزى بىلەن مەينەت ماددىلار ئارىسىدا بىر قەۋەت بوشلۇق ھاسىل قىلىدۇ، مەھسۇلات تەركىبىدىكى پالما مېيى مەينەت ماددىلارنى ئۆزىگە تارتىپ، ماشىنىنىڭ سىر يۈزىدىن ئايرىپ چىقىدۇ، ئاندىن سىرتقى يۈزدىكى ئاكتىپلاشتۇرغۇچى سۇيۇقلۇق مەينەت ماددىلارنى تازلاپ، سىر يۈزىنىڭ سىزىلىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە مەھسۇلات تەركىبىدىكى يۇقىرى مالىكولىلىق بىرىكمە، پارقىراقلىقىنى ئاشۇرغۇچى ماددا ماشىنىنىڭ سىرتقى يۈزىنى تېخىمۇ ياخشى تازلاپ، ماشىنىنىڭ سىرتقى يۈزىدە يۇقىرى مالىكولىلىق قوغداش قەۋىتىنى ھاسىل قىلىدۇ؛يامغۇر، قار، بوران قاتارلىق تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ ماشىنىغا بولغان زىيىنىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، ماشىنىنىڭ ياخشى ياردەمچىسى بۇلالايدۇ.

4) سۇسىز ماشىنا يۇيۇش جەمئىيەتكە ماسلاشقان، مەشغۇلاتى ئاددىي بولغان ئالاھىدىلىككە ئىگە، تېخنىكا تەركىبى يۇقىرى، تەلىپى تۆۋەن، مۇلازىمىتى جانلىق؛ شۇ جاينىڭ ئۆزىدە ماشىنا يۇيۇشقا بولىدۇ، ئىشىك ئالدىغىچە مۇلازىمەت قىلىنىدۇ، تېز ھەم قولايلىق. رىقابەت ئۈستۈنلىكى يوق، بىرلا ۋاقىتتا تازلاش، لا ئۇرۇش، پارقىراقلاشتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، بىراق باھاسى يەنىلا سۇ ئارقىلىق ماشىنا يۇيغان بىلەن ئوخشاش.

4. سۇسىز ماشىنا يۇيۇش تۈرىنىڭ جەمىئيەتكە بولغان تەسىر؟

سۇسىز ماشىنا يۇيۇش بۇلسا رايونىمىزغا تۇنجى تۈركۈمدە كاتالىيە ماركىسىدا كېرگەن بولۇپ، قىسقىغىنە ۋاقىتنىڭ ئىچىدە بىر قانچە تارماق ما شىنا يۇيۇش مەركىزى ۋە ئاقسۇغا تارماق شىركىتىمىز قۇرۇلدى. قۇلايلىق تۈر ئەلا مۇلازىمەت، تېز سۈرئەت كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ.

5. ئەگەر مەھسۇلات ماشىنىغا قارىتا زەخمە كەلتۈرۈپ چىقسا قانداق قىلىش كېرەك؟

بۇ مەھسۇلات ئەسلىدىنلا ماشىنا قۇرۇلمىسىغا قارىتا ھىچقانداق زەخمە ئېلىپ كەلمەيدۇ، سودىگەر ۋە خېرىدارلارنىڭ گۇمانىنى يوقىتىش ئۈچۈن، مەزكۇر شىركەت شۇنداق ۋەدە بېرىدۇ: ئەگەر بۇ مەھسۇلات سەۋەبلىك ماشىنا ھەر قانداق بىر زىيانغا ئۇچرىسا، پۈتۈن مەسئۇلىيەتكە شىركەت ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ.

6. سۇسىز ماشىنا يۇيۇشنىڭ رايونىمىزدىكى تەرەققىيات نىشانى؟

شىركىتىمىزنىڭ تەرەقىيات نىشانى بولسا بۇنىڭدىن كىيىن خەلىققە قىلدىغان مۇلازىمەتنى تىخىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەت، ئەلا مۇلازىمەت، تىز سۈرئەت ئارقىلىق خەلىققە تىخىمۇ ياخشى بولغان ماشىنا يۇيۇش مۇلازىمىتىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇش .

شۇنداقلا رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى شەھەر، ناھىيەلىرىگە سۇسىز ماشىنا يۇيۇش مۇلازىمەت مەركىزى، ھەمدە ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش نۇقتىسىنى تېخىمۇ كۆپەيتىپ رايونىمىزنىڭ يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن سۇ بايلىقى كەمچىل بولۇش، ئېكىئولوگىيىلىك مۇھىتنى ئاسراش ئىشلىرىغا بىر كىشىلىك ھەسسىمىزنى قوشىمىز.

شىنجاڭ كاتالىيە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى. كاتالىيە سۇسىز ماشىنا يۇيۇش مەركىزى ئورتاق تەرەققىياتنى نىشان قىلغان ئاساستا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىن ھەمكارلاشقۇچى ۋاكالەتچى چاقىرىدۇ.

ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى :2572298-0991، 4001191970

كۆرۈش 300 300 لىك
ئاۋات ماشىنا تىپلىرى